تەرمىلەر

كانادانىڭ 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى قانداق شەكىللەنگەن؟

بىر نەچچە ئۆلكىدىن تەركىب تاپقان كىچىك دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كانادانىڭ مەمۇرىي رايون ئايرىشى ئىنتايىن چوڭ ھەم قوپال.

خەرىتىدىن قارىساق، كانادادا جەمئىي 10 ئۆلكە ۋە ئۈچ رايون بار، ھەر بىر رايون ۋە ئۆلكە بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ كۆلىمىدىن قېلىشمايدۇ، بىراق دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، كانادانىڭ زېمىنى ھازىرقىدەك چوڭ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى زېمىنى ھازىرقى ئانتوۋرىئو ئۆلكىسى، كۇبەك ئۆلكىسى، يېڭى برانزېۋىك ئۆلكىسى ۋە نوۋا سكوۋشا ئۆلكىسىدىن ئىبارەت تۆت جايغىلا توغرا كېلەتتى.

روشەنكى، بۇ تۆت جاينى قوشقاندا ھازىرقى شەرقىي قىسىمدىكى بىر جاي خالاس، ئەڭ ئاخىرىدا كانادانىڭ 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى يەنە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت سېتىۋېلىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق ئاندىن شەكىللەنگەن.

كانادانىڭ 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى قانداق شەكىللەنگەن؟

مىلادى 1867ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنى، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ۋىكتورىيە «ئەنگلىيەگە تەۋە شىمالىي ئامېرىكا قانۇن لايىھەسى»نى رەسمىي ئىمزالىغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئانتوۋرىئو، كۇبەك، يېڭى برانزېۋىك ۋە نوۋا سكوۋشادىن ئىبارەت تۆت مۇستەملىكە رايونى قوشۇلۇپ بىر يەرگە كەلگەن كېيىن، ئىچكى ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە يېپيېڭى كانادا فېدېراتسىيەسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.

قانۇنىي ئورۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ چاغدىكى كانادا فېدېراتسىيەسى يەنىلا ئەنگلىيە خان جەمەتى قارمىقىدىكى دومىنىيون بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كانادا دىپلوماتىيە مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى ھازىرلىمىغان. ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن، «ئەنگلىيىگە تەۋە شىمالىي ئامېرىكا قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق كانادا مۇستەقىللىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلغان، شۇڭا 7ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنىمۇ كېيىنكېلەر تەرىپىدىن كانادانىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى دەپ قارالغان.

كانادانىڭ 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى قانداق شەكىللەنگەن؟

دەسلەپتە ئەنگلىيەنىڭ كانادا فېدېراتسىيىسىنى قۇرۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ شىمالغا كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇش ئىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ياۋروپا ئىشلىرىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغان ئەنگلىيەنىڭ كۆپ قىسىم زېھنىنى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سەرپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن دۇنياغا رۇسىيەدىن قالسىلا زېمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بەردى.

فېدېراتسىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، كانادا ئەنگلىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈزلۈكسىز غەربكە كېڭىيىشكە باشلىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچ چوڭ ئوكيانغا يېقىنلىشىپ قالغان دۆلەت دۇنياغا كەلدى. بۇ جەرياندا كانادا فېدېراتسىيەسى ئالدى بىلەن سېتىۋالغان يەر رۇپېرت رايونى ۋە غەربىي شىمالدىكى زېمىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سودىلىشىدىغان ئوبيېكتى دەل داڭلىق خادسون قولتۇقى شىركىتى ئىدى.

كانادانىڭ 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى قانداق شەكىللەنگەن؟

جەنۇبىي ئاسىيادىكى نامى كەڭ تارالغان شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خادسون قولتۇقى شىركىتىنىڭ ھېچقانچە نامى بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شىمالىي ئامېرىكا رايونىدا بۇ شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئورنى جەنۇبىي ئاسىيادىكى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدىن قىلچە قېلىشمايتتى.

خادسون قولتۇقى شىركىتى 1670ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقىغا ئىگە، ئۆز ئالدىغا قوراللىق كۈچ تەشكىللىسە ۋە تايانچ پونكىت قۇرسا بولىدۇ، بولۇپمۇ 1821ـ يىلى غەربىي شىمال شىركىتىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، خادسون قولتۇقى شىركىتى زېمىنىنى ئامېرىكا قىتەسىنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارغا كېڭەيتتى. ئەمما 19ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، كانادانىڭ شىمالىدا ئادەم ئاز بولۇشتەك يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن تەدرىجىي ھالدا خادسون قولتۇقى شىركىتىنىڭ كىرىمىنى ئاشمىدى، بۇ ئېغىر ئىقتىسادىي يۈكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە خان جەمەتى شىركەتنىڭ كانادا فېدېراتسىيەسى بىلەن سودا قىلىشىغا يول قويدى، ئۇنىڭ مەزمۇنى ھازىرقى يۇكان رايونى، غەربىي شىمال رايونى ۋە نۇناۋۇت رايونىنىڭ كۆپ قىسمى بولۇپ، ئامېرىكا سېتىۋالغان لۇيىس ئاننانىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، پۈتۈشكەن باھا بولسا ئازغىنە 300 مىڭ فوندستېرلىڭدىن ئاشمايدۇ.

كانادانىڭ 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى قانداق شەكىللەنگەن؟

بۇ قېتىمقى تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى يەر ئېلىم ـ سېتىم سودىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرىتانى كولومبىيە مۇستەملىكىسىمۇ ناھايىتى تېزلا كانادا تېررىتورىيەسىگە كىرگەن. ئورنىدىن قارىغاندا، بىرىتانى كولومبىيەسى كانادانىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دەل ئامېرىكا زېمىنى بىلەن ئالياسكىنىڭ ئارىلىقىدا.

ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيەنىڭ بىرىتانى كولومبىيەنى كاناداغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمۇ ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ئۆز زېمىنىدىن ئالياسكىغا بارىدىغان يولنى ئېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چۈنكى بۇنداق بولمىغاندا پۈتكۈل تىنچ ئوكيان يۆنىلىشىدىكى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

1871ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنى كۆلىمى 944 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىرىتانى كولومبىيەسى كاناداغا رەسمىي قوشۇۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن كانادا ئامېرىكىغا ئوخشاش يەر كۆلىمى ئىككى ئوكيانغا يېقىنلاشقان چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان.

كانادانىڭ 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى قانداق شەكىللەنگەن؟

ئۇنىڭدىن كېيىن كاناداغا قوشۇلغىنى شىمالىي قۇتۇپ تاقىم ئاراللىرى ۋە نېۋفۇندلاند، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي قۇتۇپ تاقىم ئاراللىرى بولسا ئامېرىكا قىتەسىدىكى شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغىقىغا يۈزلەنگەن ئاراللار توپى بولۇپ، يىل بويى قار ـ مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرغاچقا، شىمالىي قۇتۇپ تاقىم ئارىلى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ھېچقانداق ئېچىش قىممىتى يوق دەپ قارىلىپ كەلگەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىمالىي قۇتۇپ مۇزلۇقىنىڭ تەدرىجىي ئېرىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي قۇتۇپ ئارىلى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ تاقىم ئارال 1880ـ يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن كاناداغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، نېۋفۇندلاندنىڭ كاناداغا قوشۇۋېتىلىشىگە كەلسەك، 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاندىن قېتىۋېلىنغان.

غايەت زور ئۇرۇش جاراھىتى ئەنگلىيەنى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلدى، ئامېرىكا قىتەسىدىكى نېۋفۇندلاند مۇستەملىكىسىمۇ ئۆزى چىقىش يولى تېپىش تەقدىرىگە دۇچ كېلىدۇ.

كانادانىڭ 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى قانداق شەكىللەنگەن؟

بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، كانادا پەقەت بېلىق تۇتۇش كەسپىلا بار بولغان نېۋفۇندلاندگە زەيتۇن شېخى تاشلىدى، كانادا نېۋفۇندلاندقا ياردەم پۇلى ۋە سۇغۇرتا قاتارلىق پاراۋانلىق تەمىناتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى، نېۋفۇندلاندمۇ خۇشاللىق بىلەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويدى. ئاخىرىدا 1949ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 31ـ كۈنى نېۋفۇندلاند كانادانىڭ 10ـ ئۆلكىسى بولۇپ قالدى، 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ غايەت زور دۆلەتنىڭ زېمىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇنداق شەكىللەنگەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى