تەبىئەت

زەھەرسىز يىلانلار

زەھەرسىز يىلان، ئۇنىڭ ئىسمىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، زەھىرى يوق يىلان. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە زەھەرلىك بەز يوق، كۆپ قىسملىرى ھېچقانداق زەھەر پەيدا قىلمايدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

«دۆلەت جۇغراپىيەسى»ژۇرنىلىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان يىلان جەمئىي 2500 خىلدىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە زەھەرسىز يىلان 1500 خىلغا يېتىدۇ. زەھەرسىز يىلان ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يىلان توپى بولۇپ، كۆپ ساندىكى زەھەرسىز يىلانلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىردىن 200 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان. بۇ يىلانلارنىڭ شەكلى، رەڭگى ۋە بەدەن سىزىقچىلىرى ئوخشىمايدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە ماكانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. زەھەرسىز يىلاننىڭ ئۆتكۈر چىشى بولىدۇ، باش قىسمى كۆپىنچە ئېللىپىس شەكىللىك، قۇيرۇق قىسمى تەدرىجىي ئىنچىكىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئولجىنى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ئىككى خىل: بىرى، ئولجىنى بوغۇش ئۇسۇلى بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، يەنە بىرى، ئولجىنى بويسۇندۇرۇپ تىرىك يۇتۇۋېتىدۇ.

دىققەت قىلىش كېرەككى، بەزى يىلانلاردا گەرچە زەھەر بىزى بولمىسىمۇ، لېكىن ئېغىز بوشلۇقى ئاجراتمىلىرى ياكى داس بوشلۇقى بېزى سۇيۇقلۇقى ياكى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مىكرو ئورگانىزملار بار بولۇپ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

زەھەرسىز يىلانلار كۆرۈنەرلىك سىرتقى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس. ئادەتتە ئادەملەر ئاساسەن باش قىسمىنىڭ شەكلىگە ياكى قۇيرۇقىنىڭ توم قىسقىلىقىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

1. يېشىل يىلان

يېشىل يىلان (لاتىنچە ئىسمى: Eury Pholis major) يېشىل يىلان مىجەزى ئىنتايىن مۇلايىم زەھەرسىز يىلان، مىجەزى «ئىچ مىجەز»، قورقۇنچاق، ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ. سازاڭ، پاقا تۈرىدىكىلەر ۋە كىچىك ھاشاراتلارنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ. تۇخۇم ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن 12 تالغىچە تۇخۇم تۇغىدۇ. ياز پەسلىدە، يەر يۈزى ئىسسىق ياكى ھاۋا تىنجىق بولغاچقا، يېشىل يىلان دائىم دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ، سالقىندايدۇ، كېچىدە ئاندىن يەرگە چۈشۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

2. قارا قاش ئىپتىدائىي يىلىنى

قارا قاشلىق ئىپتىدائىي يىلىنى (لاتىنچە ئىسمى: Elaphe taeniuraa) چوڭ تىپتىكى زەھەرسىز يىلان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بېشى ۋە دۈمبىسى سارغۇچ يېشىل ياكى قارامتۇل كۈل رەڭدە، كۆزىنىڭ كەينىدە بىر روشەن قارا سىزىق بار، تېنىنىڭ ئالدى ئوتتۇرا بۆلىكىدە قارا رەڭلىك تراپېتسىيە ياكى كېپىنەكسىمان داغلار بار، دۈمبىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئارقىغا قاراپ داغلار تەدرىجىي يوقىلىدۇ، لېكىن تۆت تال ئېنىق قارا رەڭلىك بويىغا سوزۇلغان بەلباغ قۇيرۇق ئۇچىغىچە بارىدۇ. قارا قاش ئىپتىدائىي يىلىنىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئىنسانلار تەرىپىدىن ئوۋلىنىپ، سانى ئازىيىپ كەتكەن.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

3. شاھ چىپار يىلىنى

شاھ چىپار يىلىنى (لاتىنچە ئىسمى: Elaphe carinataa)نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى باش قىسمىدا«شاھ» دېگەن خەتكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قارا داغلار بولغاچقا « شاھ يىلان»دەپ ئاتالغان. شاھ چىپاريىلىنىنىڭ قاسراقلىرىنىڭ ئەتراپى قارا رەڭلىك، مەركىزى سېرىق، قىچا گۈلىگە ئوخشايدۇ، بەدىنىنڭ ئالدى-كەينىدە 30 تالغا يېقىن سېرىق يانتۇ داغلىرى بار، قورساق تەرىپىدە سېرىق ھەمدە ئەگەشمە قارا داغ بار. قۇيرۇقى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىردىن ئاشىدۇ، كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش خارەكتىرىگە ئىگە.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

4. ئالا چىپار يىلان

چىپار يىلان (لاتىنچە ئىسمى: Elaphe mandarinnus)نىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. دۈمبىسىدە قارامتۇل كۈل رەڭ، بېشىدا ئۈچ قارا داغ بولىدۇ، دۈمبىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەچچە ئون دانە قارا رومبا شەكىللىك داغ بار، رومبا شەكىللىك داغنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە گىرۋىكى سېرىق، قورسىقى كۈل رەڭ، ئوڭ-سولغا گىرەلىشىپ كەتكەن قارا داغلار بولىدۇ. ئېدىرلىق، تاغلىق رايونلاردا ياشايدۇ، كەسلەنچۈك ۋە چاشقانلارنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

5. قوش داغلىق چىپار يىلان

قوش داغلىق چىپار يىلان (لاتىنچە ئىسمى: Elaphe bimaculaata) ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 سانتىمېتىر. گەۋدىسى سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۇس قوڭۇر رەڭنى ئاساس قىلىدۇ، دۈمبە ئوتتۇرا سىزىقىنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىدە بىر قاتار قارا گىرۋەكلىك قوڭۇر ياكى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك داغلار بار، باش قىسمىنىڭ ئارقا تەرىپىنى بەدىنىدىكى سىزىقچىلارنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش بولغان نەيزىسىمان سىزىقچىلار قاپلىغان.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

6. سۆسۈن قۇم يىلىنى

سۆسۈن قۇم يىلىنى بىر خىل ئالاھىدە ئىنچىكە يىلان، قۇيرۇق قىسمى ناھايىتى ئۇزۇن، قاسرىقى سىلىق كۆزى ناھايىتى چوڭ. بۇ يىلاننىڭ بىر نەچچە خىل رەڭگى بار، لېكىن كۆپىنچىلىرى سۇس جىگەر رەڭلىك ياكى زەيتۇن رەڭدە، ئۇنىڭ قورساق تەرىپىدە قېنىق رەڭلىك ياكى سۇس رەڭلىك گۈللۈك سىزىقلار بار، چوقان ئاۋازلىق سۆسۈن قۇم يىلىنى ئوتلاق ۋە قۇرغاق، تاشلىق جايلاردا ياشايدۇ، ئۇلار ناھايىتى سەگەك، ھەمدە يەر بېغىرلاپ مېڭىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ ئاساسلىقى كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

7. كالىفورنىيە سۇ يىلىنى

كالىفورنىيە سۇ يىلىنى يەنە كالىفورنىيە پادىشاھ يىلىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، پۈتۈن بەدىنى قارا ۋە سۈت رەڭ ئارىلاشقان ھالقىسىمان سىزىقلار بىلەن قاپلانغان.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

8. ئۇزۇن تۇمشۇق دەرەخ يىلىنى

ئۇزۇن تۇمشۇق دەرەخ يىلىنىمۇ ئالاھىدە ئىنچىكە يىلان بولۇپ، باش قىسمى ئۇزۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇزۇن بۇرۇنى بار. بۇ خىل يىلاننىڭ كۆزىدە كۆندىلەڭ كۆز قارىچۇقى بار بولۇپ، بۇ ئۇلارنى يىراقتىكى ئەھۋاللارغا توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇزۇن تۇمشۇق دەرەخ يىلىنىنىڭ رەڭگى يېشىل، بەدەن شەكلى پېلەكلىك ئۆسۈملۈككە ئوخشىغاچقا، ئۇلار ناھايىتى ياخشى نىقابلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇزۇن تۇمشۇق دەرەخ يىلىنى ئاساسلىقى ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقلىرىدىكى ئورمانلىق ۋە چاتقاللىقلاردا ياشايدۇ، ئاساسلىقى كەسلەنچۈكلەرنى ئوزۇق قىلىدۇ، پاقا ۋە بەزى كىچىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىمۇ ئوزۇق قىلىدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

9. ئامېرىكا قارا يىلىنى

ئامېرىكا قارا يىلىنى بىر خىل ئىنچىكە سۇيۇر شەكىللىك يىلان. ياشاش مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ رەڭگى كۆك، يېشىل، كۈل رەڭ، زەيتۇن رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ئەمما ئوخشاش بىر رايوندا ياشايدىغان ئامېرىكا قارا يىلىنىنىڭ رەڭگى ئاساسەن ئوخشاش. ئامېرىكا قارا يىلىنى ئاساسلىقى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىغا تارقالغان بولۇپ، كەڭرى جايلاردا مەسىلەن، ئېتىز، كۆل بويلىرى ۋە چوڭ يايلاقلاردا ياشايدۇ. ئاساسلىق يېمەكلىكى يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار، قۇشلار ۋە كىچىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

10. سكارلاتىنا يىلىنى

سكارلاتىنا يىلىنى بىر خىل كىچىك ئۆڭكۈر يىلىنى بولۇپ، تېنى يۇمىلاق كاناي شەكىللىك، تار، تومپىيىپ چىققان بېشى ۋە سىلىق قاسراقلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دۈمبىسىدە قىزىل، سېرىق ۋە قارا سىزىقچىلار بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق، قورسىقىنىڭ تۆۋەن تەرىپى بولسا سۇس ئاق ياكى سۈت رەڭدە كۆرۈنىدۇ. سكارلاتىنا يىلىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 سانتىمېتىر بولۇپ، تارقاق قۇمساڭغۇ تۇپراقتا كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا چىرىگەن يۇمىلاق ياغاچ ياكى دەرەخ قوۋزىقى ئاستىدا ياشايدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسى (4): زەھەرسىز يىلانلار

زەھەرسىز يىلان بىلەن زەھەرلىك يىلاننىڭ پەرقى:

يىلاننىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، يىغىنچاقلىغاندا زەھەرلىك يىلان ۋە زەھەرسىز يىلان دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. زەھەرلىك يىلاننىڭ بېشى ئادەتتە ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، دۈمبىسىنىڭ رەڭگى بىر قەدەر روشەن، قۇيرۇقى ئادەتتە توم ھەم قىسقا بولىدۇ. زەھەرسىز يىلاننىڭ بېشى ئادەتتە ئېللىپىس شەكلىدە بولۇپ، بەدىنىنىڭ دۈمبىسىنىڭ رەڭگى ئانچە روشەن بولمايدۇ، قۇيرۇقى ئادەتتە ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولىدۇ.

زەھەرسىز يىلان بىلەن زەھەرلىك يىلاننىڭ ئەڭ تۈپ پەرقى ئۇلارنىڭ چىشىدا. زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھەرلىك چىشى ۋە زەھەر بېزى بولىدۇ، زەھەرسىز يىلاننىڭ زەھەرلىك چىشى ۋە زەھەر بېزى بولمايدۇ. زەھەرسىز يىلانلارنىڭ چىشى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۈستۈنكى ياقا ۋە ئاستىنقى ياقا چىشىدىن باشقا، يەنە سۆڭەك چىشى ۋە قانات سۆڭەك چىشىمۇ بار. زەھەرلىك يىلانلارنىڭ يۇقىرىقى چىشلىرىدىن باشقا، ئۈستۈنكى ياقا سۆڭىكىدە شەكلى چوڭراق، سىرتقى يۈزىدە ئېرىقچىسى ۋە ئوتتۇرا كاۋاكلىرى بولغان ئىككىدىن تۆتكىچە ئالاھىدە چىشى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمى زەھەر بېزى بىلەن تۇتىشىدۇ، شۇڭا ئۇ زەھەرلىك چىش دەپ ئاتىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى