كاتلىن(Kotlin )

كاتلىن(Kotlin ) ھەققىدە چۈشەنچە

2017-يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى گوگىل I/O يىغىنىدا، Kotlin تىلىنى ئاندىرويىد ئېچىش بىر دەرىجىلىك پروگرامما تۈزۈش تىلى قىلىپ بىكىتتى. Kotlin تىلى JetBrains شىركىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان . Kotlin تىلى Java بىلەن 100% ماسلىشالايدىغان، Java تىلىدا يوق بولغان نۇرغۇن خاسلىقلىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

   1. Kotlin دىگەن نىمە؟
   Kotlin بولسا JVM ئاساسىدىكى يېڭى پروگرامما لايىھەلەش تىلى، JetBrains تەرىپىدىن ئېچىلغان.
   Kotlin ئارقىلىق Java، JavaScript لەرنى يېزىشقا بولىدۇ، JVM يوق ئۈسكىنىلەردا قوزغىلالايدۇ.
   2. Kotlin نىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
   . Kotlin بولسا Java نى قوللايدىغان پروگرامما تىلى.
   . Kotlin بولسا Java دىن بىخەتەر.
   . Kotlin بولسا Java دىن ئىخچام، ئۇ variable type inference ،higher-order functions (closures) ،extension functions ،mixins and first-class delegation ئارقىلىق ئىشلەيدۇ.
   . Kotlin دا سىز Java ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز. Kotlin كودىنى Java كودى ئارقىلىق يېزىشقا بولىدۇ.
   . Kotlin دا كود تىپىنى بەك ئاز ئىشلىتىمىز، Kotlin كۆپلىگەن ئۆزگەرگۈچى مىقتارلارنىڭ تىپىغا ئاپتۇماتىك ھۆكىم قىلالايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىككى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ: بىخەتەر، ئاددى.
   3. قانداق ئۆگىنىمىز؟
   . ئورگان تورى: http://kotlinlang.org، ئورگان تورى ماتىريال ئامبىرى: http://kotlinlang.org/docs/reference/android-overview.html
   . دۆلەت ئىچى خەنزۇچە ماتىريال ئامبىرى: https://huanglizhuo.gitbooks.io/kotlin-in-chinese/content، http://www.liying-cn.net/kotlin/docs/reference
   4. Android Studio دا Kotlin ئىشلىتىش
   Kotlin-github ئادىرىسى: https://github.com/JetBrains/kotlin
   Android Studio دا Kotlin قىستۇرمىسى چۈشۈرۈش:
   Settings -> plugins -> BrowseRepositories غا كىرىپ Kotlin دەپ ئىزدەڭ

   Kotlin ئىشلىتىپ Kotlin File/Class ياكى Kotlin Activity قورۇش
   Kotlin قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يېڭى ھۆججەت قۇرۇش تىزىملىكىگە قارىسىڭىز ئىككى دانە Kotlin غا مۇناسىۋەتلىك تىزىملىك بار.

   1) “KotlinFile/Class”: بولسا ئادەتتىكى Kotlin تىپى

   2) “Kotlin Activity”: بولسا Activity تىپى

   5. سىناق ئەپ
   بىر تىلنى تىز ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولسا: قول سېلىپ بىر ئەپ يېزىپ چىقىشتۇر.
   تۆۋەندە مەن دوستلارغا Kotlin دا يېزىلغان بىر كىتاب كۆرۈش APP دىتالىنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرىمەن. https://github.com/wuapnjie/PoiShuhui-Kotlin


بىلىملەر تورىدىن ئېلىندى

تارىختىكى بۈگۈندە:

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code