ئاجايىباتلارساغلاملىق

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نەچچە ئون مىليون يىل ئىلگىرىكى دۇنيا ھەقىقەتەن رەڭدار ھەم سىرلىق ئىدى. بەزىدە ئويلىمىغان يەردىن بايقالغان بىر پارچە تاشقا ئايلانغان جىسىم كىشىلەرنى ئېلىپ پۈتۈنلەي يېڭى بىر «دەرۋازا»نى ئاچالايدۇ. بۇ يىل بىر توپ قەدىمكى جانلىقشۇناس (پالېئونتولوگ)لار ماداغاسقاردا ئەزەلدىن بايقىلىپ باقمىغان بىر يېڭى تۈرنىڭ تاشقاتمىسىنى قېزىپ چىقتى. نەچچە ئايلىق تەتقىقاتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىيولوگىيە ئالىملىرى بۇ خىل جانلىقنىڭ خۇددى تاشقى پىلانېتا جانلىقلىرىغا ئوخشاش ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان جانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

بىيولوگىيە ئالىملىرى بۇ جانلىققا «غالجىر ياۋايى ھايۋان» (Adalatherium hui) دەپ ئىسىم قويدى، بۇ ماداغاسقار تىلىدىكى «غالجىر» سۆزى بىلەن گىرېك تىلىدىكى «ياۋايى ھايۋان» سۆزىنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان سۆز. بىراق، بۇ ھايۋاننىڭ غالجىرلىقىنى بىلمىدۇق، ئەمما، بۇ خىل ھايۋاننى تەتقىق قىلىدىغان بىيولوگىيە ئالىملىرى راستتىنلا ساراڭ بولاي دەپ قالدى. چۈنكى بۇ ھايۋان ئوخشىمىغانلا چوڭ بولغان ئىدى!

بىرىنچىدىن، تاشقاتما يىلىدىن قارىغاندا، بۇ خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان 66 مىليون يىللار بۇرۇن ياشىغان بولۇشى مۇمكىن، تىراننوزاۋر ۋە تارىختىن بۇرۇنقى چوڭ تىمساھلارنىڭ ھەممىسى بىلەن دەۋرداش بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

ئاشۇ دەۋرلەردە، دىنوزاۋر يەر شارىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ياشاشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون نەچچە سانتىمېتىر كېلەتتى، يەنى ھازىرقى چاشقانلاردىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. ئەمما، «غالجىر ياۋايى ھايۋان» ئوخشىمايدۇ. تاشقا ئايلانغان بۇ ھايۋان بولسا خالتىلىق چاشقاندىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن، ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن ئىكەن. بۇنى ئەينى چاغدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تەن شەكلى سېلىشتۇرمىسى مۈشۈك بىلەن چاشقاندىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭا بۇ «غالجىر ياۋايى ھايۋان» تارىختىن بۇرۇنقى «گىگانت» ھايۋان ھېسابلانغان.

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

بىيولوگىيە ئالىملىرى بۇ خىل ھايۋانغا قارىتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەسلىگە قايتۇرغاندىن كېيىنكى سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاغمىخانغا ئوخشاپ كەتكەن.

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

ئەمەلىيەتتە، بۇ ھايۋان ھېچقانداق ھايۋانغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ يۈز قىسمىدىكى سۆڭەكتە ئادەتتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا قارىغاندا بىر نەچچە تۆشۈك ئارتۇق بولۇپ، بۇرنى تېخىمۇ كۆپ قان تومۇر ۋە نېرۋىلارغا تۇتاشقان، شۇڭا، ئۇلارنىڭ بۇرنى ئادەتتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا قارىغاندا كۆپ سەزگۈر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «غالجىر ياۋايى ھايۋان»نىڭ بۇرنىدا يەنە بىر چوڭ تۆشۈك بار بولۇپ، بۇ تۆشۈكنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، ھازىرقى ھايۋانلارنىڭ تېنىدىمۇ يوق ئىدى. بۇرۇن قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغاندىن باشقا، «غالجىر ياۋايى ھايۋان»نىڭ چىشىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇتتۇر چىشى توشقاننىڭ چىشىغا ئوخشايتتى، شۇڭا ئالىملار بۇنى ئوتخور ھايۋان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. لېكىن بۇ ھايۋاننىڭ ئېزىق چىشى مەلۇم بولغان بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايتتى.

 

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

(«غالجىر ياۋايى ھايۋان»نىڭ باش سۆڭىكى)

چىشىدىن باشقا، بۇ خىل ھايۋاننىڭ ئومۇرتقا سۈڭىكى مەلۇم بولغان ئوخشاش دەۋردىكى بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكىدىن كۆپ ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، «غالجىر ياۋايى ھايۋان»نىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەزالىرى ماسلاشمىغان ئىدى.

«غالجىر ياۋايى ھايۋان»نىڭ ئالدى يېرىم بەدىنى ھازىرقى مۈشۈككە ۋە ئىتقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پۇتى بەدەننىڭ ئاستىدا بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئارقا پۇتى ئۇزۇن بولۇپ، يەنە كېلىپ تېخىمۇ كەڭ بولغان تىز بوغۇمى بار، ئۇنىڭ ئارقا پۇتى تىمساھ تۈرىدىكى يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ.

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

(ئارقا پۇتى بەدەننىڭ ئىككى تەرىپىدە بولۇپ، كەڭ ئېچىلغان ھالەتتە بولىدۇ.) تەخمىنەن يىغىنچاقلىغاندا، ئالدىدىكى پۇتى ئىتنىڭ پۇتىغا، كەينى تەرىپى تىمساھنىڭ پۇتىغا ئوخشايتتى.

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

مانا مۇشۇنداق ئاجايىپ، ئالىملار «غالجىر ياۋايى ھايۋان»نىڭ تېنىدىن بىر نەچچە خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋاننىڭ ئالاھىدىلېكىنى تېپىپ چىققان، لېكىن ئۇ يەنە مەلۇم بولغان بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن ناھايىتى چوڭ پەرقى بار. تەتقىقاتچىلار ئىلگىرى ئۇنى لېنىۋېتىس (树懒)، چۈمۈلىخور ياكى ئارمادىل (犰狳) ئائىلىسىدىن دەپ قارىغان. ئەمما، تەتقىقاتتىن كېيىن، «غالجىر ياۋايى ھايۋان»نىڭ يەنە شۇ «غالجىر ياۋايى ھايۋان» ئىكەنلىكىنى، يەنى 66 مىليون يىل ئىلگىرىكى بىردىنبىر ھايۋان ئىكەنلىكى جەزملەشتۈردى، بۇ ھايۋاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانداق قاندىشى يوق ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىنوزاۋرلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئاندىن ئۇلار بىلەن بىللە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

ئەمەلىيەتتە ماداغاسقار تۇپرىقىدا، ئالىملار يەنە نۇرغۇن ئاجايىپ ھايۋانلارنى بايقىدى. مەسىلەن، چىشلەش كۈچى بۆرىنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئالۋاستى پاقا، ئوتخور تىمساھ، ھەرە چىشلىق دىنوزاۋر قاتارلىقلار.

شۇڭا، يەر شارىدا يەنە نۇرغۇن سىرلار بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

ئۈستۈنكى بەدىنى ئىتقا، تۆۋەنكى بەدىنى تىمساھقا ئوخشايدىغان ھايۋان بايقالدى

قارىغاندا تارىختىن بۇرۇنقى دۇنيا، بىزنىڭ ھازىر بىلىدىغىنىمىزدىن كۆپ رەڭدار بولسا كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى