يېمەك-ئىچمەك

تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان كۆكتاتلارنى بىلەمسىز؟

تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان كۆكتاتلارنى بىلەمسىز؟

پالەك تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك ئەڭ ئاۋۋال تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشنى ئويلايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پالەكنىڭ تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولۇشى پەقەت ئۇنىڭ تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش رولىنىڭ سەۋەبىدىنلا ئىبارەت، نۇرغۇن ئانىلار پالەكنى بوۋاقلارنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش دەپ قارايدۇ. ئەمما سىز تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش ھەققىدىكى ئۇششاق بىلىملەرنى راستتىنلا چۈشىنەمسىز؟

پالەك راستتىنلا تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىيالامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، تولۇقلىيالايدۇ، لېكىن پالەكنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى مول بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس. ئانالىز دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر 100 گىرام پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى 2.9mg بولۇپ، ئەمما كەرەپشە، چۇپۇرشاڭ، قىزىل بۇغداش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ.

ھەر 100g كەرەپشە تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى 6.9mgدىن يۇقىرى، ھەر 100g چۇپۇرشاڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى 5.4mg، ھەر 100g قىزىل بۇغداش تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى 5.4mgغا يېتىدۇ، چۇپۇرشاڭ ۋە قىزىل بۇغداش قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋا كۆكتات بولۇپ، ئېتىزلىق ئەتراپىدىكى يول بويىدا ئۆسىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، پالەك ۋە كەرەپشە قاتارلىق يوپۇرماق تۈرىدىكى كۆكتاتلار تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى غەيرىي ھېماتىنلىق تۆمۈر بولۇپ، ئوكسالىك كىسلاتا، فىتىك كىسلاتا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاسان ئۇچرايدىكەن، ئەمما سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى %10 ئەتراپىدا بولىدىكەن. پالەك تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتا بىلەن فىتىك كىسلاتا پالەكنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا پالەككە تايىنىپ تۆمۈر ئېلېمېنتىنى تولۇقلاشقا بولمايدۇ.

ئەمما، پالەكنىڭ تۆمۈر تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. پالەك تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، ھەممىسى ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلاردۇر. مەسىلەن، ۋىتامىن C، فولىك كىسلاتاسى، كاروتىن، كالىي، ماگنىي؛ مول كاروتېنوئىد، ساپونىن قاتارلىق ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلىرى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىك تالا تەركىبى بولۇپ، بىر تەرەپتىن قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي يولى ئىچكى مۇھىتىنىڭ مۇقىم ھالىتىنى ساقلايدۇ.

تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىدىكى تۆمۈر ماددىسىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا تولۇقلايدۇ، ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، قان تولۇقلاپ تېرىنى سىلىقلاش، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقىي تۆمۈر ماددىسى تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن قايسىلار بار؟

1. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

ھېماتىن تۆمۈر ماددىسى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە بىر قەدەر كۆپ، شۇنداقلا تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشتىكى ئالدىنقى تاللاش بولالايدۇ، مەسىلەن، ھەر 100 گىرام كالا گۆشى تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى 15.6mgغا يېتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا توخو جىگىرى، دېڭىز قۇلۇلىسى تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. لېكىن، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ قان ياسالمىلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا يەنى، بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلغاندا، بەدەننىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. يۇمشاق تەنلىك قۇلۇلە تۈرىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى

سۇ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش كېرەك، دېڭىز ئادەمگىياھى، سەدەپ قۇلۇلىسى گۆشى، يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە، قۇلۇلە گۆشى، ماككېرېل بېلىقى قاتارلىقلاردا تۆمۈر تەركىبى مول بولۇپ، ئاقسىل تەركىبى ئەلا بولغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بېرىمىز. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشتىكى ئالدىن تاللىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنى تولۇقلاشتا تېخىمۇ زۆرۈر ئورۇندا تۇرىدۇ.

3. تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان دانلىق زىرائەتلەر

ئارپا، سۇلۇ، قارا بۇغداي، تېرىق، ئاققوناق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەر ۋە سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە مول تۆمۈر ئېلېمېنتى بولۇپ، ئۇلارنى كۈندىلىك تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشتىكى مۇھىم يېمەكلىك مەنبەسى قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىتامىن C تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، غەيرىي گېماتىن تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل يېمەكلىكنىڭ تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش ئۈنۈمى پالەكنىڭ 20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قان تولۇقلاپ تېرىنى سىلىقلايدۇ، يۈز تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش