كومپيوتېر

يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنى نېمىشقا Linux ئاساسىدا ياسايدۇ؟

يېقىندا «مىكروسوفت جۇڭگونى Windows ۋە باشقا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ» دېگەن بىر «يالغان» خەۋەر تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ گەپ گەرچە يالغان بولسىمۇ ھامان ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى تەتقىق قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

ھازىر دۇنيا بويچە كەڭ تارقالغان كومپىيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن Windows, Mac OS ، Unix, Linux قاتارلىقلار بار. دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىۋاتقان سىستېمىلاردىن UOS ، سامان يولى چىلىن مەشغۇلات سىستېمىسى 银河麒麟操作系统 ، ‏Deepin … قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى Linux ئاساسىدا ياسالغان. رۇسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۆزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى Linux ئاساسىدا ياساپ تەرەققىي قىلدۇرۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا نېمىشقا ھەممە دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسنى Linux ئاساسىدا ياسايدۇ؟ Linux دېگەن نېمە؟

Linux نى 1991-يىلى فىنلاندىيەلىك پروگراممېر Linus Torvalds يۇنىكىس ئاساسىدا يېزىپ ئېلان قىلغان. Linux ھەقسىز بولۇش، ئوچۇق كودلۇق بولۇش ئىدىيىسى بىلەن ياسالغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ھەقسىز ئېچىۋەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن. Linux يادروسىغا بىرەر دۆلەت ياكى شەخىس مېنىڭ دەپ ئىگىدارلىق قىلالمايدۇ. خۇددى توكقا ئوخشاش.

Linux كۆپ ئىشلەتكۈچى، كۆپ ۋەزىپە، كۆپ لىنىيە ۋە كۆپ CPU قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى. Unix نىڭ تور يادرو ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئىنتايىن مۇقىم. 100M ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن كومپىيۇتېردىمۇ راۋان ئىشلەيدۇ. شۇنداق راۋان، يىنىك، مۇقىم ئىشلىگەچكە ھەم ھەقسىز بولغاچقا دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇلازىمىتىرغا Linux ئىشلىتىلىدۇ. (ئالپ تورىنىڭ مۇلازىمىتىرىمۇ Linux) ، مۇلازىمىتىرغا ئىشلىتىدىغان Linux نىڭ كۆرۈنمە يۈزى بولمايدۇ. پۈتۈنلەي كۈنۇپكىدىن بۇيرۇق يېزىپ مەشغۇلات قىلىدۇ. شۇڭا كىنولاردا خاككىرلارنىڭ مائۇس ئىشلەتمەي تاراقىشىتىپ كۇنۇپكا باسقان كۆرۈنۈشى كۆپ ئۇچىرايدۇ.

Linux نىڭ ئالاھىدىلىكى

1. پۈتۈنلەي ھەقسىز. Windows ھەقلىق، ھەقىقىي نەشىردىكى Windows قاچىلانغان كومپىيۇتېرغا 1000 يۈەندىن كۆپرەك باھا قوشۇلىدۇ. ئەگەر لىنۇكىس قاچىلانسا مىڭ يۈەن ئەرزانلايدۇ. Linux بولسا بىر ھەقسىز مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر تور ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە ئەسلى كودىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇنى باشقا مەشغۇلات سىستېمىسى قىلالمايدۇ. دەل مۇشۇ بىر نوقتا سەۋەبىدىن، پۈتۈن دۇنيادىكى سانسىزلىغان پىروگراممېرلار Linux نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش، كود يېزىش خىزمىتىگە قاتناشتى، پىروگراممېرلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىلھامىغا ئاساسەن ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن Linux سانسىزلىغان پىروگراممېرلار جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز زورايدى. (بۇ تېسلانىڭ ئۆزگىرىشچان توكنى كەشىپ قىلغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، پۈتۈن دۇنيا ئۆزگىرىشچان توكنى پاتېنت ھوقۇقىسىز ئىشلىتىۋاتىدۇ) 2020-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە Linux يادروسى Git تىكى ئەسلى كود 27 مىليون 800 مىڭ قۇرغا يەتكەن. بۇ كود 66492 ھۆججەتكە تارقالغان. تەخمىنەن 21074 پروگرامما يادرو كودىنى يېزىشقا قاتناشقان. 2. ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى. ئوچۇق كودلۇق بولغاچقا قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچ كودلىرىنى مەشغۇلات سىستېمىسى يادرو كودلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاسانلا باشقا مەشغۇلات سىستېمىسى ياساشقا بولىدۇ. مەسىلەن ھازىر جاھاننى سوراۋاتقان كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى Android مۇ Linux يادروسىدا ياسالغان. يانفوننىڭ سىستېما ئۇچۇرىغا تەپسىلى قارىساڭلار لىنۇكىس يادرو نەشىرى مانچە دېگەندەك خەتلەر بار. خۇاۋېينىڭ تېخىچە ئېلان قىلمىغان خۇڭمېڭ سېستىمىسىمۇ لىنۇكىس يادروسى ئاساسىدا ياسالغان.

3. كۆپ ئىشلەتكۈچى، كۆپ ۋەزىپە قوللايدۇ لىنۇكىس مۇلازىمتىرىدا سىستېما باشقۇرغۇچى، FTP ئابونتى، web ئابونتى، ئادەتتىكى ئابونت… قاتارلىق كۆپ دەرىجىلىك ئابونتلار بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلالايدۇ. لىنۇكىس قاچىلانغان كومپىيۇتېردىمۇ كۆپ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلالايدۇ، تور سۈرئىتى يىتەرلىك بولسىلا قېتىۋالمايدۇ. 4. كۆرۈنمە يۈزى ئۆزگىچە لىنۇكىس مۇلازىمىتىر نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى يوق. مۇلازىمىتىرغا كۈرۈنمە يۈزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. بىر قوزغىتىپ تەڭشەپ قويسا قايتا قاراپ ئولتۇرۇشنىڭ زۈرۈرىيتى بولمىغاندىكىن كۈرۈنمە يۈز بولمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن شەخىسلەر كومپىيۇتېر نۇسخىسىنىڭ ھەر خىل كۈرۈنمە يۈزلىرى بار. مەسىلەن : ئۇبۇنتۇ، Deepin ۋە باشقا ھەر خىل ئىسىمدا چىقىۋاتقان لىنۇكىس مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەر خىل ئۆزگىچە كۆرۈنمە يۈزى بار. Linux بىرلا ۋاقىتتا بۇيرۇق ھالىتى ۋە كۆزنەك كۆرۈنمە يۈزىگە ئىگە. بۇيرۇق ھالىتىدە ئىشلەتكۈچىلەر كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق مۇناسىپ بۇيرۇقنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا Windows گىرافىك كۆرۈنمە يۈزىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان X-Window سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر مائۇس ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. X-Window مۇھىتىدا Windows بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر Linux نۇسخىدىكى Windows دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن ماۋۇنىڭدەك كۆرۈنمە يۈزلىرى بار.

5. تور ئىقتىدارى كۈچلۈك Unix ئىنتېرنېت تورى ئاساسىدا گۈللەنگەن بولۇپ، Linux نىڭ تور ئىقتىدارىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭ تور ئىقتىدارى بىلەن ئىچكى يادروسى زىچ باغلانغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە Linux باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. Linux  مۇلازىمىتىرى بىلەن ۋىندوۋس مۇلازىمىتىرىنىڭ تور سۈرئىتى، كېچىكىش ۋاقىتىدا خېلى ئېنىق پەرق بار. 6. كۆپ خىل سۇپا، كۆپ خىل CPU نى قوللايدۇ. Linux كۆپ خىل قاتتىق دېتال سۇپىلىرىدا خىزمەت قىلالايدۇ، مەسىلەن، x86، 680×0، SPARC، Alpha، arm، amd قاتارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، Linux يەنە بىر خىل قىستۇرۇلما مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئالقان كومپيوتېر، كومپيوتېر قۇتىسى ياكى ئويۇن ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. روتېر دېگەندەك كىچىك ئۈسكۈنىلەرگىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 2001-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان Linux 2.4 نۇسخىسى Intel 64 بىتلىق ئۆزەك قۇرۇلمىسىنى تولۇق قوللايدىغان بولدى. 7. بىخەتەر ئەلۋەتتە مۇتلەق بىخەتەر سىستېما يوق. لېكىن لىنۇكىسنىڭ بىخەتەرلىكى ۋىندوۋستىن يۇقىرى. ۋىندوۋسقا ھەپتىدە بىر بىخەتەرلىك يامىقى ئېلان قىلىنىپ تۇرسىمۇ ۋىرۇس ھۇجۇمى، ئەخلەت دېتاللاردىن قۇتۇلالمايمىز. لىنۇكىس بارلىققا كېلىشتىنلا بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، بىر قىسقۇچنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈنمۇ باشقۇرغۇچى ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلىرى بولغاچقا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى لىنۇكىس ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۋاتىدۇ. نۆۋەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىشخانا دېتاللىرى، رەسىم، ئۈن-سىن بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى، تور دېتاللىرىنىڭ لىنۇكىس نۇسخىلىرى بار. يەنە كېلىپ ھەممىسى ھەقسىز.

ئالىپ تورىدىن ئېلىندى

 

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى