ساغلاملىق

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا

بىر ۋىرۇس بار بولۇپ ئۇنىڭ نامى بىزگە تونۇشلۇق، يەنى ئەيدىز! بىز دائىم ئۇ بىزدىن بەك يىراقتا دەپ ئويلايمىز، ھەم ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايمىز، ئۇنىڭ يېنىمىزدىلا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئەگەر ئۇ بەدىنىمىزگە كىرىدىغانلا بولسا بەدەندە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى تەدرىجىي ھالدا بۇزۇپ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، كۆپ خىل يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە يۈز بېرىپ ئاخىرى ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇنداق قورقۇنۇچلۇق كېسەل ئالۋاستىسىغا قارىتا قانداق مۇداپىئەلىنىشىمىز لازىم؟

مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن ئەيدىزغا دائىر بىلىملەرنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىگىلىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭ تارقىلىش يولىنى بىلىش لازىم، ئەيدىز بولسا جىنسىي مۇناسىۋەت، قان ۋە ئانا بالادىن ئىبارەت ئۈچ خىل يولدا تارقىلىدۇ، لېكىن ئادەتتىكى تۇرمۇش ۋە ئادەتتىكى ئۇچرىشىشتا تارقالمايدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت بىز تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى بىلىشىمىز لازىم:

1. ھەر قېتىم گاندوننى توغرا ئىشلىتىشتا چىڭ تۇرغاندا ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئۆز ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاكتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش.

3. باشقىلار بىلەن چىش چوتكىسى، چىش كولىغۇچ، ساقال ئالغۇچ شۇنىڭدەك تېرىنى زەخمىلەندۈرىدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك.

4. تىجارەت كىنىشكىسى يوق ھەم دېزىنفېكسىيە تەدبىرى بولمىغان شەخسىي دوختۇرخانىلارغا ۋە ھۆسن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ ئوكۇل ئۇرغۇزماسلىق، قۇلاق تەشكۈزمەسلىك، بەدەنگە گۈل چەكتۈرمەسلىك لازىم.

5. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ھازىرغىچە يوق، زەھەرنى چەكلەپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش بولسا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر.

6. ئىشپىرىس ۋە يىڭنىنى شۇنىڭدەك زەھەر ئېرىتىدىغان قاچىنى تەڭ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش بولسا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل، يېڭى تىپتىكى زەھەر ئىشلىتىش ۋە ھاراق ئىچىش جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.

7. زەھەر تاشلىتىش دورىسى بىلەن داۋالىنىشتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق زەھەر چېكىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

8. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ۋاقتىدا تېببىي يول ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بالىغا يۇقۇشىنى توسۇش.

9. ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش، ئۆلچەملىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ جىنسىي كېسەلنى داۋالاش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ئەتراپىمىزدا ئەيدىز بىمارلىرى بولسا ئۇلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ، ئۇلارمۇ زىيانغا ئۇچرىغۇچى، ئۇلارمۇ بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزگە ۋە غەمخورلۇقىمىزغا موھتاج.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى