ساغلاملىق

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

ليۇ ئەپەندى بىر سودىگەر بولۇپ، دائىم ئالدىراشلىقتىن ۋاقتىدا تاماق يېيەلمەيدۇ. يېقىندا ليۇ ئەپەندىنىڭ ئىشتىھاسى ناچارلىشىپ، دائىم قورسىقى كۆپۈپ، ھېق تۇتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ليۇ ئەپەندىنىڭ ئاشقازىنى تۇيۇقسىز بىئارام بولدى، يەنە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، ھېق تۇتۇپ توختىماسلىق، قان تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. دوختۇرخانىغا بېرىپ دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، ھېق تۇتۇشنىڭ ئاشقازانغا كىرىش ئېغىزىنى يىرتىۋەتكەنلېكىنى بايقىدى.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

كىچىككىنە قورساق كۆپۈش، ھېق تۇتۇشنىڭ بۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشىدا قانداق سەۋەب بار؟ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى بىزگە ياردەم قىلىپ قورساق كۆپۈش توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

قورساق كۆپۈش، ھېق تۇتۇش نېمە ئۈچۈن ھەزىم قىلىش يولىدىن قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

يېمەكلىك قىزىلئۆڭگەچتىن ئاشقازانغا ئېقىپ كىرگەندە، ئاشقازاندىكى بېسىم قىزىلئۆڭگەچتىكى بېسىمدىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن ئادەم بەدىنىدە ھېق تۇتۇش يۈز بەرگەندە، ئاشقازاندىكى بېسىم بىردىنلا ئۆرلەپ، ئاشقازاندىكى يەل قىزىلئۆڭگەچكە تەتۈر ئېقىپ، ئاجىز قىزىلئۆڭگەچكە ئۇرۇلۇپ، قاناش، زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

ئۇزۇن مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى
ھەزىم قىلىش يوللىرى زەخىملەنگەندىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەت قورساق كۆپۈش يەنە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيە توپلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش، ئۇيقۇغا تەسىر يېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان ئۈچەيدىكى يەل، ئاشقازان ۋە ھەزىم قىلىش يوللىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىچ سۈرۈش، قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قاتار كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، يەنە ئادەمنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

ئادەم بەدىنىدىكى «يەل» نەدىن كېلىدۇ؟

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىدىن باشقا، قانداق يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە يېمەكلىكلەر ئاشقازان كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

چايناش قېتىم سانى ئاز، تاماق يېيىش ۋاقتى قىسقا بولسا، يېمەكلىك تولۇق چاينالماي ئاشقازان-ئۈچەي يولىغا كىرىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تولۇق چاينالمىغان يېمەكلىكلەر ئاسانلىقچە ھەزىم بولمايدۇ ھەمدە ئۈچەي يولىدا باكتېرىيە پارچىلىغاندا كۆپ مىقداردا يەل ھاسىل بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، تاماقنى بەك تېز يېيىش چوڭ مېڭىنىڭ تويۇش سېزىمىنى كېچىكتۈرۈپ، تاماقنى كۆپ يەۋالغاندىن كېيىن ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ يەل ھاسىل بولىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

يېمەك-ئىچمەك ئادىتى- تاماق يېگەندە گەپ قىلىش
ئادەتتە تاماق يېگەچ پاراڭلىشىشمۇ قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

ئاسانلا قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەر:
سۇ شېكىرى بىلەن چىگىت شېكىرى ئادەم بەدىنى ئاسان سۈمۈرەلمەيدىغان قەنتلەر بولۇپ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى (مەسىلەن، دائىم ئۇچرايدىغان سىلەن گۈلى، كاللەكبەسەي) تەركىبىدە بۇ قەنتلەر مول. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دانلىق زىرائەتلەر مەسىلەن سۇلۇ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئاسان سۈمۈرەلمەيدىغان يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئۈچەي يولى ئارقىلىق پارچىلانغاندا كۆپ مىقداردا يەل ھاسىل قىلىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

باش پىياز تەركىبىدە فرۇكتوزا مول بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، يېمەكلىكلەرنى تولۇق ھەزىم قىلالماي، يەل پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان ئالما، نەشپۈت، ئالۇچا تەركىبىدىكى مول سوربىتول ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاسانلا يەل ھاسىل بولىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

ئاسانلا قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچىملىكلەر :
تەركىبىدە گاز بولغان ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەر سۈت ئىچكەندە قورساق كۆپۈش خەۋپى مەۋجۇت.

ئۇزاق مۇددەت قورساق كۆپۈشنىڭ زىيىنى

قورساق كۆپۈش كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟
قورساق كۆپۈش كۆرۈلگەندە، قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاش، ئىسسىق سۇ ئىچىش، نەپەسنى بىردەم قىسىشتىن باشقا، يەنە يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ، تاماقنى ھەزىم قىلىش چېيى ئىچىشكىمۇ بولىدۇ.
يەلنى ھەيدەپ، تاماقنى ھەزىم قىلىش: چايدا تۇرۇپ قالغان ئاپلېسىن پوستىنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار؛ ئارپا ئۈندۈرمىسى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، قورساق كۆپۈشنى يوقىتىش رولى بار؛ دورىلىق ماگنولىيە بولسا قۇۋۋەتنى تۆۋەنلىتىپ، قورساق كۆپۈشنى يوقىتىش، يەلنى ھەم تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى