تەرمىلەر

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەر يىللىق پەن-تېخنىكا تەتقىقات سېلىنمىسى GDPنىڭ %4.2 ئەتراپىغا يېتىدىغان بولۇپ، سېلىنما نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

بىلۇمبېرگنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرغان. ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا ئېلان قىلغان پەن-تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %0.9 بولۇپ، نوپۇسنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %0.1دىن خېلىلا يۇقىرى. ئىسرائىلىيە يەنە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پاتېنت ئىلتىماسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىسرائىلىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش كارخانا سانى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر بىر مىليون ئادەم ئىچىدە 8000دىن ئارتۇق تەتقىقات خادىمى بار بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سان ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپ، 41 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى دۇنيادا بىر مەھەل ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى ئاران 8 مىليون 880 مىڭ.

ئىسرائىلىيە دۇنيا بويىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، فىرانسىيەدىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتتىن باشقا ئاز ساندىكى يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تەتقىق قىلىشتا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيە ھاياتلىق ئىلمى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان باشلامچى. ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت. غايەت زور ئىنكاس پەيدا قىلغان، دۇنيادىكى تۇنجى كاپسۇللۇق ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىنى دەل ئىسرائىلىيە كەشىپ قىلغان ھەمدە ئالدى بىلەن كىلىنكىدا ئىشلىتىلگەن.

ئامېرىكا تاراتقۇسى US News ئېلان قىلغان 2020-يىللىق دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر تىزىملىكىدە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا، رۇسىيە ئىككىنچى ئورۇندا، جۇڭگو ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ كىچىك دۆلەت ئىسرائىلىيە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن.

ئىسرائىلىيە دۇنيا بويىچە يېزا ئىگىلىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، ئەڭ ئىلغار دۆلەت. ئىسرائىلىيەدە تېرىلغۇ يەر ۋە تاتلىق سۇ بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، لېكىن ئىسرائىلىيەلىكلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %5ىگىمۇ يەتمەيدىغان دېھقانلار بىلەنلا ئاشلىقتا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە-چىۋە، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت، شۇڭا ئىسرائىلىيە «ياۋروپانىڭ ئاشخانىسى» ۋە «ياۋروپانىڭ مېۋە سېۋىتى» دەپ نام ئالغان.

ئىسرائىلىيىدە ھەر بىر مىليون ئاھالە ئىچىدە 8337 نەپەر تولۇق ۋەزىپىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى 3984 نەپەر تەتقىقاتچى، كورىيىدىكى 6533 نەپەر تەتقىقاتچى ۋە ياپونىيىدىكى 5195 نەپەر تەتقىقاتچىدىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ. 1998-يىلى تېلاۋىف «ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئون چوڭ پەن-تېخنىكا شەھىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

1. ئىسرائىلىيىنىڭ ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسى

ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىدىغان ئەڭ كىچىك دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا، فىرانسىيە، كانادا، ھىندىستان گېرمانىيە، ئۇكرائىنا، رۇسىيە، گوللاندىيە ۋە بىرازىلىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئىسرائىلىيە 1982-يىلىلا ئىسرائىلىيە ئالەم بوشلۇقى مەھكىمىسى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالەم بوشلۇقى پىلانىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى، سەييارىلەر ۋە ئاۋىئاتسىيە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1988-يىلى ئىسرائىلىيە ئۆز ئالدىغا ياسىغان توشۇغۇچى راكېتادىن پايدىلىنىپ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەرگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيە يەنە دۇنيادىكى رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان 13 دۆلەتنىڭ بىرى.

ئىسرائىلىيە دۆلىتى ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئىزدىنىش «قارا نىيىتى كۈچلۈك»، مەسىلەن، دۇنياد ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئايغا چىقىش تېخنىكىسىنىمۇ ئىسرائىلىيە نۇرغۇن قېتىم سىناپ باققان. ئىسرائىلىيە ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى ئىسرائىلىيەدىكى داڭلىق دۆلەت مۇداپىئە يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسى. 2019-يىلى 4-ئايدا، بۇ شىركەت ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تەشكىلاتى SpaceIL بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى ئايغا چىقىش تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ياساپ چىققان. ئەپسۇسلىنارلىقى، تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاي شارىغا قونۇشتىن نەچچە مىنۇت ئىلگىرى تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە سوقۇلۇپ كەتكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرەلەپلا قالماستىن، يەنە زور مىقداردىكى ئالاقىدار ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىيالايدۇ ۋە ئېكسپورت قىلىدۇ، بۇ مەھسلاتلار راكېتا، سۈنئىي ھەمراھ، كۆرسىتىش سىستېمىسى، ئاۋىياتسىيە كومپيوتېرى، ئەسۋاب سىستېمىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تەقلىدىي ئۇچۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ پاراخوتقا قارشى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ئوخشاشلا ناھايىتى قالتىس. ئىسرائىلىيەنىڭ LORA باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئۈنۈملۈك تېگىش ئارىلىقى 400 كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز ئۈستىدىكى نىشان بەلگىسىگە دەل تەگكۈزەلەيدۇ. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنىشى ئىسرائىلىيەنىڭ جۇڭگو، ئىران ۋە رۇسىيەدىن كېيىن دۇنيادىكى «پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا» بىلەن قوراللانغان تۆتىنچى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2. ئىسرائىلىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى تېخنىكىسى

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇياش ئېنىرگىيىسى تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇغا تايىنىشتىن قۇتۇلغان دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېلاۋىف، خەيفا قاتارلىق شەھەرلەردە بارلىق ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسىگە دېگۈدەك قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇچ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىگە ئايلانغان. 1986-يىلىلا ئىسرائىلىيە ئالاھىدە پەرمان چىقىرىپ، يېڭىدىن سېلىنغان ھەربىر ئىمارەتكە قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇچ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى، شۇڭا، ئىسرائىلىيە بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بويىچە قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇچ تېخنىكىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى باشتىن ئاخىر زور مەبلەغ سېلىپ يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلغان. مەسىلەن، ئىسرائىلىيە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ۋە باشقا يېقىلغۇ ھاسىل قىلىش تەتقىقاتى جەھەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ، «توپلاشتۇرۇلغان فوتوۋولت تېخنىكىسى» قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى بۇ پىلاننىڭ ئاكتىپ نەتىجىسى.

سەككىز مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار بۇ دۆلەتتە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىدا 15 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئىسرائىلىيە كەشىپ قىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپلا قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان، ئىسرائىلىيە ئىنژېنېرلىرى باشتىن-ئاخىر دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى تەتقىقاتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلگەن ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا فوتوۋولت ۋە مەركەزلىك قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى ھازىر تەرەققىي قىلىپ تاشقاتما يېقىلغۇ بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن، بولۇپمۇ نېگېۋ قۇملۇقىدىكى يۇقىرى قۇياش نۇرى رايونىدا دۇنياغا داڭلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى تەتقىقات كەسپى مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە 2020-يىلىدىن بۇرۇن مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئېنىرگىيە ئېھتىياجىنىڭ %10 ئىگىلەيدىغان قۇياش ئېنىرگىيىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدە ئۈزلۈكسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرى سۇنى ھىدروگېن ۋە ئوكسىگېنغا پارچىلىيالايدىغان بىر خىل قۇياش ئېنىرگىيىسى تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىتالىيە ئالىملىرى بىر خىل ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ھىدروگېن يېقىلغۇسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كەلگۈسى زور تەسەۋۋۇر بوشلۇقىغا ئىگە. چۈنكى، سۇ ۋە قۇياش نۇرى يېقىلغۇلۇق باتارېيە ساقلايدىغان ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇلىدۇ، ساقلانغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر تورىغا كىرگۈزۈشكىمۇ، يېقىلغۇلۇق باتارېيە ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى، پويىز، ئاپتوموبىل، پاراخوت، ئايروپىلان ياكى سانائەت ھالقىسىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

ئىسرائىلىيىنىڭ كومپيوتېر تېخنىكىسى

ئىسرائىلىيىنىڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى دۇنيا بويىچە كومپيوتېر بىخەتەرلىك تېخنىكىسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىغا ئالاھىدە ماھىر. مەسىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ كومپيوتېر ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش توسىقى شىركىتى Check Point دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تور بىخەتەرلىكى شىركىتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

Amdocs شىركىتى تېلېگراف كەسپى ۋە تىجارىتىنى قوللاش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇنەۋۋەر شىركەت. ئىنتېل ۋە مىكروسوفت ئىسرائىلىيەدە تۇنجى چەت ئەل تەتقىقات مەركىزى قۇرغان بولۇپ،، IBM، سىكو سىستېمىسى ۋە موتورولا شىركەتلىرىمۇ ئىسرائىلىيەدە زاۋۇت قۇرغان. ئىنتېل ئىسرائىلىيەدىكى تەرەققىيات مەركىزىدە قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچنى تەتقىق قىلىپ چىققان.

4. ئىسرائىلىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۆزەك تېخنىكىسى

ئىسرائىلىيە «دۇنيادىكى ئىككىنچى كرېمنىي جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسرائىلىيە تېخنىكا تەتقىقاتى جەھەتتە، مەيلى تەتقىقات سۈرئىتى، تەتقىقات يۈكسەكلىكى ياكى ئىختىساسلىقلار كۆلىمى جەھەتتە بولسۇن، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. تېخنىكا جەھەتتە، ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى تۇنجى يانفون، تۇنجى شەخسىي كومپيوتېر بىر تەرەپ قىلغۇچى، Sandisk بارماق دىسكا تېخنىكىسى، مىكرو تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالاقە ئۆزىكى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ چىققان. كارخانا كۆلىمىدىن قارىغاندا، يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆزەك كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسرائىلىيەدە تەتقىقات مەركىزى قۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق ئالما، Broadcom، كۇۋالكوم، سامسۇڭ، ئىنتېل، IBM، مىكروسوفت، HP، ياخۇ، Google، موتورولا قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر بار، ئىسرائىلىيەدىكى تېلاۋىف «ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىمنىي جىلغىسى» دەپ نام ئالغان بولۇپ، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان بارماق دىسكا، ZIP ،Skype قاتارلىق تېخنىكىلار ۋە ئىنتېلنىڭ نۇرغۇن CPU مەھسۇلاتلىرى ئىسرائىلىيەدە بارلىققا كەلگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيەدە 150تىن ئارتۇق ئۆزەك لايىھەلەش تەتقىق قىلىپ ئېچىش شىركىتى بار بولۇپ، ئۆزەك تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىنژېنېرلىرى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھەر يىلى ئۆزەك كەسپى ياراتقان ئېكسپورت سوممىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %22ىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا رايون كىچىك دۆلىتى ئىسرائىلىيە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان «ئۆزەك دۆلىتى» گە ئايلانغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەۋەككۈل مەبلىغى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك تىكلەش شىركەتلىرىنىڭ سانىمۇ كرېمنىي جىلغىسىدىن باشقا يەر شارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىسرائىلىيە ئۆزەك پادىشاھلىقى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەتتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. مەسىلەن، ئىسرائىلىيەدە QQ نىڭ ئەسلى تىپى − ئامېرىكا لىنىيەسى ئالاقىلىشىش قورالى، موتورولانىڭ تۇنجى يانفونى − داگېدا، گۇگولنىڭ ئىزدەش ھېسابلاش ئۇسۇلى، قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئالاقە تېخنىكىسى قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

دۇنيا بويىچە رىقابەت كۈچلۈك بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە ئىسرائىلىيىنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئۆزەك شىركەتلىرىنى يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماگناتلىرى بەس-بەستە سېتىۋالدى ھەمدە پاي قوشتى. ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزەك تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا سىڭىپ كىردى. مەسىلەن موتورولا ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكى، تېكساس كۆك چىش ئۆزىكى، PC ساھەسىدىكى ئىنتېل يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيەدە تەتقىق قىلىپ ياسالغان.

يەنە مەسىلەن، ئىنتېلنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان ئۆزەك شىركىتى خېلى بۇرۇنلا ئىسرائىلىيەنىڭ خەيفا، ياكۇم، يېرۇسالېم ۋە پېتاتىكوۋادا تۆت تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلغان. دۇنيا بويىچە مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان تۇنجى IBM شەخسىي كومپيوتېرىنىڭ 8088 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئىسرائىلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا Pentium ،Celeron ،Core ،SNB ،Ivy Bridge قاتارلىق ئاساسلىق CPUلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ بىر نەچچە تەتقىقات مەركىزىدە تاماملانغان.

ئالما شىركىتى ئىسرائىلىيەدە ئۈچ تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلغان بولۇپ، خېزرىيا شەھىرىگە جايلاشقان، بۇ ئالمىنىڭ ئامېرىكا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقات مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئالما يانفونىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ كىرېمنىي جىلغىسى دەپ ئاتىلىدىغان خېزرىيا شەھىرىدىكى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىق قىلىپ ياسالماقتا.

5. ئىسرائىلىيىنىڭ لازېر نۇرى تېخنىكىسى

ئىسرائىلىيە ئوپتىكا، فوتو ئېلېكتىر ۋە لازىر نۇرى قاتارلىق مۇھىم تېخنىكا ساھەلىرىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەمدە كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى بار. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ ياللانما خادىم ئىچىدە 151 ئالىم ۋە ئىنژېنېر بار، نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەسسىگە يېقىن. بولۇپمۇ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پەن-تېخنىكا ماقالىسىنىڭ ئېلان قىلىنىش مىقدارى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پاتېنت مىقدارى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى. ئىسرائىلىيە ئوپتىك تالا، باسما توك يولى تاختىسىنىڭ فوتوئېلېكترىك تەكشۈرۈش سىستېمىسى، تېرمو تەسۋىر ھاسىل قىلىپ كېچىدە كۆرۈش سىستېمىسى ۋە فوتو ئېلېكتر ئاساسىدىكى ماشىنا ئادەم ياساش سىستېمىسىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋېزمان پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى ــ ئىسرائىلىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى يەر شارى بويىچە كومپيوتېر ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئىچىدە 20 كۈچلۈك قاتارىدا تۇرىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيە تېلاۋىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابراھام كاسىل رەھبەرلىك قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2008-يىلىلا بىر خىل بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئوپېراتسىيە قىلىنغان يارا ئېغىزىنى لازېر نۇرى بىلەن كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا يارا ئېغىزىنى تېز ساقايتىپلا قالماي، يەنە يۇقۇملىنىش ۋە بىر قەدەر چوڭ تارتۇق قېلىش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن.

نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر لازېر نۇرى تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ھاۋادىن مۇداپىيەلىنىش جەھەتتىكى لازېر نۇرى تېخنىكىسىنىڭ مۇھىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەدە بىر يۈرۈش كۈچلۈك لازېر نۇر سىستېمىسى بار بولۇپ، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى لازېر نۇر ئەسۋابى «نۇر بىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ خىل لازېر نۇر ئارقىلىق ئاسمان بوشلۇقىدىكى زەمبىرەك ئوقى دېگەندەك نامەلۇم جىسىملارنى ئېتىپ چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.

6. ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي سانائەت تېخنىكىسى

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي سانائەت سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە قورال ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي سانائەت تېخنىكىسىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، مەسىلەن، ئەڭ داڭلىق تېخنىكىلىرىدىن 1954-يىلى تەتقىق قىلىپ ياسالغان Uzi ئاپتومات، ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى مېكاۋا، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئورتاق لايىھەلىگەن راكېتا تىپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ـــ دۇنيادىكى بىردىنبىر مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان ئىلغار ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنىڭ بىرى بولۇپ، قىسقا مۇساپىلىك راكېتا ۋە زەمبىرەك ئوقىنى توسۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر گۈمبەز ھەرىكەتچان ھاۋا مۇداپىيە سىستېمىسى ئاساسلىقى 70 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى تەھدىتنى توسۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

ئىسرائىلىيە يەنە رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھ تورى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ۋە قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىيالايدۇ.

ئىسرائىلىيە يەنە تانكا ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە ئاكتىپ مۇداپىيە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، مېكاۋا تانكىسىغا قويۇپ بېرىلگەن تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالالىغان.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي سانائەت كەسپىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرەلەيدىغان سەككىزىنچى دۆلەت بولۇپ، كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچى بىلەن تۈرلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

ئىسرائىلىيە تۈرى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەربىي سانائەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قورال-جابدۇقلىرىنىڭ بەزى ساھەلىرى دۇنيا بويىچە تېخىمۇ ئەۋزەل، ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ.

ئىسرائىلىيە باشتىن-ئاخىر يەر شارى بويىچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 70-يىللاردىلا ئىسرائىلىيە زور بىر تۈركۈم ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ياساپ چىققان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 10 يىلدا ئىسرائىلىيەنىڭ قورال ئېكسپورتى %60 ئاشقان.

7. ئىسرائىلىيىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكىسى

ئىسرائىلىيە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە پۈتۈن يەر شارى ئېتىراپ قىلغان باشلامچى. ئىسرائىلىيەنىڭ داۋالاش چىقىمى GDPنىڭ %8ىنى ئىگىلەيدۇ، تېببىي پەنلەر دوكتورلىرىنىڭ نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى 3.5:1000 بولۇپ، ئىسرائىلىيەدە جەمئىي 317 بىيو پەن-تېخنىكا ۋە دورا شىركىتى، 285 داۋالاش-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە رەقەملىك ساغلاملىق شىركىتى، جەمئىي 725 داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى بار بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان نازۇك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، كومپيوتېر ئۈزۈلمە قاتلام سكاننېرى (CT)، يادرو ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسى (MRI)، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق سكاننېر، يادرو داۋالاش تېلېكامېراسى ۋە تاشقى بۆلۈم لازېر نۇرلۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كەڭ تارقالغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدىكى زور يېڭىلىقلاردىن يەنە: چىش باكتېرىيە دېغىنىڭ ئاستا قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سۇيۇقلۇق پولىمېرى، ياخشى سۈپەتلىك ۋە يامان سۈپەتلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى ئازايتىش ئۈسكۈنىسى؛ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىنى توغرا ئىشلىتىپ كۆز ئالغايلىقىنى تۈزىتىش ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان كاپسۇل ئىچىگە مىكرو تىپلىق تېلېكامېرا ئورنىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسرائىلىيە ئالىملىرى ۋە ياۋروپادىكى ھەمراھلىرى 2009-يىلىلا ئەقلىي قول دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماشىنا ئادەم يالغان قولنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، ئۇ ھەقىقىي قولغا ئوخشاش خەت يېزىش، خەت ئۇرۇش، پىئانىنو چېلىش ۋە باشقا ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ۋېزمان تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆسمىنى پەرق ئېتىش ۋە دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى يادرو ماگنېتىك رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ھەمدە سۈت بېزى راكى ۋە ئۇرۇقدان راكىغا دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلگەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىسرائىلىيەنىڭ ناسداكتا پېيىنى بازارغا سالغان شىركىتى 80دىن ئاشىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات دۇنيا بويىچە ئامېرىكا ۋە كانادادىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ 2016-يىلى بىر يىلدا، ئىسرائىلىيەدە مىڭدىن ئارتۇق يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا شىركىتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئۈچ يېڭى شىركەت بارلىققا كەلگەن.

8. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى

ئىسرائىلىيە ئالىملىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆستۈرگۈچى ھورمونى ۋە ئىنتېرفېرون (توسالغۇ مادا) ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئىنتېرفېرون بىر گۇرۇپپا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىكى ئۈنۈملۈك ئاقسىل. Copaxone كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان قېتىشنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ، نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ سەككىز چوڭ پەن-تېخنىكا كەسپى

گېن قۇرۇلۇشى ساھەسىدە، ئىسرائىلىيە يەككە كىلونلۇق ئانتىكېلانى ئاساس قىلغان بىر قاتار دىئاگنوز قويۇش تەجرىبە دورا قۇتىلىرىنى ئىشلەپچىقارغان. ئىسرائىلىيىنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىمۇ ئىنتايىن ئىلغار. غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئىسرائىلىيەدىن باشلانغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئالىملىرىنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سانى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

2011-يىلى، ئىسرائىلىيە ئالىملىرى تۇنجى قېتىم يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەردىن غول ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان.

ئىسرائىلىيىنىڭ پەن-تېخنىكىسى مائارىپ زاپىسىدىن، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ زاپىسىدىن كەلگەن. ئىسرائىلىيىدە ھازىرغىچە 14 نەپەر نوبېل مۇكاپاتى بارلىققا كەلگەن. 1901-يىلى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان 850 كىشى مۇكاپاتلانغان بولۇپ، يەھۇدىلار ئومۇمىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلار %41 ئىقتىساد ئىلمى مۇكاپاتى، %28 مېدىتسىنا مۇكاپاتى، %26 فىزىكا مۇكاپاتى، %16 خىمىيە مۇكاپاتى، %13 ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە %9 تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى