ساغلاملىق

بالىلار جىق يەپ، تېز ئۆسسە جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن

بالىلارغا زىيانلىق بۇ بەش خىل ناشتىلىقنى بەرمەڭ!

سەككىز ياشلىق سۇڭ سۇڭنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشتى. يېرىم يىل ئىلگىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقا ئوغۇللارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇنىڭ بويى باشقا ئوغۇللاردىن ئىگىز بولغاندىن سىرت، بۇرۇت چىقىشقا، ئاۋازى بوم بولۇشقا باشلىدى. «ئاپا، مېنىڭ مەكتەپكە بارغۇم يوق، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى زاڭلىق قىلىدىكەن». سۇڭ سۇڭنىڭ ئاپىسى جىددىيلىشىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، سۇڭ سۇڭنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئون نەچچە سانتىمېتىر ئىگىز، سۆڭەك يېشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 11 ياشلىق بالىلارنىڭكىدەك چىقتى، سىرتقى كۆپىيىش ئەزاسى يېتىلىپ بولغان بولۇپ، بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، بالدۇر يېتىلىپ كەتكەن دەپ دىياگنوز قويۇلدى. «ئادەتتە تۇرمۇشتا ناھايىتى دىققەت قىلىمىز، ھورمون يېمەيمىز، ئەزەلدىن پەسىل ئاتلىغان مېۋە – چېۋە، كۆكتاتلىرىنىمۇ يېمەيمىز، بالا قانداق بولۇپ بالدۇر يېتىلىپ كېتىدۇ؟ سۇڭ سۇڭنىڭ ئانىسى ناھايىتى ئەجەپلەندى. دوختۇر مۇنداق دېدى: جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىش نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، سېمىزلىك، سىرتقى مۇھىت، كېسەللىك، بېسىم، ئىرق، ئېرسىيەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يېقىندىن بۇيان، بالىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە بولۇۋاتىدۇ، ئەمما داۋالىنىش نىسبىتى ئۈچتىن بىرگىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئاتا – ئانىلار بالىلار بىلەن جىنسقا ئائىت بىلىملەر توغرىسىدا پاراڭلىشىشتىن خىجىل بولىدۇ، شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى يېتىلىش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە تەبىئىيلا ئامالسىز قالىدۇ. قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوغۇللارنىڭ جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلگەن، يېتىلمىگەنلېكىنى ئايرىشى تېخىمۇ تەس بولىدۇ. دوختۇر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئاتا – ئانىلار توغرا بولغان ساغلاملىق قارىشى تىكلىشى، بالىلار بىلەن ئوچۇق، تەبىئىي ھالدا جىنىسقا ئائىت بىلىملەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بالىنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا ياخشى دىققەت قىلىش كېرەك. نورمالسىزلىق بايقىغان ھامان، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرىغا باھالىتىپ، دىياگنوز قويۇپ ۋە داۋالىتىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى