يېمەك-ئىچمەك

جىگەر كېسىلى بىمارلىرى بۇ يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بەرسە ياخشى

جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بەزى يېمەكلىكلەر مەززىلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

كۆممىقوناق تەركىبىدىكى ۋىتامىن شال ۋە بۇغداينىڭ بەشتىن ~ ئون ھەسسىگىچە بولۇپ، كۆممىقوناق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ۋە ساقلىقنى ساقلاش ماددىلىرى بار، تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل، ياغ، كاروتىن بولغاندىن باشقا، يەنە رىبوفلاۋىن قاتارلىقلار بار. مۇتەخەسسىسلەر كۆممىقوناق، شال، بۇغداي قاتارلىق كۆپ خىل ئاساسلىق يېمەكلىكلەرگە قارىتا ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنى سېلىشتۇرغان، نەتىجىدە، كۆممىقوناق تەركىبىدىكى ۋىتامىن مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، شال، بۇغداينىڭ بەشتىن ~ ئون ھەسسىگىچە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئالاھىدە تۈردىكى كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئادەتتىكى كۆممىقوناقنىڭكىدىن تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

تاتلىق كۆممىقوناقنىڭ ئاقسىل، ئۆسۈملۈك مېيى ۋە ۋىتامىن مىقدارى ئادەتتىكى كۆممىقوناقنىڭكىدىن بىر ياكى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. «ھاياتلىق ئېلېمېنتى» بولغان سېلېننىڭ مىقدارى بولسا سەككىز ياكى ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. تەركىبىدىكى 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئىچىدە 13 خىلى ئادەتتىكى كۆممىقوناقتىن يۇقىرى بولىدۇ.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ كۆممىقوناق مېيىنى ئىستېمال قىلىشى يەرياڭىقى مېيى ۋە باشقا ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا قارىغاندا كۆپ پايدىلىق ئىكەن. ناھايىتى يىرىك سىلىقلانغان قوناق ئۇنىدا كۆپ مىقداردا ئاق ئامىن كىسلاتاسى ۋە كېپەك تاننىن بولۇپ، راكقا قارشى دورىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان ئەكس تەسىرىنى تورمۇزلايدۇ، يەنە ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. چۈنكى، گلۇتاتىئون خۇددى كىشەندەك راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇپ، ئۇنىڭ زەھىرىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ئۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭا قوناق يېيىشنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش، جىگەر كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل رولى بار.

كۆممىقوناق تەركىبىدىكى گلۇتاتىئون سېلېننىڭ قاتنىشىشى بىلەن گلۇتاتىئون ئوكسىدازانى ھاسىل قىلىپ، ياشلىق باھارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ راكقا قارشى ئامىل بولۇپ، باشقا ماددىلار بىلەن بىرىكىپ، راك پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ. كۆممىقوناق تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ۋىتامىن Aغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار؛ كۆممىقوناق تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك سېللۇلوزىسىنىڭ ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ۋە باشقا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ.

كۆممىقوناق تەركىبىدە مول تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، لىنولېئىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى %60تىن ئاشىدۇ، ئۇ كۆممىقوناق تۆرەلمە بىخىدىكى ۋىتامىن E بىلەن ھەمكارلىشىپ، قاندىكى خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۆكۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆممىقوناقنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش، قاندىكى ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولى بار. ۋىتامىن E يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. كالتسىي، فوسفور، ماگنىي، تۆمۈر، سېلېن قاتارلىقلار ۋە ۋىتامىن A، B1، B2، B6، E ۋە كاروتىن قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش، سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغى ۋە دىيابېت قاتارلىقلارنى قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئىگە.

پاختىلىشىپ قالغان كۆممىقوناق راك پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا كۆكىرىپ قالغان كۆممىقوناقنى يېمەسلىك كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى