ساغلاملىق

بالىياتقۇ سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ۋە تەڭشەش چارىلىرى

بالىياتقۇ سوۋۇش نۇرغۇن ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئاياللاردا بالىياتقۇ سوۋۇغاندا بەدەنگە بولغان زىيىنىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بالىياتقۇ سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى يەنىلا نۇرغۇن ئاياللار بىلمەسلىكى مۇمكىن، تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە توختىلىمىز.

بالىياتقۇ سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ۋە تەڭشەش چارىلىرى

بىرىنچى، بالىياتقۇ سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسى؟

بەدەن ساپاسى.

قىسمەن ئاياللاردا بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بەدەن ساپاسىدىن بولغان، بۇ ئاياللار سوغۇقتىن قورقىدۇ، ئادەتتە بەدىنى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا چارچايدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئاياللاردا بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.

بەدىنىنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش.

بەزى ئاياللاردا بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى تۇغما ئەمەس، بۇ خىلدىكى ئاياللار يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك مۇھىتتا تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈنئىي سوغۇق شامال پۇت-قوللارنى مۇزلىتىۋېتىدۇ. ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىمۇ شۇ سەۋەبتىن سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىدۇ.

زىيادە ئورۇقلاش.

ھازىرقى نۇرغۇن ئاياللار ئورۇقلاشنى گۈزەللىك دەپ بىلىدۇ، شۇڭا بەزى ئاياللار پەۋقۇلئاددە چارىلەر ئارقىلىق ئورۇقلىماقچى بولىدۇ. ئادەتتە تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، ئورۇقلىتىش دورىسى يېيىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئورۇقلايدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ھالىتىدە بولۇپ، ئاياللار بالىياتقۇسىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىشىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىياتقۇ سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ۋە تەڭشەش چارىلىرى

بويىدىن ئاجراش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولۇش.

بويىدىن ئاجراپ كېتىش قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش زۆرۈر بولغاچقا، بەدەندىكى كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇق، ئېنېرگىيە قاتارلىقلار بالىياتقۇدا ساقلىنىدۇ، بويىدىن ئاجراش ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ تېز سۈرئەتتە خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بويىدىن ئاجراپ كەتكەندىن كېيىن، تەڭشەش جايىدا بولمىسا، قۇۋۋەتنىڭ خوراپ كېتىشى ۋە بالىياتقۇنىڭ سوۋۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سوغۇق يېمەكلىكلەرگە ھېرىسمەنلىك.

بەزى ئاياللار سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ھەيز مەزگىلىدىمۇ سوغۇقتىن پەرھىز تۇتمايدۇ. بۇنداق قىلىش بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولىۋەرسە بالىياتقۇنىڭ سوۋۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىياتقۇ سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ۋە تەڭشەش چارىلىرى

ئىككىنچى، ئاياللار بالىياتقۇ سوۋۇشنى قانداق تەڭشىشى كېرەك؟

ئالدى بىلەن، ئاياللار تۇرمۇشتا مۇۋاپىق چېنىقىپ تۇرۇشى كېرەك. ھەرىكەت بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالىياتقۇسى سوۋۇپ كەتكەن ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېنى ئاجىزراق بولۇپ، ئادەتتە يوگا، سەيلە قىلىش ۋە ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئادەتتە بەدەننى چوقۇم ئىسسىق ساقلاش كېرەك. يازدىمۇ ئىلاجنىڭ بېرىچە كىندىكنى ئوچۇق قويماسلىق لازىم. ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيدە تۇرغاندا، ئىسسىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بالىياتقۇسى سوۋۇپ كەتكەن ئاياللارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە سوغۇق يېمەكلىكلەر بولماسلىقى، ئىمكانقەدەر ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بالىياتقۇنىڭ سوغۇقىنى تەڭشەش لازىم.

يەنە بالا ئالغۇسى يوق ئاياللارغا نىسبەتەن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھامىلە چۈشۈرۈش سالامەتلىككە زىيانلىق، ئىلاجنىڭ بېرىچە ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى