يېمەك-ئىچمەك

بۇ بەش خىل ئالاھىدە مېۋىدىن سىز قايسىسىنى يەپ باققان؟

مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن مول، ئادەتتە بىز پەقەت بىر-نەچچە خىل مېۋىنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى نەچچە مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، نۇرغۇنلىرىنى بىز يېيىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھەتتا كۆرۈپمۇ باقمىغان. تۆۋەندە بىز ئەڭ ئۆزگىچە بەش خىل مېۋە بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

بۇ بەش خىل ئالاھىدە مېۋىدىن سىز قايسىسىنى يەپ باققان؟

1. قىزىل بانان

سېرىق بانان يەنى بىز ئادەتتە ئىستېمال قىلىدىغان بانان بازارنىڭ تەخمىنەن %95نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنداقتا سىز قىزىل باناننى كۆرۈپ باققانمۇ؟ بۇ مالايسىيانىڭ يېڭى سورتلۇق بانانى بولۇپ، ئۇنىڭ مېۋىسى چوڭ بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ئىنتايىن ياخشى.

بۇ بەش خىل ئالاھىدە مېۋىدىن سىز قايسىسىنى يەپ باققان؟

2. ياۋا ئاناناس

ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئاناناسقا ئوخشىغاچقا، ياۋا ئاناناس دەپ ئاتالغان. مالاي تاقىم ئاراللىرى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي قىسمى، تىنچ ئوكياندىكى ئۈچ چوڭ ئاراللار توپىغا تارقالغان. ياۋا ئاناناس دەرىخى دېڭىز قىرغاقلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان شامالدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بىخىدىن يەنە تەملىك قورۇما قورۇغىلىمۇ بولىدۇ.

بۇ بەش خىل ئالاھىدە مېۋىدىن سىز قايسىسىنى يەپ باققان؟

3. بارماقلىق ئاپېلىسىن

بارماقلىق ئاپېلسىن پىشقان ۋاقىتتا ھەر قايسى مېۋە ئەتلىرى ئايرىلىپ، ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئەگرى مېۋە بەرگى ھاسىل قىلىدۇ. سىرتقى شەكلى قول بارمىقىغا ئوخشىغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. ئۇنىڭ شەكلى ناھايىتى غەلىتە بولغاچقا، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرلا ئۇنى يەيدۇ. بارماقلىق ئاپېلسىن دەرىخى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولالايدۇ.

بۇ بەش خىل ئالاھىدە مېۋىدىن سىز قايسىسىنى يەپ باققان؟

4. ھەببۈلمۈلۈك

شەكلى ئورچۇقسىمان، پىشقاندىن كېيىن قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، بانان بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كەتكەچكە ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە باناننىڭ بىر تۈرى ئوخشايدۇ دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما پوستىنى سويسىڭىز، ئىچىدە خۇشپۇراق مېۋە ئېتى بار.

بۇ بەش خىل ئالاھىدە مېۋىدىن سىز قايسىسىنى يەپ باققان؟

5. قارا ئەبنۇس

قارا ئەبنۇس ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، خەينەننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىن چىقىدۇ، ئادەتتىكى ئەبنۇسقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئېتى قارا رەڭدە بولىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا كىشىلەر ئۇنى «شاكىلاتلىق مېۋە» دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى ئەبنۇسنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى