ساغلاملىق

ئافرىقا زېمىنىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى

ئافرىقا زېمىنىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى

سىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىڭلار قانچىلىك؟

ئەيدىز كېسەللىكى زىيىنى ئىنتايىن زور بولغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV ۋىرۇسى) بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. HIV ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر خىل ۋىرۇس. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان CD4T لىمفا ھۈجەيرىسىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، بۇ ھۈجەيرىنى كۆپلەپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەدرىجىي يوقىتىدۇ.

HIV ۋىرۇسى ئەسلىدىنلا بىر كېسەللىك ئەمەس، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، سىزدە ئەسلىدە گىرىپتار بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان بەزى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. سىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئەسلى ھالىتىگە كېلەلمىگەندە، ئۆلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. HIV بىلەن يۇقۇملانسىلا ئۆمۈرۋايەت ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرىدۇ.

ئافرىقا زېمىنىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئافرىقىدا ھەر يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار دۇنيا بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. دۇنيا بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپىدە، ئالدىنقى 10-ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىكەن. جەنۇبىي ئافرىقىدا بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرۈش نىسبىتى ~%30 ئىكەن. يەنى سىز جەنۇبىي ئافرىقا كوچىلىرىدا يۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، ھەر 3-5 گىچە ئادەمنى ئۇچراتسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولۇشى مۇمكىن.

ئافرىقا زېمىنىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى

ئەيدىز كېسىلى قانداق تارقىلىدۇ؟

1. يۇقۇش مەنبەسى

HIV ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقى، باش سۈيى ۋە سۈتىدە مەۋجۇت بولىدۇ.

2. تارقىلىش يوللىرى

جىنسىي ئۇچرىشىش: بىخەتەرلىك تەدبىرى بولمىغان ئوخشاش جىنىسلىق ۋە يات جىنىسلىق ئۇچرىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋىنادىن ئوكۇل قىلىپ تارقىتىش: يۇقۇملانغۇچىلار ئىشلەتكەن ھەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئوكۇل سايمانلىرى ئورتاق ئىشلىتىش.

قان بېرىش ئارقىلىق تارقىلىش: HIV بىلەن بۇلغانغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى كىرگۈزۈش.

ئانىدىن بالىغا يۇقۇش: بالىياتقۇ ئىچىدە يۇقۇملىنىش، تۇغۇش ۋە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش جەريانىدا HIV بىلەن يۇقۇملانغان ئانا تېنىدىن ھامىلە ۋە بوۋاققا يۇقۇشى مۇمكىن.

3. ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا كىرىش

يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا، يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى يارا ئېغىزى ياكى شىللىق پەردىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆپ مىقداردا ھاياتى كۈچكە ئىگە ئەيدىز ۋىرۇسى يارا ئېغىزى ياكى زەخىملەنگەن شىللىق پەردە ئارقىلىق بەدەنگە كىرگەندىلا ئاندىن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ.

ئافرىقا زېمىنىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى

تۆۋەندە بىز تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان بەزى ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:

1. پاشا چېقىۋالسا ئەيدىز كېسىلى يۇقامدۇ؟

سانلىق مەلۇماتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، پاشىنىڭ ئاغزىدىكى قالدۇق قان مىقدارى ئاران 0.0004 مىللىلىتىر بولۇپ، ئەگەر مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇدا 2000 قېتىمدىن ئارتۇق چېقىلغان قان مىقدارىدا ئاندىن يېتەرلىك يۇقۇملانغان ۋىرۇس بولىدۇ. شۇڭا پاشا چېقىۋالغان يارا ئېغىزى ۋىرۇسنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. ئەمما ئافرىقىدىكى پاشا چېقىۋالغاندا ئاسانلا بەزگەك كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.

2. كۈندىلىك ئۇچرىشىشتا ئەيدىز كېسىلى يۇقامدۇ؟

بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرىتىدىغان تەر، شۆلگەي ۋە سۈيدۈكتىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز، قويۇقلۇقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، مىقدارى ئۇنىڭ تارقىلىش شەرتىگە يەتمەيدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى ئۇنى ئۆزلۈكىدىن ئۆلتۈرەلەيدۇ. لېكىن ۋىرۇس مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقى تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. دوختۇرخانىدا ئاسما ئوكۇل سالدۇرسا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟

بۇ خىل يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، بۇرۇن بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم شۇ جايدىكى ئافرىقا شىپاخانىسىغا بېرىپ ئوكۇل سالدۇرۇپ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوكۇل ئۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن چوقۇم دېزىنفېكسىيەلەش ئەھۋالىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ يەردە مۇنداق تەكلىپ بېرىمىز: ئەگەر چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە بەزگەك ياكى باشقا كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانسا، چوقۇم شۇ جايدىكى مۇنتىزىم چوڭ دوختۇرخانىغا ياكى جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش كېرەك.

4. بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە ئەيدىز كېسىلى يۇقامدۇ؟

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا گاندوننى توغرا تاقىغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. ھەر قانداق ئىشنىڭ مۇتلەق تەرىپى بولمايدۇ، بىخەتەرلىك قاپچۇقى يېرىلىپ كەتسە يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق خادىملار چوقۇم ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئافرىقا زېمىنىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى

خاتىمە:

قىسقىغىنا نەچچە ئون يىللىق كىشىلىك ھاياتتا چوقۇم ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ، ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە ساغلاملىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. ياقا يۇرتلاردا تۇرۇۋاتقان يۇرتداشلارمۇ جەزمەن ئۆزۈڭلارنى ياخشى ئاسراپ، ساغلام ھالدا قايتىپ كېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى