ساغلاملىق

بالىلارنىڭ بويىنى يالغۇز سۈت ئىچۈرۈشكە تايىنىپلا ئۆستۈرگىلى بولامدۇ؟

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كىچىكىدىنلا بالىلىرىنىڭ بويىنىڭ تېز ئۆسۈپ ئىگىز بوي بولىشىنى، كېيىن مەكتەپتە ئوقۇغاندا سىنىپتا ئەڭ پاكار بالىلار قاتارىدا بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ پېشقەدەملەرنىڭ ئىدىيەسى بويىچە بولغاندا سۈتنى كۆپ ئىچسە ئىگىز بوي بولغىلى بولىدۇ.

بەزىلەر ھەتتا 20 ياشقا كىرىپ قالغان كىشىلەرمۇ سۈتنى سۇ ئورنىدا ئىچسە، بويى ئۆسىدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا بۇ خىل كۆز قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟

سۈت ھەقىقەتەن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنتايىن ساغلام ئىچىملىك بولۇپ، كىچىك بالىلار ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۈت ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان ئىچىملىك بولۇپ، تەركىبىدە كالتسىي، ئاقسىل، ۋىتامىن D قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى مول.

ئۇنىڭ ئىچىدىكى كالتسىي ساغلاملىقنىڭ ئاساسى، ياشانغانلار ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا سۈت ئىچىپ بەرسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، سۈت كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى تاللاش بولۇپ، بۇنىڭدا خاتالىق يوق.

لېكىن، ئەگەر كۆپچىلىك سۈت ئىچسىلا بوي ئۆسىدۇ دەپ قارىساق، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق شېرىن چۈشنى كۆرمەسلېكىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، سۈت ئىچىش بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۆگەك زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، سۆڭەك سۇنۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. ئەمما كالا سۈتىنىلا ئىچكەندە ياكى سۈتنى سۇ ئورنىدا ئىچكەندە، يالغۇز مۇشۇ بىر خىل ئادەت بىلەنلا بوينى ئۆستۈرگىلى بولمايدىكەن. ئادەمنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكىنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئامىل بەلگىلەيدىكەن.

بالىلارنىڭ بويىنى يالغۇز سۈت ئىچۈرۈشكە تايىنىپلا ئۆستۈرگىلى بولامدۇ؟

1. ئاتا-ئانىنىڭ ئىرسىيەت ئامىلى:

مەيلى قانچە ياشتىكى ئادەمنىڭ بوي ئىگىزلىكىنى بەلگىلەشتە بولسۇن، ئىرسىيەت ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بويى ئەسلىدىنلا پاكار بولمىسا، بويىڭىز ئانچە پاكار بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بويى ئانچە بەك ئىگىز بولمىسا، ئۇنداقتا بويىڭىزنىڭ ئىگىز بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئىگىز بولىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن سىزنىڭ كېيىن قانداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا قاراش كېرەك، بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

2. ئوزۇقلۇق ئامىلى:

بالىلارنىڭ بويىنى يالغۇز سۈت ئىچۈرۈشكە تايىنىپلا ئۆستۈرگىلى بولامدۇ؟

ئەگەر سىزدە ناھايىتى ياخشى ئىرسىيەت ئامىلى بولسا، ئۇنداقتا كېيىنكى ئوزۇقلىنىشنىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ئۆسۈش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى ئامىل بار بولۇپ، بىرى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كالتسىي، يەنە بىرى بولسا ۋىتامىن D.

ۋىتامىن D نى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنىش، ئۇ سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە باشقا كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوشقاندا، كېيىن بويىڭىزنىڭ ئۆسمەسلىكىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

3. ھەرىكەت ئامىلى:

دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ھەرىكەت مىقدارى ئاز ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تېز بولىدۇ. ئەگەر بالىڭىزنىڭ بويى ئۆسىدىغان مەزگىلدە بولسا ۋاسكېتبول ئويناش، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى