ساغلاملىق

ياش بولسىمۇ، قان بېسىمى يۇقىرى بولسىلا بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىشى مۇمكىن

دۇنيادا تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسىم قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بار. دۆلىتىمىزدىمۇ بۇ بىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئاساسىي كېسەللىك. ئەڭ يېڭى«جۇڭگو يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقى ۋە كېسەللىك دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە ھازىر بار بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى 245 مىليونغا يەتكەن، جۇڭگودىكى 18 ياشتىن چوڭ(18 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لارنىڭ قان بېسىمىنىڭ نورمال يۇقىرى قىممىتىنى تەكشۈرۈش نىسبىتى%39.1 بولغان.

يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك قوزغىلىش يېشى، كېسەللىكنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى پەرقلىق بولامدۇ؟ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى (AHA) قارمىقىدىكى «يۇقىرى قان بېسىمى» (Hypertenssion) ژۇرنىلىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتى بىزگە يېڭى ئۇچۇر ئېلىپ كەلدى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەيلى قايسىلا ياشتا قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇشىدىن، كېسەللىكنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قان بېسىمى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى تېزلىتىدىكەن.

بۇ تەتقىقات بىرازىلىيە كوللېكتىپىدىن كەلگەن بولۇپ، 7063 نەپەر سىناق قوبۇل قىلىنغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى، دىياگنوز قويۇلغان يېشى، كېسەللىك جەريانى ھەمدە قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ئەھۋالى بىلەن بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ باغلىنىشى ئانالىز قىلىنغان.

بۇ تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تەتقىقاتقا قاتناشقاندىكى ئوتتۇرىچە يېشى 58.9 ياش بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن قان بېسىمىنى ئۆلچەش نەتىجىسى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىك تارىخىنى توپلاش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا:

قىسقىراش بېسىمى ≤120 mmHg، كېڭىيىش بېسىمى≤80 mmHg بولغان، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچمىگەن كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى نورمال دەپ قارىلىدۇ.

قىسقىراش بېسىمى 120mmHg-139mmHg ياكى كېڭىيىش بېسىمى 80mmHg-89mmHgبولغاندا، ھەم قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچمىگەن بولسا، قان بېسىمى سەل يۇقىرى (يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى) دەپ قارىلىدۇ.

قىسقىراش بېسىمى≥140 mmHg ياكى كېڭىيىش بېسىمى≥90 mmHg ياكى بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچىۋاتقان بولسا، يۇقىرى قان بېسىم دەپ قارىلىدۇ.

ياش بولسىمۇ، قان بېسىمى يۇقىرى بولسىلا بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىشى مۇمكىن

تەتقىقات ئاساسىي سىزىقى ۋە 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلار ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، تىلىنىڭ راۋانلىقى، ئىنكاس سۈرئىتى، دىققەت كۈچى قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىنچىكە ئايرىلغان كۆرسەتكۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى قېتىملىق بىلىش ئىقتىدارىنى باھالاشنى قوبۇل قىلغان.

تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن، باشقا يوشۇرۇن تەسىر ئامىللىرىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى ۋە قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ئەھۋالى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۇستەقىل مۆلچەرلەش ئامىلى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى كېيىنكى تۆت يىلدىكى ئومۇمىي بىلىش ئىقتىدارىغا نومۇر قويۇشنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى قان بېسىم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ يۇقىرى قان بېسىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى تىلنىڭ راۋانلىقىنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

بىلىش ئىقتىدارى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان يەككە تەندە، قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ئەھۋالى قانچە ياخشى بولسا، ئومۇمىي بىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى سىناشنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنچە ئاستا بولغان.

ياش بولسىمۇ، قان بېسىمى يۇقىرى بولسىلا بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىشى مۇمكىن

قان بېسىمى نورمال كىشىلەر توپى (كۆك رەڭلىك)، يۇقىرى قان بېسىمى (يېشىل رەڭلىك) ۋە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك (قىزىل رەڭلىك) كىشىلەر توپىنىڭ ئومۇمىي بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى تېخىمۇ تېز بولغان.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى يۇقىرى قان بېسىمى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى قان بېسىمغا ئېنىق دىياگنوز قويغاندا 55 ياشلىق ياكى ئۇنىڭدىن چوڭلار بىلەن بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئومۇمىي بىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى مۇناسىۋەتلىك بولغان، يۇقىرى قان بېسىمغا ئېنىق دىياگنوز قويغاندا 55 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.

بىراق، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىلەن بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ھەر قانداق كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى مۇناسىۋەتسىز. بۇ داۋاملىشىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ بىر ئادەمنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇمۇ تەتقىقات ئەترىتىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان. ئۇلار «ياش ۋاقتىدا يۇقىرى قان بېسىمنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا بولغان سەلبىي تەسىرى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ» دەپ قارىغان. تەتقىقات ئالاقە ئاپتورى، بىرازىلىيە Minas Gerais فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى باررېتو (Barreto) مۇنداق دېدى: «لېكىن بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۇقىرى قان بېسىم مەيلى ئوتتۇرا ياش ياكى ياشانغاندىكى كېسەللىك بولسۇن، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە چېكىنىشى ئوخشاش بولىدۇ، ئۈنۈملۈك داۋالاشنىڭ ھەممىسى بۇ خىل بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېز چېكىنىشىنى ئازايتىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ».

ياش بولسىمۇ، قان بېسىمى يۇقىرى بولسىلا بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىشى مۇمكىن

تەتقىقات كوللېكتىپى بۇ تەتقىقاتنىڭ بەلگىلىك چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، مەسىلەن، زىيارەت قىلىش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا، شۇنداقلا تەتقىقاتتىن بۇرۇنلا يۇقىرى قان بېسىمغا دىياگنوز قويۇلغان مۇناسىۋەتلىك دىياگنوز ئۇچۇرلىرىنى سىناق قىلىنغۇچى ئۆزى دوكلات قىلىدۇ.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، پىروفېسسور باررېتو (Barreto) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قان بېسىمىنى كونترول قىلىشنىڭ باشقا ئىسپاتلانغان پايدىلىق تەرەپلىرىدىن باشقا، بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىمىز شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ھەر قانداق ياشتىكى بىمارلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا ۋاقتىدا دىياگنوز قويۇشى ۋە ئۇنى كونترول قىلىشىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى ئازايتىشتا ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر ئۆمۈر بىر قەدەر تۆۋەن قان بېسىم سەۋىيەسىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيمىز، چۈنكى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىمۇ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك».

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى