ساغلاملىق

بالىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئېسىل يەرلىك رېتسېپلار

بۈگۈن كۆپچىلىككە بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز، تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئاۋۋال بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ باقايلى.

ئىچى سۈرۈش: بوۋاقلارنىڭ قورسىقى بىئارام بولسا، سوغۇق ئۆتۈپ قالسا ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارغا ئالما پىشۇرۇپ بېرىشكە بولىدۇ، چۈنكى پىشۇرغان ئالمىنىڭ قورۇلۇش رولى بولۇپ، قورساقنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاندا ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

بالىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئېسىل يەرلىك رېتسېپلار

كونكرېت قىلىش ئۇسۇلى: ئالمىنى پاكىزە يۇيۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ توغراپ، سۇ قويۇپ 5-6 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، سوۋۇتۇپ بىۋاسىتە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

يۆتەل: بالىلار يۆتىلىپ قالغاندا، قارا كۈنجۈت، نەشپۈت شەربىتى ئىچۈرسە، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.

كونكرېت قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

1. نەشپۈت (ھەر خىل نەشپۈتلەرنىڭ ھەممىسى بولىۋېرىدۇ) نى پاكىزە يۇيۇپ، يېرىپ، ئوتتۇرىسىنى چوڭراق كولاپ ئېلىۋېتىمىز.

2. كولاپ ئېلىۋەتكەن جاينى قارا كۈنجۈت بىلەن تولدۇرىمىز.

3. «نەشپۈت قاپقىقى» نى يېپىپ، چىش كولىغۇچ بىلەن مۇقىملاشتۇرىمىز.

بالىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئېسىل يەرلىك رېتسېپلار

4. بىر قازانغا ئۈچ تال نەشپۈت ۋە بەش تال چىلان سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، مۇۋاپىق ناۋات سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، يۇقىرى بېسىملىق قازاندا قاينىتىپ شورپىسى ئىچىلىدۇ.

ئىشتىھاسى ناچار بولۇش: بالىنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولمىسا ئاق شېكەر ئاپېلسىن پوستى دۈملىمىسىنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

بالىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئېسىل يەرلىك رېتسېپلار

كونكرېت قىلىش ئۇسۇلى: ئاپېلسىن پوستىنى پاكىزە يۇيۇپ، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغراپ، ئازراق شېكەر ۋە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، قاسقاندا بەش مىنۇت دۈملەپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، يەنە نەملىكنى يوقىتىدۇ.

تاماق سىڭمەسلىك: بالىلاردا تاماق سىڭمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، كىچىسى يىغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەتىگەندە ئويغانغاندا ئېغىزى پۇراپ قالىدۇ، قۇلىقى قىزىرىپ، چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىش قاتارلىق قەۋزىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا دولانا، ناۋات دەملىمىسىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

كونكرېت قىلىش ئۇسۇلى: دولانانى پاكىزە يۇيۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ناۋاتنى سېلىپ ئېرىتىپ بولغاندىن كېيىن دولانانى سېلىپ، قاينىتىپ شىرنىسىنى چىقىرىمىز. دولانا ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، ئۇيۇغان قاننى تارقىتىدۇ.

بالىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئېسىل يەرلىك رېتسېپلار

ئەگەر بالىڭىزدا يۇقىرىقى مەسىلىلەر بولسا، بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى