ساغلاملىق

قىشتا بەرەنگى تۈرىدىكىلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

 كونىلاردا «ئەتىيازدا گۈل، يازدا يوپۇرماق، كۈزدە مېۋە، قىشتا يىلتىز يېيىش كېرەك» دەيدىغان گەپ بار، بۇ يەردىكى يىلتىز تاتلىق بەرەنگى، زىشۇ، بەرەنگى، شەنياۋ قاتارلىق بەرەنگى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەسىلگە ماسلىشىشتىن باشقا، قىش پەسلىدە دائىم بەرەنگى تۈرىدىكىلەرنى يەپ بېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ.

بىرىنچى، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىككىنچى، بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق.

ئۈچىنچى، ۋىتامىن C تولۇقلاشقا پايدىسى بار.

بەرەنگى تەركىبىدە كالىي كۆپ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 100 گىرام بەرەنگى تەركىبىدە 347 گىرام كالىي بار، ئىسسىقلىق مىقدارى 81 كىلوكالورىيە. شۇڭا بەرەنگىنى گۈرۈچنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا، قان بېسىمنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

تاتلىق بەرەنگى تەركىبىدە كاروتېن مول. ئېتى سېرىق تاتلىق بەرەنگىنىڭ رەڭگى كاروتېندىن كېلىدۇ، رەڭگى قانچە قېنىق بولسا، كاروتېننىڭ مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن Aغا ئۆزگىرىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېچىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز كشىلەر تاتلىق بەرەنگىنى جىق يەۋېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

زىشۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ. زىشۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، تەركىبىدە سىئانىدىن مول. بۇ خىل ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىسىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاشقا ياردىمى بار.

شەنياۋ تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. قىشتا كۈتۈنۈشنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى تال ۋە ئاشقازاننى تەڭشەش. جۇڭگو تېبابىتىدە، شەنياۋنىڭ تەبىئىيىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئۆپكە، تال، ئاشقازان، بۆرەككە پايدىلىق دەپ خاتىرىلەنگەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى