ساغلاملىق

ئەر ـ ئاياللىق تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان توققۇز خىل ئامىل قايسى؟

جىنسىي تۇرمۇش ئەسلىدە ئىنتايىن گۈزەل ئىش بولۇپ، ئىناق جىنسىي تۇرمۇش ئەر ـ ئاياللىق ھېسسىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىددىيلىك، خاتىرجەمسىزلىك كەيپىياتىنى پەسەيتەلەيدۇ. لېكىن ھازىر بارغانسېرى نۇرغۇن كىشىلەر جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇيغۇدىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ، بولۇپمۇ تۇرمۇشتىكى بەزى ئادەتلەر ئەر ـ خوتۇننىڭ جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىنى بۇزىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنداق ئىشلاردىن بالدۇرراق يىراقلاشقان ياخشى.

ئەر ـ ئاياللىق تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان توققۇز خىل ئامىل قايسى؟

قانداق قىلمىشلار ئەر ـ خوتۇننىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى بۇزىدۇ؟

1. ھېسسىياتتا بىرلىككە كېلەلمەسلىك

ئەر ـ خوتۇنلار ئارىسىدىكى يېقىنچىلىق تۇيغۇسى جىنسىي ھەۋەسنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئېلېمېنت، شۇنداقلا ئىناق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. لېكىن ئەر ـ خوتۇنلار ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش كەمچىل بولۇش، ھەمىشە كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇرۇشۇپ قېلىش، ئاسىيلىق قىلىش ياكى بىر بىرىنى ئالداش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي ئىستەككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2. تۇرمۇش بېسىمى ۋە ھاراق ئىچىش

تۇرمۇشتا مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن ھەر خىل بېسىملارغا دۇچ كېلىدۇ، مەسىلەن: ئاپتوموبىل قەرزى، ئۆي قەرزى، بالا بېقىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىقلار. بۇ خىل يۇقىرى بېسىم ھالىتى جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ. شۇڭا بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ناچار كەيپىياتنى توغرا ھەم مۇۋاپىق تەڭشەش، زۆرۈر تېپىلغاندا پىسخىكا دوختۇرىدىن ياردەم سوراش كېرەك. مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچىشنىڭ جىنسىيەتكە نىسبەتەن ئانچە چوڭ تەسىرى يوق، جىنسىي تۇرمۇشنى تېخىمۇ ئازادىلىك ئىچىدە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەمما ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر جىنسىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن قىزىقماسلىق پوزىتسىيەدە بولىدۇ.

3. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق

ھازىر تۈنەش ۋە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياشلاردىكى نورمال ھادىسە بولۇپ قالدى، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، كەچ ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش ھەمدە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئاز بولۇش بەدەندە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىنسىي ھەۋەسنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇيقۇنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش، ھەر كۈنى يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە قېنىپ ئۇخلاش، ئۇخلىغاندىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.

ئەر ـ ئاياللىق تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان توققۇز خىل ئامىل قايسى؟

4. سېمىزلىك ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش

تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە بەدەن قانچە سېمىز بولسا كىشىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. سېمىز كىشىلەر جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا ئاسانلا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقتەك ھېس قىلىپ، جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلى ۋە تاشقى قىياپىتىگە قارىتا ئۆزىنى كەمسىتىشمۇ ئوخشاشلا جىنسىي ھەۋەسكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بولىدۇ، ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىلا جىنسىي تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.

5. دورا

تۇرمۇشىمىزدا ئىستېمال قىلىۋاتقان بەزى دورىلار جىنسىي ھەۋەسكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، خامۇشلۇققا ۋە قان بېسىمىغا قارشى دورىلار، ئۇنىڭدىن باشقا ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ۋە خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرىمۇ جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەمما دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۆز ئالدىغا ئازايتىشقا ياكى دورىنى توختىتىشقا بولمايدۇ، ئەگەر دورا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ھەۋەس ئاجىزلاشسا، دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا ئېيتىپ باشقا دورىلارنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

6. خامۇشلۇق كېسىلى ۋە ئاياللاردىكى ھەيز توختاش

خامۇشلۇق كېسىلى بار ئادەم ھەر قانداق ئادەم ۋە ھەر قانداق ئىشقا قىزىقمايدۇ، بۇ جىنسىي تۇرمۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك، بىراق دورا ئىشلەتكەندە دورىدا جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىدىغان تەركىبنىڭ بار ـ يوقلۇقىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، جىنسىي يولى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ ھەمدە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە ئاغرىق سەۋەبىدىن جىنسىي ئىنتىلىشكە تەسىر يېتىدۇ، پەقەت سىلىقلاش مېيىنى توغرا ئىشلەتسىلا بۇ مەسىلىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

7. ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش

ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەر ھەر قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە ئايالىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ، بۇ خىل تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسى جىنسىي ھەۋىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر ـ ئايال ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

ئەر ـ ئاياللىق تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان توققۇز خىل ئامىل قايسى؟

8. جىنسىي بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەش

جىنسىي ھەۋەس جەھەتتە تېستوستېرون مۇھىم رول ئوينايدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېستوستېرون سەۋىيەسى يىلدىن ـ يىلغا تۆۋەنلەپ، جىنسىي بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى ناچارلىشىشقا قاراپ ماڭىدۇ.

9. ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش.

ئاياللار ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغاندا، جىنسىي ئەزا بىرتەرەپ قىلىدىغان ئاجرالما ماددىلار كۆپىيىپ كېتىدۇ ھەمدە غەيرىي پۇراق پەيدا بولىدۇ، يۇيۇنغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا يوشۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ھەۋىسىگە تەسىر يېتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

ئەگەر سىزدە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن توققۇز خىل جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار بايقالسا، چۇقۇم داۋالىتىش ئېلىپ بېرىشىڭىز لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئەر ئايال ئىككىلا تەرەپ قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بىرىپ زىيادە چارچاپ كىتىشتىن ساقلىنىش ھەمدە بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەر بىلەن ئۆزىنى كۈتۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى