يېمەك-ئىچمەك

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى

‎ئەتىياز پەسلىنىڭ كېلىشى بىلەن ھاۋا ئاستا-ئاستا ئىسسىشقا باشلىدى، ئىسسىق ھاۋادا كىشىنىڭ دېمى سىقىلىپ، چوڭلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ئۆيدىكى كىچىك دوستلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمۇ تەسكە چۈشىدۇ، كىچىك دوستلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاماق يېيىشتىن بەكرەك ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇپ، بالىلارنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەممە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى.
‎بىراق، ھەر كۈنى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىكى ھەر خىل مەسىلىلەرنى كۆرگىنىمىزدە يۈرىكىمىز جىغىلدايدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇچلار بەك كۆپ بولۇپ، ئىشلەپ بازارغا سېلىنغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى ساغلاملىق مەسىلىسى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ، بولۇپمۇ بالىلار ئامراق بەزەن ئۇششاق يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، بەزەن ئاتا-ئانىلار ئامال قىلىپ بالىلىرىغا بىر قىسىم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىدۇ، چۈنكى ئائىلىدە ئاتا-ئانىلار تەييارلىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول ھەم ئىشتىھانى ئاچىدىغان بولغاچقا، بالىلارمۇ ياقتۇرۇپ يەيدۇ.
تۆۋەندە كۆپچىلىككە، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي بولغان بىر نەچچە خىل ئۇششاق يېمەكلىك تەييارلاش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز، ئىشىنىمەنكى، بۇ يېمەكلىكلەر ھەم ساغلام ھەم ئىشتىھانى ئاچىدىغان بولۇپ، بالىلارلا ئەمەس چوڭلارمۇ تالىشىپ يەيدۇ.

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى

‎دولانا شارچىسى

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى

‎دولانا ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى مېۋە بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن، كاروتىن، مىنېرال ماددىلار، كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتا ۋە دولانا يېلىمى قاتارلىق ئېلېمېنتلار مول، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتا بار بولۇپ، بەدەننى ئورۇقلىتىپ، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرىدۇ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي ھەم يېيىشلىك، چۈچۈمەل تاتلىق.

كېتىدىغان ماتېرىياللار: قۇرۇتۇلغان يېمەكلىك: دولانا مېۋىسىدىن بىر جىڭ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر

تەييارلاش ئۇسۇلى:
‎1. دولانانى سۇس تۇز سۈيىگە ئون مىنۇت چىلاپ قويۇپ، پاكىز يۇيۇپ، ئوتتۇرىدىن يېرىپ، ئۈچكىسى ۋە قۇيرۇقىنى ئېلىۋېتىمىز. ئاندىن قازانغا سۇ قۇيۇپ، كۈچلۈك ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، دولانانى سېلىپ ئون مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈۋالىمىز.
‎2. قاينىتىلغان دولانانى ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىپ پۈتۈنلەي ئېزىپ دولانا مەلھىمى ھاسىل قىلىمىز.
‎3. دولانا مەلھىمىنى يېپىشماس قازانغا قۇيۇپ، ئازراق شېكەر قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، سۇس ئوتتا قورۇپ كاللەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، قوچۇغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىمىز، قورۇش جەريانىدا توختىماي ئارىلاشتۇرۇشىمىز لازىم.
‎4. دولانا سوۋۇغاندىن كېيىن، كىچىك شارچە قىلىپ پارچىلاپ، ئازراق ئاق شېكەر سېپىپلا ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 

‎مېۋە ئارىلاشمىسى

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى

‎كىچىك پەمىدۇرنىڭ سىرتقى شەكلى ئوماق بولۇپلا قالماي، تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، مېۋە-چېۋە ئورنىدا ھەم كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ كېتىۋاتقان كۈنلەردە، كىچىك شوخلا بىلەن ئەينۇلا قېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، چۈچۈمەل، تاتلىق، ئىشتىھانى ئاچىدىغان كىچىك مېۋە ئارىلاشمىسى ياساپ يېسەك، سالقىن ھېس قىلىپ قالىمىز، ئۇنىڭدىن سىرت تەمى تاتلىق بولۇپ، بالىلار ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ.

كېتىدىغان ماتېرياللار: كىچىك پەمىدۇر 1000g، ئەينۇلا بىر بولاق، ناۋات 50g، لىمون پارچىسىدىن ئىككى تال
‎تەييارلاش ئۇسۇلى:
‎1. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن يۇيۇپ تەييار قىلغان كىچىك پەمىدۇرنى قايناق سۇغا 2-3 مىنۇت چىلاپ كىچىك پەمىدۇر يۇمشىغان ۋاقىتتا سۈزۈۋېلىپ پوستىنى سويۇۋېتىمىز. لېكىن، قازانغا سېلىپ قايناتماسلىق ياكى بەك ئۇزۇن چىلاپ قويماسلىق كېرەك، بولمىسا كىچىك پەمىدۇر بەك يۇمشاپ كەتسە تەمىگە تەسىر يېتىدۇ.

‎2. قايتىدىن قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، بىر بولاق ئەينۇلا، 50g ناۋات سېلىپ قاينىتىپ ناۋات ئېرىگەندە ئوتنى ئۆچۈرۈپ سوۋۇتىمىز.

‎كىچىك پەمىدۇر بىلەن قاينىتىپ تەييارلانغان ئەينۇلانى قاچىغا سېلىپ، ئىككى تال لىمون پارچىسى تاشلاپ، يېڭى پېتى ساقلاش يوپۇقىنى يېپىپ، بىر ئاخشام تۇرغۇزۇپ ئەتىسى ئىستېمال قىلساق بولىدۇ

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى

‎بانان ساندۋىچى

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى

‎ساندىۋىچنى چەت ئەل نۇسخىسىدىكى تاۋا نېنى دېيىشكە بولىدۇ، ساندىۋىچ تەييارلاشقا ئاشپەزلىك ماھارىتى ھاجەتسىز، يېمەكلىك ماتېرىيالى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي، يېيىشلىك ھەم قولايلىق.

‎كېتىدىغان ماتېرىياللار: كېسىلگەن ئۈچ پارچە بولكا، ئىككى تال بانان، بىر پاچە ئىرىمچىك.
‎تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. كېسىۋېلىنغان بولكا پارچىسىنى يالپاقلاپ، قازانغا ياغ قۇيماي، سۇس ئوتتا ئازراق سارغايغۇچە پىشۇرىمىز.
2. ئاندىن بىر پارچە بولكا پارچىسىنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە ئىرىمچىك قويىمىز.
‎3. باناننى يالپاق توغراپ، بانان پارچىسىنى ئېرىمچىكنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت ئىرىمچىك قويۇپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە توغرىساق بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى

قېنى ئەمسە نۇرداشلار، كېرەكلىك ماتېرىياللار بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا تەييارلاپ سىناپ بېقىڭلار!

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى