ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلىنى ئېنىقلاشتا قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىدۇ؟

ئەيدىز كېسىلىنى ئېنىقلاشتا قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىدۇ؟

ئەيدىز كېسىلى بولسا تىلغا ئېلىنغان ھامان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ رەڭگى-روھى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھامان ھاياتلىق ۋە ساغلاملىقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىمىز. ئۇنداقتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا، سىز ئەيدىز كېسىلىنى قانداق تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە قانداق تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇزۇش كېرەك؟ ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، پەقەت توغرا، مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئەيدىزنى تەكشۈرتۈپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنگەندىلا، ئاندىن ئەيدىز كېسىلىنى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلىگىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بىز رەتلىگەن ئەيدىزنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

ئەيدىز كېسىلىنى قانداق تەكشۈرۈش كېرەك؟

1. ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش

ئاساسلىقى ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقىرى ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: CD4+T لىمفا ھۈجەيرىسى خوراپ تۈگەيدۇ، سىرتقى ئەتراپ قان لىمفا ھۈجەيرىسى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ.

2. ھەر خىل كېسەللىك پەيدا قىلىشچان يۇقۇملاندۇرغۇچىنىڭ پاتوگېنىنى تەكشۈرۈش
PCR ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك پاتوگېنىنى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ توقۇلمىلىرىنى پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

3. HIV ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش

ئېنزىم بىرلەشمە ئىممۇنىتېتلاپ سۈمۈرۈش ئۇسۇلى، ژېلاتىنا دانچىلىرىنى ئۇيۇتۇش تەجرىبىسى، ئىممۇنىتېتلىق يالتىراق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، ئىممۇنىتېتلىق ئىزلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، رادىيوئاكتىپ ئىممۇنىتېتلىق چۆكمە ئۇسۇلى قاتارلىقلار قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچ تۈر دائىم تاللاپ سىناق قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، كېيىن ئىككىسى ئىسپاتلاپ بېكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

4. PCR تېخنىكىسى ئارقىلىق HIV ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش

سەمىمىي ئەسكەرتىمىزكى: ھازىر سىز ئەيدىز كېسىلىدە قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىڭىز. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز كېسىلى تۇرمۇشتا كۆپ كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كېسەل ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن داڭلىق، بۇنىڭدىن ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىز تۇرمۇشتا مۇداپىئەدە تۇرۇشىمىز زۆرۈر، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كىرىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلگەن ھامان، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى