يېمەك-ئىچمەك

تەرتىپلىك تاماق يېيىش قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار

دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %12.8كە يېتىدۇ، ئەمما دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك نىسبىتى %35.2كە يېتىدۇ، شېكەرنى كونترول قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. تۆۋەندە مۇتەخەسسىسلەر سىزنى يېمەك-ئىچمەك نۇقتىسىدىن شېكەرنى كونترول قىلىشتىكى يېڭىچە ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشىڭىزگە يېتەكلەيدۇ.

تەرتىپلىك تاماق يېيىش قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار

قان شېكىرىنى كونترول قىلىش دىيابېت بىمارلىرىنىڭلا ئىشى ئەمەس، نۇرغۇن دىيابېت كېسىلى بولمىغان بىمارلارمۇ كونترول قىلىشى كېرەك. ئورۇقلىماقچى بولغانلار قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلسا، زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ھەمدە سەمىرمەيدۇ، ئورۇقلاشتا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىدۇ. يۈزىگە دانىخورەك ئاسان چىقىدىغانلار قان شېكىرىنى كونترول قىلسىلا دانىخورەكمۇ چىقمايدۇ.

تەرتىپلىك تاماق يېيىش قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار

ئاۋۋال خېمىر ياكى گۈرۈچنى يېيىش كېرەكمۇ ياكى سەي ـ كۆكتاتنى يېيىش كېرەكمۇ؟ تەجرىبە قىلىپ كۆزىتىشتە، بەش تەجرىبە قىلىنغۇچى ئوخشاش بولمىغان تاماق يېيىش تەرتىپى بويىچە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش تۈردىكى، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى تاماقلارنى ئىستېمال قىلىدۇ. تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭ تەۋرىنىش ئەھۋالى شېكەرنى كونترول قىلىش بىلەن تاماق يېيىش تەرتىپىنىڭ بەلگىلىك باغلىنىشى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلار ئىچىدە قايسى خىل كۆكتاتنىڭ قەنتنى كونترول قىلىش ئۈنۈمى ياخشى؟

يېمەك-ئىچمەكتە كۆكتات ناھايىتى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلار ئىچىدە پېدىگەننىڭ پېكتىن (果胶) مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، شېكەرنى كونترول قىلىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

تەرتىپلىك تاماق يېيىش قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار

پېكتىن (مېۋە يىلىمى) نېمە ئۈچۈن شېكەرنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق؟

پېدىگەن پوستىدىكى پېكتىن مىقدارى پېدىگەن گۆشىنىڭكىدىن يۇقىرى، شۇڭا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدا مەسىلە بولمىسا، پېدىگەننى پوستى بىلەن پىشۇرۇش كېرەك.

تەرتىپلىك تاماق يېيىش قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار

پېدىگەننى ئازراق ماي قۇيۇپ سۇ بىلەن دۈملەش قاندىكى شېكەرنى كونترول قىلىشتىكى ياخشى ئامال. پېدىگەن قورۇغاندا ماينى بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا سەمرىتىۋېتىدۇ، پېدىگەننى ھورداش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يېشىل كۆكتاتلارنىمۇ سىناق قىلىپ بېقىشقا بولىدۇ. ماينى ئاز قويۇپ پىشۇرغاندا ھەم تەملىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

قان قەنتىنى كونترول قىلىشتا، تاماق يېيىش تەرتىپىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئاۋۋال كۆكتات يەڭ، ئاندىن گۆش يەڭ، ئەڭ ئاخىرىدا گۈرۈچ ياكى خېمىر تامىقى يەڭ!

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى