تەرمىلەر

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

ئادەتتە ئىش قىلغاندا سۆرەلمىلىك قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھورۇن ئادەملەر دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىشنى كەينىگە تارتىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئازراقمۇ ھۇرۇن ئەمەس، ھۇرۇن بولمىسا قانداق ئىشنى كەينىگە تارتىپ سۆرەلمىلىك قىلىدۇ، نېمىشقا سۆرەلمىلىك قىلىدۇ، قانداق قىلغاندا سۆرەلمىلىك قىلمايدىغان بولىدۇ؟

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

بىرىنچى، قانداق ئىشتا سۆرەلمىلىك قىلىدۇ؟

1. ئىجتىمائىي ئالاقىدە سەۋر-تاقەت قىلالمايدۇ. سۆرەلمىلىك قىلغۇچىلار ھەمىشە ئىجتىمائىي ئالاقىنى بەك جاپالىق دەپ قارايدۇ. تۇنجى قېتىم باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، پاراڭلىشىش ئادەتتە قۇرۇق گەپتىن باشلىنىدۇ، ئۇلار بۇ تېتىقسىز پاراڭلاردىن ئاسانلا چارچاپ كېتىدۇ. شۇڭا مۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ: ئەمەلىيەتتە ئۇلار قەدىناس دوستلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، سۆزمەن بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆھبەت مەزمۇنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. ئەمما، يېڭى دوست تۇتۇش ئۇلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن قىيىن، ئىجتىمائىي ئالاقىنى كەينىگە سۈرۈش خاھىشى بولىدۇ.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

2. پىكرىنى ئېنىق ئىپادىلىيەلمەيدۇ. سۆرەلمىلىك قىلىدىغانلار يېقىن تونۇشلاردىن بولمىسىلا ئىچىدىكى ئوي-خىيال ۋە ھېسسىياتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش خەتەرلىك دەپ قارايدۇ. ئاممىۋى مۇھىتتا ناتونۇش كىشىلەر قانچە كۆپ بولسا، ئۇلار شۇنچە جىمىپ كېتىدۇ. ئادەتتە كۆزىتىش ئارقىلىق ئالدىدىكى ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش قىممەت قارىشى بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر ئۆزى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئادەم بولسا، پىكىر بايان قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىناقلىقنى ساقلاپ، تالاش-تارتىشنى، باشقا توقۇنۇش پەيدا قىلىشنى خالىمايدۇ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلار گەپ قىلغاندا توغرىدىن توغرا گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، بەلكى گەپنى ئەگىتىپ، قارشى تەرەپنى ئۆزى چۈشەنسىكەن دەيدۇ. ئەمما، باشقىلار پەرەز قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقىلارنىڭ «شۇ قەدەر دۆت»لىكىگە غەزەپلىنىدۇ، بۇ خىل كەيپىيات ئىچىگە پاتماي، بەزىدە پارتلاپ چىقىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

3. كىچىك ئىشلاردا پاسسىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، تەخسە يۇيۇش، پول سۈرتۈش ۋە بۇس تارتقۇنى تازىلاش دېگەندەك ئائىلە ئىشلىرىغا قارىتا، ئۇلار ھەمىشە ھەر خىل باھانە ـ سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئامال بار قىلمايدۇ. گەرچە تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ ئىجادىي ئىشلارنى ئالدىن ئويلىشىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندىم دەپ قارىسا، كۈن بويى روھسىز، چۈشكۈن، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى يوقاپ كېتىدۇ. ئۇلارنى ئاكتىپ بولۇشقا ئۈندىمەكچى بولساق، چوقۇم قىلىۋاتقان ئىشى قارىماققا ئەھمىيەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەلۇم بىر ئۇلۇغ ئارزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

4. چوڭ ئىشلاردا قۇرۇق گەپ قىلىپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمەيدۇ. سۆرەلمىلىك قىلغۇچىلار نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا رازىكى، ئاسانلىقچە ئارزۇ ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانمايدۇ. بولۇپمۇ يېڭى تۈرگە چېتىلغاندا، ھاياجانلانغىنىدىن نۇرغۇن ۋاقتىنى بۇ تۈرنى پىلانلاش ۋە تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپلا ھەممە ئىش بۆشۈكىدە تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. ئاكتىپلىق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ ئىش قىلمايدۇ، پىلان ۋە مۇھاكىمە ئۇلارنى بىر تەپسىلىي ھەرىكەت يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن خىيال قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە چۈشەپ قىلىنىدۇ، نەتىجىدە ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇكەممەلچىلىك تەرەپدارى بولۇپ، دائىم تەھلىل پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ چىقالمايدۇ.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

ئىككىنچى، نېمە ئۈچۈن سۆرەلمىلىك قىلىدۇ؟

1. مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش ھېسسىياتى. ئىشنىڭ مۇتلەق توغرا ۋە مۇكەممەل بولۇشىنى ئويلاپ، ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالىدۇ. بەزىلەرنىڭ مۇكەممەللىك ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكىتى كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇقىرى تەلىپى ئاستىدا يېتىلگەن بولىدۇ. يەنە بەزىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن مۇكەممەللىك قوغلىشىدۇكى، بۇ خىل ئىنتىلىش قەلبىدىكى قورقۇنچىنى يېڭىشكە تۈرتكە بولىدۇ. مۇكەممەللىككە ئىنتىلگۈچىلەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ. سۆرەلمىلىك قىلغۇچىلار بىر تەرەپتىن ئۆز قابىلىيىتىدىن گۇمانلانسا، بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ باھاسىدىن قورقىدۇ.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

2. غايىچىلىك. ھورۇن ئەمەس كىشىلەرنىڭ سۆرەلمىلىك قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۆزىگە، باشقىلارغا ۋە دۇنياغا نىسبەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يۇقىرى ئۆلچەم قويۇۋالىدۇ. بۇ خىل يۇقىرى ئۆلچەمگە يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قېلىپ، ئىلگىرىلەش ئارزۇسىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ. غايىچىلەر مەنا ئىزدىگۈچىلەردۇر، ئۇلار ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ، بۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلارغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، نۇرغۇن سۆرەلمىلىك قىلغۇچىلار ھۇرۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ھەمىشە سۆرەلمىلىك قىلىدۇ ۋە بوشاڭلىق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرمەيدۇ.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

3. «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق». بەزىلەر قارىماققا سۆرەلمىلىك قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا، بارلىق قەدەم-باسقۇچ ۋە تەپسىلاتلارنى ئويلاپ يەتكۈسى كېلىدۇ، ئەگەر ئېنىق بىر يولنى ئويلاپ تاپالمىسا، يېنىكلىك قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەمىشە ئويلىنىدۇ، مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمايدۇ. تەپەككۇر قانچە چوڭقۇر بولسا، بېسىم شۇنچە چوڭ بولىدۇ، بېسىمنىڭ دەستىدىن نەپەس ئالالماي قالغاندا، ئەسلى نىشانغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. ھېسسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق جىددىيلىكنى پەسەيتمەكچى بولىدۇ، مەسىلەن، كىنو كۆرۈش، دالا پائالىيىتى، ھەددىدىن زىيادە يەپ-ئىچىش قاتارلىقلار، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ ئاقسىتىدۇ. ئۇلار ئويى بار ئادەملەر مۇنداق قىلاي دېسە، ئىقتىدارى يەتمەيدۇ؛ ئۇنداق قىلاي دېسە، تېخنىكىسى يەتمەيدۇ. ئۇلار ئىدراكى كۈچلۈك، ئىشقا سۇس بولغاچقا، بۇنىڭدىن ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولىدۇ. ئۇلارنى سۆرەلمە دېگەندىن كۆرە، «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» دېگەن تۈزۈك.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

ئۈچىنچى، قانداق قىلغاندا سۆرەلمىلىك قىلمايدىغان بولىدۇ؟

1. بىر ئىشنى قىلىشتا ئەھمىيەتلىك سەۋەب تېپىش كېرەك. ھامان بىر قىسىم ئىشلارنى قىلغۇسى بولمىسىمۇ، ئەمما قىلماي بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قاچا يۇيۇش دەل مۇشۇنداق ئىش. قاچا يۇيغۇسى يوقلۇقى ھورۇنلىقىدىن ئەمەس، بەلكى گۆھەرنى تاش ئورنىدا ئىشلەتكەندەك ھېس قىلغانلىقىدىن. قانداق قىلغاندا ئۆز رازىلىقى بىلەن قاچا يۇيىدۇ؟ بۇ ئىشقا چوقۇم چىرايلىق بىر نام قويۇش كېرەك. قاچا يۇيۇش سىز چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئائىلە ئىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر خىل «ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاپ، ھازىرنىڭ پەيزىنى سۈرۈش» روھىي ئەمەلىيىتىدۇر. قاچا يۇيۇلسا ئاشخانا پاكىز بولۇپلا قالماي، يەنە كەيپىياتمۇ ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. قاچا يۇيۇش يەنە ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ھەرقانداق ئىشتا پەقەت چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىنسىلا ئەھمىيەتلىك سەۋەب تاپقىلى بولىدۇ، بۇنداق چاغدا ئادەم ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى ئۆزى قىلىۋاتقان چوڭ ئىشلار بىلەن بىر ئورۇندا قويالىسا، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلالايدۇ.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

2. چوڭ تۈرلەرنى كىچىك ۋەزىپىلەرگە پارچىلاش. ئەگەر نىشان بەك ئۇلۇغۋار بولۇپ كەتسە ياكى ئوي-پىكىر بەك چوڭقۇر بولۇپ كەتسە، ئۇنى سىناق تەرىقىسىدە كىچىكلىتىپ، پۈتۈننى پارچىلاشقا بولىدۇ. خۇددى بىز يوغان بىرلا قەدەم بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئاندىن تاغ چوققىسىغا چىقالايمىز. يەتمەكچى بولغان نىشاننى پارچىلىغاندا، بەلكىم ئىش ئۇنداق قورقۇنچلۇق تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. پەقەت قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى بولسىلا، ۋەزىپىنى تاكى ھۆددىسىدىن چىقالايمەن دەپ قارىغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز پارچىلاش كېرەك.

سۆرەلمىلىكنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

3. ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. مۇكەممەلچىلىك تەرەپدارلىرىنىڭ نەزىرىدە كۆپىنچە ھاللاردا تەييار ئەندىزە بولمايدۇ، ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. سىز ھازىر بار بولغان مۇۋەپپەقىيەت ئەندىزىسىنى تېپىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، گەرچە سىز خىزمەتتە ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە بولسىڭىزمۇ، ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان تەييار مەھسۇلات تېپىڭ، پەقەت بولمىسا، سەلبىي نەرسە بولسىمۇ بولىدۇ. باشقىلارنىڭ كۈچى ۋە پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىپ، ۋاقىتنى تەتقىقات ۋە پىلانغا سەرپ قىلماي، باشقىلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىڭ. ئاساسسىز تەسەۋۋۇرنىڭ نەتىجىسى بولسا، ئويلىغانسېرى گاڭگىراپ قېلىش، ئويلىغانسېرى نېمە قىلىشنى بىلمەسلىك، ئويلىغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئىشنى كەينىگە سۆرەش، ياكى بىراقلا توختىتىشتىن ئىبارەت.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى