ساغلاملىق

تۇنجى بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ زىيىنى

جەمئىيەتنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھازىر بەزى ئاشىق-مەشۇقلار توي قىلماي تۇرۇپلا بىر ئۆيدە تۇرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تاسادىپىي بويىدا قېلىش دائىملىق ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئايال تەرەپ ھامىلىدار بولۇپ قالغاندا ئەر تەرەپ ئۇدۇللا بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشنى ئېيتسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەگەر ئايال تەرەپ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتەك ئاقىۋىتىنى ئويلىمايلا قارشى تەرەپ بىلەن بىللە بولسا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئادەتتە دوختۇرلار ئاياللارنىڭ بىرىنچى بالىسىنى ئامال بار ئالدۇرۇۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى بىرىنچى بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

تۇنجى بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ زىيىنى

  1. ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرى

ناھىيەسىگەرچە دوختۇرخانىلار ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ خەتىرى يوق دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەندە ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە ناھايىتى زىيانلىق، ئاياللار بىرىنچى بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەندە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى نېپىزلاپ، كېسەل باكتېرىيەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاقىۋەتتە بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

تۇنجى بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ زىيىنى

2. تۇغماسلىق

تۇغماسلىق ناھايىتى ئېغىر بولغان ئەگەشمە كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ كېيىن بالىلىق بولۇش پىلانى بار ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق، دوختۇر ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغاندا ھامىلىنىڭ تولۇق چۈشۈپ كېتىشى ئۈچۈن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قىرىدۇ، ئاقىۋەتتە بالىياتقۇ پەردىسى ئەسلىگە كەلمەيدىغان دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كېيىنكى قېتىم ھامىلىدار بولۇش ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ.

تۇنجى بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ زىيىنى

3. ئادەت خارەكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىش

ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ناھايىتى نازۇك، ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بالىياتقۇغا بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، ئەگەر ھامىلە چۈشۈرۈش جەريانىدا بالىياتقۇ بوينى يارىلىنىشنى پەيدا قىلغان بولسا ئاسانلا ئادەت خارەكتېرلىك بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى بەكلا چوڭ.

تۇنجى بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ زىيىنى

4. پىسخىكىلىق يارا

بەزى ياش ئاياللارغا نىسبەتەن تەييارلىقسىز ھالەتتىلا ئۆزىنىڭ بىرىنچى بالىسىنى كۈتۈۋېلىش ناھايىتى قىيىن ئىش، بۇنداق تەييارلىقسىز ئەھۋالدا ئۇلار بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ بەدىنى زەخمىلىنىپلا قالماستىن روھىي دۇنياسىمۇ ئېغىر زەخمىلىنىدۇ.

ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ يۇقارقىدەك ناچار تەسىرلىرى بولغان ئىكەن، ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ سالامەتلېكىنى ئاسراشنى بىلىش، سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى