ساغلاملىق

تۇغۇتتىن كېيىنكى ئورۇقلاشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەزگىلىنى بىلەمسىز؟

تۇغۇتتىن كېيىنكى ئورۇقلاشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەزگىلىنى بىلەمسىز؟

ھامىلدارلىق ۋە بالا تۇغۇش ھەربىر ئايالنىڭ باشتىن كەچۈرىدىغان جەريانى بولۇپ، بەزى ئانىلار تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىدۇ، ھالبۇكى بەزىلىرى ناھايىتى تېزلا ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى بەدەن ئېغىرلىقىغا قايتىدۇ.

تېزلا ئەسلىگە قايتقان ئاياللارغا ئادەمنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ راستىنلا بىرەر ئورۇقلاش مەخپىتى بارمىدۇ؟ ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن ئانىلاردا بۇ بىر نەچچە خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، پۇرسەتنى ۋاقتىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك، چۈنكى بۇ دەل ئورۇقلاشنىڭ ياخشى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنچىدىن، تاماق مىقدارىدا ئازلاش كۆرۈلسە

كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، ئىككى كىشىلىك يېسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن ئەگەر تاماق مىقدارىنىڭ بارا-بارا ئازىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ ئورۇقلاشنىڭ ياخشى مەزگىلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا، ئانىلار دەل مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

 

تۇغۇتتىن كېيىنكى ئورۇقلاشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەزگىلىنى بىلەمسىز؟

ئىككىنچىدىن، سۇ ئىچىشنى ياقتۇرسا

ئەگەر ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار دائىم ئۇسسىغاندەك ھېس قىلىپ، ئىچكەن سۇ مىقدارىمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىن خېلىلا كۆپەيسە، بۇمۇ ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ، سۇ ئىچىشنىڭ بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەشكە ياردىمى بار. بۇ پەقەت ئورۇقلاشنىڭ ياخشى پەيتى بولۇپلا قالماي، يەنە سۈتنى كۆپەيتىشكىمۇ پايدىلىق، شۇڭا ئانىلار بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا چىڭ تۇرسا

تۇغۇتتىن كېيىنكى ئېمىتىشنىڭ كۆكسىنى ساڭگىلىتىدىغانلىقىنى ھەربىر ئايال بىلسە كېرەك، بىراق كۆپ قىسىم ئانىلار بالىسى ئۈچۈن ئېمىتىشنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېمىتىشنىڭمۇ ناھايىتى كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار، مەسىلەن، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە قايتىشى، بالىياتقۇ راكىنىڭ يۈز بېرىشىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار. ئەڭ مۇھىمى بالا ئانا سۈتىدىكى ياغنى سۈمۈرىدۇ، ياغنىڭ ھەممىسىنى بالا سۈمۈرۈپ كەتسە، ئانىنىڭ ئورۇقلىشىمۇ ئۇنچە تەسكە توختىمايدۇ ئەمەسمۇ!

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى