ساغلاملىق

بالىنى ئانا سۈتىدە بېقىش بالىغىمۇ ئانىغىمۇ پايدىلىق

بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ قانداق پايدىلىرى بار؟ ئانىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بالىنى ئانا سۈتىدە بېقىش ئانىنىڭ سۈت بېزى راكى بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتەلەمدۇ؟

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق دوكتۇرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى گو چيەنيىڭ بۇ توغرىسىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتىدە بېقىش كېرەك؟

گو چيەنيىڭ: بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئانا سۈتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەۋزەللېكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە باشلىدى، تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئانا سۈتى بىلەن ئوغۇز سۈتىنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانا سۈتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئادەم، ئانا سۈتى ئانىنىڭ بەدىنىدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇق. شۇڭا تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار، ئاقسىل ئامىنو كېسلاتالىرىنىڭ نىسبىتى ئادەم بەدىنىگە ئەڭ يېقىنلىشىدۇ. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ناۋادا بىزدىن ئوزۇقلۇق مىقدارى ئەڭ مول يېمەكلىكنى، ئەڭ ياخشى يېمەكلىكنى باھالاش تەلەپ قىلىنسا (گەرچە ھازىر بىرلا خىل يېمەكلىكنى ئوزۇقلۇق مىقدارى ئەڭ مول دەپ قارىمىساقمۇ) چوقۇم تاللاش كېرەك بولغاندا ئانا سۈتىنى تۇنجى بولۇپ تاللايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كېسلاتاسىنىڭ سىخېمىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتياجىغا ئەڭ يېقىنلىشىدۇ، ئەڭ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئانا سۈتىدە يەنە بىزنىڭ تەڭشەلگەن سۈتلىرىمىز ۋە باشقا سۇيۇق ھالەتتىكى سۈتلەر يېتەلمەيدىغان بىر قىسىم نەرسىلەر بار. يەنى ئانا سۈتى تەبىئىي ئانتېتلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا ئانىسى بەرگەن ئانتېتلا بولغاچقا ئالتە ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز كېسەل بولىدۇ. بولۇپمۇ يۇقۇملۇق كېسەل بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن. ناۋادا بوۋاق قىزىپ قالسا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. چۈنكى بۇ دەۋردە بالا ئالتە ئايلىق بولۇشتىن ۋە تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئانا ئۇنىڭغا ئازراق ئانتېتلا بەرگەن بولىدۇ، ناۋادا داۋاملىق ئانا سۈتىدە بېقىلسا بالا ئېرىشىدىغان ئانتېتلا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، بالا تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىدۇ. چۈنكى ئانا سۈتى ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەن ئىچىدىن چىققان بولغاچقا رېئاكسىيە قىلىش خەتىرى تۆۋەن بولىدۇ.

ئانا سۈتىدە بېقىشتىكى مەقسەت نېمە؟

گاۋ فېي: ئانا سۈتىدە بېقىشنى تەشەببۇش قىلىشتىكى مەقسەت نېمە؟

گو چيەنيىڭ: نۆۋەتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىزچىل مۇشۇ ئۇقۇمنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بىز بالىلارنى ئالتە ئايغىچە ساپ ئانا سۈتىدە بېقىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك بېقىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتىدە ئالتە ئاي بېقىش كېرەك؟ چۈنكى ئالتە ئايدىن كېيىن بوۋاقلارنىڭ تامىقىغا باشقا يېمەكلىكلەر قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقلارغا بېرىلىدىغان يېمەكلىك پەقەت بىرلا خىل بولماي قالىدۇ. ئىلگىرى بەزى دوستلىرىمىز بالىلىرىنى ھەتتا 3-2 ياشقىچە ئېمىتكەن.

بوۋىقىنى ئانا سۈتىدە بېقىش ئانىغىمۇ پايدىلىق.

گاۋ فېي: ئاشۇنداق ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىغان ئانىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش كېرەك. چۈنكى خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى چوڭ بۈگۈنكىدەك دەۋردە ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ. ئەمەلىيەتتە، ئانا سۈتىدە بېقىش ئانىغىمۇ پايدىلىق.

گو چيەنيىڭ: توغرا. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ قوش بىسلىق. ئانا ھامىلدار بولۇپ 16-ھەپتىسى كۆكسى سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. دېمەك، 16 ھەپتىدىن كېيىنكى ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىڭىز تۇغۇلسا ئېمىتەلەيسىز. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانا بىلەن بالا ئوخشاش يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ، ئانا تېنى بالىغا قۇۋۋەت بەرسە، ئانا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ياغ تەييارلىسا كۆكسى 2-قېتىم يېتىلىدۇ. ئادەم بەدىنى ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق فۇنكىسىيەگە ئىگە بولىدۇ. ناۋادا بالا ئېمىتىلمىسە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە پەيدا بولغان ياغنى چىقىرىۋېتىش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن. ناۋادا بىر ئانا نورمال سۈت ئاجرىتىپ چىقارسا بىر كۈندە 500 كىلوكالۇرىيە ئىسسىقلىقنى خورىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ دەل ياغ بولۇپ، بالا ئېمىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئانىلار بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دېسە بالىسىنى ئېمىتسە بۇ جەريان تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.

ھامىلدار ئانىلار يەڭگىگەندىن كېيىن بالىياتقۇسى بىر قېتىم زەخمىلىنىدۇ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىگەن ئانىلارنىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئانىلار بالىلىرىنى ئېمىتىش جەريانىدا ئانا-بالا تېرە، كۆز، سىيلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ ئېمىشى، تېگىشى ئانىدا غىدىقلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بىز ياش ئانىلارنى زىيارەت قىلغاندا بىر ئانا بالىسى ئېمىشى بىلەن قورسىقىدا قىسىلغاندەك ئاغرىق پەيدا بولغانلىقىنى، بەزىدە بەكلا بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ ۋاقىتتىكى ئەسلىگە قايتىش ئىنكاسى ئانىنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان چىقىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ، ئېمىتىش قانچە بالدۇر بولسا، بالا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىلسا ئانىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ پايدىسى بولىدۇ. يەنە بىرى، ئېمىتىش ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇقىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ئانىلىق مېھرى نۇر ھالقىسى چاقناپ كەيپىياتى تەبىئىيلا تۇراقلىشىدۇ.

ئېمىتىش سۈت بېزى راكى بولۇش نىسبىتىنى قانچىلىك تۆۋەنلىتىدۇ؟

گاۋ فېي: ئاياللار ھازىر بۇرۇنقىدەك كۆپ بالا تۇغمايدۇ. ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ ئادەت توختاپ بالىياتقۇ ناھايىتى ياخشى ئارام ئېلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. ئاياللار كېسىلى بولۇش ئانا سۈتىدە باقماسلىق ياكى ئاز تۇغۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

گو چيەنيىڭ: بۇ تۇخۇمدان راكى ۋە سۈت بېزى راكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئانا سۈتىدە بېقىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقاتلاردا بالىنى ئانا سۈتىدە بېقىشنىڭ ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكى ياكى تۇخۇمدان راكى بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدىغانلىقى، بۇ كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقى بايقالدى.

بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئادەت كەلسە سۈت تۈگەشكە ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟

گاۋفېي: بۇمۇ ئوملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم نوقتا. بەزىلەر بالىسىنى ئېمىتكەندە ئادەت كەلمەيدۇ. ناۋادا ئېمىتىپ 3-2 ئاي بولغاندا ئادەت كەلسە بەزىلەر سۈت تۈگەشكە ئاز قاپتۇ دەيدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا مۇقەررەر مۇناسىۋەت بارمۇ؟

گو چيەنيىڭ: ئۇنداق ئەمەس. ئادەت كەلگەندىن كېيىن سۈت ئازلاپ كەتمەيدۇ، بۇ ئىككىسى مۇناسىۋەتسىز. بىراق، بىر ئەھۋال تولىمۇ ئالاھىدە. بەزى ئانىلار بالىسىنى ئېمىتىش جەريانىدا 2-قېتىم ھامىلدار بولۇپ قالسا سۈت ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ كېتىدۇ. ناۋادا بالا ئېمىتىش جەريانىدا قايتا ھامىلدار بولۇپ قالمىسا ئادەت كەلسىمۇ سۈتنىڭ مىقدارى ياكى ئوزۇقلۇق تەركىبىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى