يېمەك-ئىچمەك

قىشتا بۇ تۆت خىل مېۋىنى كۆپ يېگەن بالىلار ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالمايدۇ

ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، قىش پەسلىدىكى قۇرغاق ھاۋادا سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. قىشتا بالىلار تۆۋەندىكى تۆت خىل مېۋىنى كۆپرەك يېسە ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالمايدۇ.

قىشتا بۇ تۆت خىل مېۋىنى كۆپ يېگەن بالىلار ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالمايدۇ

1. نەشپۈت

نەشپۈتنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئېلېمېنت بار. مەسىلەن، ئالما كىسلاتاسى، لىمون قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار، يەنە گلۇكوزا، ساخاروزا، فرۇكتوزا، نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

ئۇنىڭ ئۈستىگە نەشپۈتنىڭ تەمى تاتلىق، سۇ تەركىبى كۆپ، چۈرۈك بولۇپ، نۇرغۇن بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدۇ.

نەشپۈت ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ.

نەشپۈتنىڭ يەنە بىر ياخشى ئالاھىدىلىكى شۇكى، يېيىش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ.

ئۇنى خام يېيىپلا قالماي، يەنە قاينىتىپ، ناۋات بىلەن دۈملەپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

قىشتا بۇ تۆت خىل مېۋىنى كۆپ يېگەن بالىلار ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالمايدۇ

2. شېكەر قومۇشى

چاغان كېلىشى بىلەنلا، ئۆيدىكى تاماق ئۈستىلى ۋە چاي ئۈستىلىدە چوقۇم شىمىشكا ۋە شېكەر قومۇشى بولۇشى كېرەك.

شېكەر قومۇشىنىڭ تەركىبىدە شېكەر، سۇ تەركىبى مول بولۇپ، «شېكەر سۈيى ئامبىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ناھىيەسىگەرچە شېكەر قومۇشىنى غاجىلاش ئانچە ئاسان بولمىسىمۇ، لېكىن شېكەر قومۇشىمۇ قىشتا سۇ تولۇقلايدىغان ياخشى مېۋە.

لى شىجېن «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دىمۇ مۇنداق دەپ يازغان: «شېكەر قومۇشى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ».

شېكەر قۇمۇشى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، سۇ تولۇقلاپلا قالماي، يەنە مەستلىكنى يېشەلەيدۇ. بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان كاللەكسىمان قارا شېكەر شېكەر قومۇشى شىرنىسىنى سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن، قويۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان شىرنىلىق شېكەردىن ئىبارەت.

بۇ خىل كاللەكسىمان قارا شېكەر ئۆپكىنى سىلىقلاپ، قان تولۇقلايدۇ، قېتىشمىلارنى ئېرىتىدۇ، ئاياللارنىڭ قان تولۇقلاشتىكى ياخشى تاللىشى.

بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىشىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغاچقا، شېكەر قومۇشىنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىش تەسكە توختايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى شېكەر قومۇشىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئۇنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىشتۇر.

قىشتا بۇ تۆت خىل مېۋىنى كۆپ يېگەن بالىلار ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالمايدۇ

3.ئاق تۇرۇچ

ئاق تۇرۇچ تەركىبىدە نۇرغۇن تەبىئىي مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، قەنت مىقدارى ئاز.

ئاق تۇرۇچ تەركىبىدە سۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرامدا تەخمىنەن %80 سۇ بولىدۇ، شۇڭا قۇرغاق قىش پەسلىدە، بالىلارغا ئاق تۇرۇچنى كۆپرەك يىگۈزۈش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق تۇرۇچ پوستىدا بىر خىل تەبىئىي خۇش پۇراق بار بولۇپ، ئېشىپ قالغان ئاق تۇرۇچ پوستىنى توڭلاتقۇغا سالغاندا، توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاق تۇرۇچ پوستى يەنە توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىك پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.

قىشتا بۇ تۆت خىل مېۋىنى كۆپ يېگەن بالىلار ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالمايدۇ

4. تاتلىق ئاپېلسىن

تاتلىق ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۇ ۋە ۋىتامىن C بار، سۇ ۋە ۋىتامىن C بەدىنىمىزگە نىسبەتەن تولۇقلاشقا تېگىشلىك ماددا، شۇڭا قىشتا شېكەر ئاپېلسىننى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

شېكەر ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە يەنە ئۇچۇچان ماي، لىمون ئالكېن قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، بۇ ماددىلار بەلغەمنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بەلغەمنى بوشىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى