تەرمىلەر

كۈندە ئىنتايىن ھارغىنلىق ھېس قىلامسىز؟ بۇ ئۇخلاش ئۇسۇلىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بىزنىڭ ئارام ئېلىشىمىز ۋە ئۇخلىشىمىز قوغداش خاراكتېرلىك تورمۇزلاشنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، ئەگەر بەك كەچ ئۇخلىساق، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ياخشى ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ ياخشى كۈتۈنۈش يولى ھېسابلىنىدۇ.

يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

بىزگە مەلۇم، نورمال بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى 10 سائەت، ئادەتتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى سەككىز سائەت بولۇشى كېرەك. ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمىغاندا ياكى ئۇخلىيالمىغاندا چوڭ مېڭىنىڭ بىرىكىش ۋە ئەسلىگە كېلىش جەريانىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. چوڭ مېڭە بولسا ئادەمنىڭ CPUسى بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشى يېتەرلىك بولمىسا، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى زاپچاسلاردا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

ئالدى بىلەن، ئادەمنىڭ ئومۇمىي ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ ياكى كېسەل بولىدۇ.

ئىككىنچىدىن، بولۇپمۇ ئاسانلا ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنى پەيدا قىلىپ، راك، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، سېمىزلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىمۇ ئاسانلا ئاشقازان كېسەللىكى، قىزىلئۆڭگەچتە تەتۈر ئېقىش، ئۆت خالتىسى كېسەللىكى قاتارلىق زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ.

يەنە تېرە ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەم بەدىنىنى ياغ تەپچىرەپ تۇرىدىغان تېرە ياللۇغىغا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار قىلىدۇ، ھەتتا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، روھىي كەيپىيات جەھەتتە ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەر ئاسانلا ئۇنتۇغاقلىق، چارچاش، ئىچى تىتىلداش ۋە خامۇشلۇق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى سىستېما زاپچاسلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن مەسىلە كۆرۈلسە، بۇ ئادەم ئۆمرىنىڭ قىسقىرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شۇڭا يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىدىن باشقا، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

توغرا قىياپەتتە ئۇخلاشنى بىلەمسىز؟

ياستۇقنى تاللاش

ئەگەر ياستۇق بەك ئىگىز بولۇپ كەتسە، ھاۋا يولىنى بېسىۋېلىپ ۋە بويۇننى ئالدىغا قىيسايتىپ، بويۇن مۇسكۇللىرىنى تېلىپ ئاغرىتىدۇ؛ ياستۇق بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، بويۇننى ئارقىغا ساڭگىلىتىپ، بويۇن سۆڭەكلىرىنى زىيادە ئېگىۋېتىدۇ-دە، مۇسكۇللارنىڭ تېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇۋاپىق كېلىدىغان ياستۇقنىڭ ئىگىزلىكىنى تاللاش ھەمدە ياستۇقنى مۈرىسىگىچە تۆۋەنگە يۆتكەپ، بويۇن قىسمىنىڭ تەبىئىي ئېگىلىشىنىڭ مۇكەممەللېكىنى قوغدىغاندا، بويۇن قىسمىدىكى مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، بويۇن قىسمىنى ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ.

ئۇخلاشنىڭ توغرا قىياپىتى

نۇرغۇن كىشىلەر دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈشى راۋان بولمايدۇ، بەدەننىڭ ئېغىرلىقىمۇ ھەقىقەتەن كۆكرەك بوشلۇقى ۋە قورساق بوشلۇقىغا بېسىم پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ تەبىئىي نەپەسلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ناھايىتى روشەن بولغىنى شۇكى، ئادەم دۈم ئۇخلاۋاتقاندا، ياستۇق قېپىدىكى چاڭ ـ توزان ۋە چاڭ ـ توزان كانىلىرىنى تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈۋالىدۇ، يۈزىمۇ ئۇزاق ۋاقىت بېسىمغا ئۇچراپ، يۈز تېرىسى پۈرمىسى ۋە قورۇقنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا، ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن پەقەت دۈم يېتىش ھالىتىنىلا قوللىنىدىغان كىشىلەردىن باشقا، يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ يېنىچە يېتىش ياكى ئوڭدىسىغا يېتىش ھالىتىنى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ خىلدىكى يىتىش ئۇسۇلى دۈم يېتىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارغا سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇڭا ياستۇقنى كۆپرەك قويۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ بالىياتقۇدا ئوڭۇشلۇق تۇغۇش ھالىتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق بوشلۇقى ۋە دۈمبە قىسمىغا بولغان بېسىمىنى يېنىكلىتىشكىمۇ ياردىمى بولىدۇ.

يانچە يېتىپ ئۇخلاش، ئىككى پۇتتا بوشلۇق قالدۇرۇش، ئىككى تىز ئۇچرىشىش، ئىككى پۇتنى گىرەلەشتۈرۈش ياكى جۈپلەش، ئويغانغاندىن كېيىن بەل ۋە داس مۇسكۇلى تېلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىش، يوتا سۆڭەك بېشى ئاغرىغاندەك ھېس قىلىش. مەسىلەن، بەل ئومۇرتقىسى، يوتا سۆڭەك بېشى، تىز بوغۇملىرى يېنىچە ياتقاندا بوغۇم زورۇقۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا، ياستۇقنى ياكى يوتقاننى قىسىپ ئۇخلىسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئىككى پۇت ئارىسىغا يۇمشاق ياستۇق ياكى يوتقان قىستۇرۇلسا، بۇنداق بوغۇملارنىڭ خورىشىنى ئازايتىپ، ئۇيقۇ ھالىتىنى تېخىمۇ ساغلام، مۇۋاپىق قىلىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن مۇسكۇل ۋە بوغۇملار ئۈنۈملۈك ئارام ئالىدۇ.

شۇڭا كەچتە ياكى كۈندۈزى ئۇخلىغاندا، چوقۇم ئۇخلاش قىياپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى