ساغلاملىق

بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار:

ئەمچەك چىڭقىلىپ ئاغرىش

بەزى ئانىلارنىڭ سۈتىنى بوۋاق تولۇق ئېمىپ بولالمايدۇ، ناۋادا ئېشىپ قالغان سۈت كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇنداقتا ئەمچەكنىڭ ئېسېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولسا، بوۋاققا تولۇق ئېمىتىۋېتىش، ئەمما سۈتنىڭ مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن سېغىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.

بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

سۈت توسۇلۇشتىن كېلىپ چىققان سۈت بىزى ياللۇغى

ئەمچەكنىڭ راۋانلاشتۇرۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا، سۈت سۇيۇقلىقى راۋان ئېقىپ چىقالماي، بىر قىسىم سۈتنىڭ ئەمچەكتە ئېشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سۈت توسۇلۇش دەپ ئاتىلىدۇ. سۈت توسۇلۇش ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا سۈت بىزى راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ. مىكروپ يېرىلغان ئەمچەك توپچىسىدىن ئەمچەككە كىرىپ، ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ، بەلكىم ھەم يەنە سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ئېمىتىش ھەم ئېشىپ قالغان سۈتنى سېغىپ چىقىرىۋېتىش سۈت بىزى ياللۇغىنى پەسەيتىدۇ. ناۋادا ئاغرىق ئېغىر بولسا، چوقۇم دوختۇرغا بېرىش كېرەك!

 

ئېمىتىش قېتىم سانى جىق بولسا، ئانىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى زور دەرىجىدە خورايدۇ

ئانا سۈتىدە بېقىش، ئانا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن بىر جاپالىق ئىش. كېچىسىمۇ ئېمىتىشكە توغرا كەلگەچكە ناھايىتى ئاسانلا ئۇيقۇسىز قالىدۇ. دادا بولغۇچىمۇ چامىنىڭ يېتىشىچە ئانىغا ياردەملىشىپ بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىپ، ئانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىپ بېرىشى كېرەك. بىراق بوۋاق كۈندۈزى ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئانىمۇ ئەڭ ياخشىسى ئازراق بولسىمۇ ئۇخلاپ، ئۇيقۇسىغا قېنىۋالسا بولىدۇ.

يېرىلىپ كەتكەن ئەمچەك توپچىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى

بوۋاقنىڭ ئېمىۋاتقان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز كۈچەپ چىشلىۋېلىشىدىن ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ كېتىپ، ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. بوۋاققا چىش چىقىۋاتقان مەزگىلىدە ئانىسىنى چىشلەپ يارىلاندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار تېخىمۇ ئاسان يۈز بېرىدۇ. ناۋادا ئانا بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاغرىپ كەتكۈدەك بولسا، ئەمچەك توپچىسى ئاسىرىغۇچى بىلەن ئېمىتىش كېرەك! ئاندىن نەملىك ساقلاش خۇسۇسىيىتى بار بولغان قايماقنى ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتىراپىغا سۈركەپ قويسا بولىدۇ. ياكى بەش مىنۇتتا بىر قىسقا مۇددەتلىك ئېمىتسىمۇ بولىدۇ.

 

1. مۇزلاتقان داكا بىلەن ئەمچەك توپچىسىنى سۈرتۈپ ئاغرىقنى پەسەيتىش.

ئېمىتىشتىن بۇرۇن، توڭلىتىلغان داكىدا نەم لۆڭگە تەييارلاپ، ئەمچەك توپچىسىنى يۆگەپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. بىراق چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتقان بولسا، ئەمچەك توپچىسى ئاسىرىغۇچ ئىشلىتىشىمىز كېرەك!

2. ئەمچەك توپچىسىغا مۇۋاپىق مىقداردا قايماق سۈركەپ قويۇش

ئەمچەك توپچىسى قۇرغاق ياكى چىشلەپ يارىلاندۇرۇلغان بولسا، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتراپىغا بىر قەۋەت نەملىك ساقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگەن بولغان قايماق سۈركەپ قويساق بولىدۇ.

 

سۈت ياندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى:

1. بوۋاقنىڭ يۈزىنى ئانىنىڭ كۆكسىگە بېسىش

بوۋاقنىڭ يۈزىنى ئانىنىڭ كۆكسىگە بېسىپ، ئاندىن دۈمبىسىنى ئاستا سىلاپ بېرىمىز، چۈنكى ئانىنىڭ قورسىقى بوۋاقنىڭ قورسقىنى بېسىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقنى ئاسانلا كېكىرىدۇ.

2. تىزىغا ئولتۇرغۇزۇش

بوۋاقنى تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ، بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ بېشى ھەم كۆكرەك قىسمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولدا دۈمبىسىنى ئاستا ئۇرۇپ بېرىمىز.

3. بوۋاقنى مۈرىمىزگە ياتقۇزۇپ كۆتۈرىمىز

بوۋاقنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن مۈرىگە ئېلىپ، بوۋاقنىڭ قورسىقىنى ئانىنىڭ مۈرىسىگە ئۇدۇل قىلىمىز، ئانىنىڭ مۈرىسى بوۋاقنىڭ قورسىقىنى سىققانلىقى ئۈچۈن، ئاسانلا كېكىرىك يانىدۇ.

 

بالا ئېمىتىۋاتقانلار كۈندىلىك يېمەك–ئىچمەكتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر:

1. ئاقىسىلنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ھەر ۋاقلىق تاماقنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ھايۋانات ئاقسىلى بار بولغان يېمەكلىكلەر بولۇشى كېرەك، مەسىلەن گۆش، بېلىق، سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلار.

2. بوۋاققا تەدرىجىي ھالدا مېۋە، كۆكتات قاتارلىق سۇ تەركىبى بولغان ئوزۇقلۇقلارنى قوشۇش كېرەك!

3. گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر بولسا، ۋىتامىن B12 قاتارلىقلار ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش كېرەك.

4. دورا ھەم باشقا غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى قالايمىقان يېمەسلىك كېرەك، يېمەكلىك ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالا ئېمتىۋاتقان ئانا ئېمىتىش مەزگىلىدە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن نېرى تۇرغىنى ياخشى، مەسىلەن قەھۋە، چاي، تاماكا، ھاراق ھەم ئاچچىق يەل قازان شورپىسى قاتارلىقلار.

ئانا سۈتى بوۋاقنى تويغۇزالمىغاندا ياكى ئانا سۈتى يېتىشمىگەندە، مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇمچە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ، بوۋاقنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز، تۇنجى قېتىم سۈت پاراشۇكى بەرگىنىمىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئەنسىرەپ قالىمىز. قانداق ۋاقىتتىن باشلاپ ئىچۈرسەك ياكى قانداق ئىچۈرسەك ئانا سۈتىدىن سۈت پاراشۇكىغا غەلىبىلىك ئالماشتۇرۋالغىلى بولىدۇ؟ نۆۋەتتىكى مەزمۇنلار سىزگە بۇ مەسىلىنى تەپسىلى يېشىپ چۈشەندۈرىدۇ:

 

ناۋادا ئانا سۈتى يېتىشمىسە، سۈت پاراشۈكى ئىشلەتمەي ئامال يوق

قايسى ۋاقىتلاردا سۈت پاراشۇكى بىلەن ئېنېرگىيە تولۇقلاشنى باشلايمىز؟

ئانا سۈتى يىتىشمىگەندە، سۈت پاراشۇكى ئىشلەتسەك بولىدۇ. بوۋاقنى بىر ئايلىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ بارغاندا دوختۇر بىلەن ئەستايىدىل پىكىرلىشىپ، بوۋاقنىڭ تەن سۈپىتىنىڭ يېتىلىشى بولۇشقا تېگىشلىك ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسا، سۈت پاراشۈكى بىلەن تولۇقلاشنى ئويلىشىمىز. بىراق ئېمىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئانا سۈتى تولۇق چۈشۈپ بولالمىغان ئەھۋالدا، يەنىلا ئامال بار ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك.

ئارىلاشتۇرۇپ بېقىش

ئارىلاشتۇرۇپ باققاندا، ئالدىن بىلەن ئانا سۈتىنى ئېمىتىمىز، ئاندىن سۈت پاراشۇكى بېرىمىز. ئانىسىنى ئېمىتىپ بولۇپلا بېرىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، سۈت پاراشۇكىنى ھەر قېتىم ئېمىتىشتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويىمىز، پۈتۈن جەريان يېرىم سائەت ئىچىدە تاماملانغىنى ئەڭ ياخشى، ئانا سۈتى سەھەر ھەم چۈش پەيتلىرىدە ئەڭ مول بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈت پاراشۇكى تەييارلىمىساقمۇ بولىدۇ.

ئارىلاشتۇرۇپ بېقىشنى ماسلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار:

1. يېرىم سائەتتە سۈت پاراشۇكىنى تەڭشەپ، ئېمىتىپ بولۇش.

2. ھەر قېتىم ئالدى بىلەن چوقۇم ئانا سۈتى ئېمىتىش.

3. پەقەت كەچقۇرۇن ھەم كەچىلىرى سۈت پاراشۇكى بېرىش.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى