يېمەك-ئىچمەك

«ياغسىز يېمەك-ئىچمەك» يەۋېرىپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي قالمىسۇن

ساغلام ئوزۇقلىنىش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياشانغانلار «قۇۋۋەتلىك يېمەك-ئىچمەك» مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.

ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ياشانغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا «ياغسىز يېمەك-ئىچمەك» توغرىسىدىكى خاتا قاراشقا پېتىپ قالماسلىقى كېرەك، «ياغسىز يېمەك-ئىچمەك» بىلەن ئوزۇقلىنىش ئۇزاققىچە داۋاملاشقاندا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دىققەت قىلىش كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك زىيادە ياغسىز بولسىمۇ بولمايدۇ

ھەممەيلەن ياش چوڭىيىپ قالغاندا، يېمەك-ئىچمەك ياغسىز بولۇشى كېرەك، دەيدۇ، ئەمما نۇرغۇن ياشانغانلار «ياغسىز يېمەك-ئىچمەك» ئۇقۇمىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ چۈشىنىۋېلىپ، يېمەك-ئىچمەك خاتا ئۇقۇمى رايونىغا كىرىپ قالدى. گۇاڭجوۋ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانىنىڭ كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىدىكى دوكتور ليۇ جيا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇرغۇن ياشانغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، سۆڭەك شالاڭلىشىش، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كۆرۈلگەچكە، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئوزۇقلۇق بىلىملىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلاردا دائىم «خاتا چەكلىۋېلىش» ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ليۇ جيا كىلىنىكىلىق كۆزىتىش ئارقىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياشانغانلاردا تۆۋەندىكىدەك خاتا قاراشلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى:

1. گۆشسىز غىزالىنىش

ليۇ جيانىڭ قارىشىچە، گۆشسىز تاماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ يەپ قۇۋۋەتنى تەڭشىۋالغىلى بولسىمۇ، ئەمما ياشانغانلارنىڭ چىشى ياخشى بولمىغاچقا، ھەر خىل پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن يېيەلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان-ئۈچەي يولى ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، ئىشتىھاسى ناچار بولغاچقا، يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى يېتەرلىك قوبۇل قىلىنمايدىكەن، شۇڭا گۆشسىز تاماقلاردىن يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشكىلى بولمايدىكەن. بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم ۋە قارا گۆشلەرنىڭ ھەممىسى ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ياغ تۈرى، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار، B تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى ۋە تەڭپۇڭ غىزالىنىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇڭا، ياشانغانلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئامال بار گۆشسىز تاماق يەۋەرمەسلىكى كېرەك.

2. ياغ ئاز، ھەتتا ياغسىز بولۇش

نۇرغۇن ياشانغانلار ياغقا ئىنتايىن قارشى تۇرىدۇ، تاماق ئەتكەندە، سەي قورۇغاندا ياغنى زىيادە ئاز قۇيىدۇ، ھەتتا بىر تېمىم قۇيغۇسىمۇ كەلمەيدۇ. ليۇ جيا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ياغ ئاز بولۇشىنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، چۈنكى ياغ ئادەم بەدىنىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسى بولۇپ، زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىننىڭ ئېرىتكۈچىسى، ۋىتامىن E، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، ۋىتامىن Kنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشى ياغقا ئېھتىياجلىق. شۇڭا، ياشانغانلارغا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ياغدىن باشقا، ھەر كۈنى ياغنى تەڭشەپ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى 20 ~25 گىرامغىچە كونترول قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، زىيادە كۆپ بولۇشمۇ، زىيادە ئاز بولۇشمۇ سالامەتلىككە پايدىسىز.

3. قارا ئاشلىقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش

قارا ئاشلىقنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، بىر قىسىم ياشانغانلار چەكتىن ئاشۇرۇپ، يىرىك قارا ئاشلىقنى ھەر ۋاق تاماقتا دېگۈدەك يېگەن، نەتىجىدە ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغان، بەزىلىرى يىرىك تالالارنى بەك كۆپ قوبۇل قىلغانلىقتىن قەۋزىيەت بولۇپ قالغان. ليۇ جيا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: قارا ئاشلىق ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، قوبۇل قىلىش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، ھەرگىزمۇ قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى بولمايدۇ.

ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ زىيىنى چوڭ

تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياشانغانلار ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىيۇ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرىلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 2012-يىلى مەملىكەت بويىچە دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ياشانغان ئاغرىقلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم ياشانغان ئاغرىقتا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، ياشانغانلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدىكەن، ياكى ئەسلىدىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ھەتتا كېسەللىك ئەھۋالىنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىكەن. ياشانغانلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك يەنە مۇسكۇل ئازىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ياكى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىكەن، ھەتتا ئاجىزلاپ كېتىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ياشانغانلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

قانداق قىلغاندا ياشانغانلاردا ئوزۇقلۇق خەۋپ-خەتىرى بار-يوقلۇقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ ليۇ جيا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئەگەر ياشانغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزى باشقۇرالمايدىغان ھالەتتە چۈشۈپ كەتسە، ئالتە ئاي ئىچىدە (ياكى نامەلۇم ۋاقىت ئىچىدە) بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ چۈشۈشى ياكى ئۈچ ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ چۈشۈشىگە بولسا ھوشيار بولۇش كېرەك؛ ئاساسىي كېسىلى بار ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تاماق مىقدارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېغىزدىن قوبۇل قىلىنىدىغان يېمەكلىك مىقدارى ئازىيىپ كەتسە، بالدۇرراق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىگە بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىلغاپ تەكشۈرتۈشى ۋە باھالاتقۇزۇشى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بايقالغان ھامان ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى