ساغلاملىق

CD4 ،CD8 ھۈجەيرىنى چۈشىنەمسىز؟

T ھۈجەيرە ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. CD4 بولسا T ھۈجەيرە، زور يۇتقۇچى ھۈجەيرە ۋە يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە قاتارلىق ئالاھىدە ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىلەردە بايقالغان بىر خىل ئاقسىل.

CD4 ،CD8 ھۈجەيرىنى چۈشىنەمسىز؟

CD4 T ھۈجەيرىسى ياردەمچى ھۈجەيرە دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار يۇقۇملىنىشنى نېيتراللاشتۇرالمايدۇ، بەلكى ئادەم بەدىنىنىڭ يۇقۇملىنىشقا بولغان ئىنكاسىنى قوزغىتىدۇ (ئادەتتە قاراۋۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ). CD8 T ھۈجەيرىسى بولسا ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئاقسىل تىپىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ماددا (ئانتىتېلا) ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ۋىرۇس ۋە باشقا سىرتتىن كىرگەن تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، «ئۆلتۈرگۈچى» ھۈجەيرىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ (ئادەتتە ئالدىنقى سەپ قىسمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ).

CD4 نىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ۋاقىتتىكى رولى
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىكى بىر قىيىن مەسىلە شۇكى ئىممۇنىتېت مۇداپىئەسىنى قوزغايدىغان ھۈجەيرىلەر دەل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نىشانى، بىر خىل تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى ئالاھىدە «پارازىت ئىگىسى»نى يۇقۇملانغاندۇرغاندا ئاندىن ئۆزىنى كۆپەيتەلەيدۇ.

CD4 ھۈجەيرىسى يۇقۇملىنىش جەريانىدىكى ئاساسلىق نىشان
يۇقۇملىنىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى CD4 ياردەمچى ھۈجەيرىلىرىگە چاپلىشىپ، ئۇنىڭدىكى ئىرسىيەت ماددىلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىگە ھۈجەيرىنىڭ ئىرسىيەت كودىنى ئۆزگەرتىپ، باشقا ئەيدىز ۋىرۇسى ۋىرىئون (病毒粒子)لىرىنى پەيدا قىلالايدۇ. بۇ جەرياندا CD4 ھۈجەيرىسى ئۆلىدۇ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېتلىق مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوزغىتىشى (قاراۋۇل ئىقتىدارى) تەدرىجىي خوراپ تۈگەيدۇ، ھەتتا بەدىنى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا ئاسان ئۇچرايدۇ.

CD4 ،CD8 ھۈجەيرىنى چۈشىنەمسىز؟

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھەرىكەت ھالىتى مۇنداق بولىدۇ، «ئۆلتۈرگۈچى» CD8 T ھۈجەيرىسى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقان يۇقۇملىنىش جەريانىدا بارغانسېرى قارىغۇلارچە ئىش كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرالمايدۇ (ۋىرۇسنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك). ئەگەر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىمىغاندا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ (ياكى زىيانغا ئۇچرايدۇ).

CD4 ،CD8 ھۈجەيرىنى چۈشىنەمسىز؟

CD4 T ھۈجەيرىسىنىڭ تىپى
ئادەتتە بىز CD4 T ھۈجەيرىسىنى بىر خىل ھۈجەيرە دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئالىملار ئاندىن ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارغا ئىگە تىپلارنى پەرقلەندۈرۈشكە باشلىغان. بەزىلىرى دەسلەپكى يۇقۇملانغاندا زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىنى قوزغىتىش ئىنتايىن مۇھىم، يەنە بەزىلىرى بولسا پارازىت جانلىقلار، باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسقا يالغۇز تاقابىل تۇرۇپ بىۋاسىتە ئىممۇنىتېت مۇداپىئەسى ئېلىپ بارىدۇ.

CD4 ،CD8 ھۈجەيرىنى چۈشىنەمسىز؟

CD4 T ھۈجەيرىسىنىڭ دىئاگنوز قىممىتى
قاندىكى CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى ئارقىلىق دوختۇر بىر ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ھالىتىنى بېكىتەلەيدۇ. بىر ئاددىي قان سىنىقى CD4نى ساناش دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۇب مىللىمېتىر قاندىكى نورمال ھەرىكەت قىلىۋاتقان CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. CD4 ھۈجەيرە سانى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن بىر ساغلام ئادەمدە نورمال بولغان CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بولۇشى مۇمكىن (ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى، ياش قۇرامى قاتارلىقلارغا ئاساسەن)، لېكىن ئادەتتە ھەر كۇب مىللىمېتىر قان (مىللىلىتىر)دا تەخمىنەن 500-1500گىچە بولىدۇ. ئەمما 200دىن تۆۋەن بولغاندا بۇ خىل كېسەللىك تېخنىكا جەھەتتىن ئەيدىز كېسىلى (ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ئۇنىۋېرسال كېسىلى) دەپ ئايرىلىدۇ، دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئاسانلا پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىدۇ، چۈنكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
2016-يىلىدىن بۇرۇن CD4 ساناش ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاشتىكى بىلىش ۋاسىتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل رولى ئۆزگەردى، چۈنكى يەر شارىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلار ھازىر يۇقۇملاندى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن دەرھال ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى يولغا قويۇشنى تەستىقلىدى (بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەمەس، بۇرۇن CD4 سانى 500ھۈجەيرە/ mLدىن تۆۋەن بولسا داۋالىناتتى). CD4 سانىمۇ ئادەمنىڭ داۋالاشقا بولغان ئىنكاسىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ، يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا داۋالاشنى باشلىغاندا CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ناھايىتى تۆۋەن (100 ھۈجەيرە ھەر مىللىلىتىردىن تۆۋەن) بولغان كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئېغىر دەرىجىدە پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۆپ ھاللاردا CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى نورمال سەۋىيىگە قايتۇرۇشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ، شۇڭا مۇھىمى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان دەرھال ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلاش كېرەك، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاشنى باشلىسا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نورمال ۋە ساغلام ئۆمۈر كۆرۈش پۇرسىتى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى