ساغلاملىق

ئورۇقلاڭ، ھەرىكەت قىلىڭ، ساغلام غىزالىنىڭ

ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھاياتىدا ئورۇقلاش، ھەرىكەت قىلىش ۋە ساغلام يېيىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىيىن ئىش بار، بۇ ئىشلارنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن داۋاملاشتۇرۇش، ئادەت يېتىلدۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

بۇ ئىشلار نېمىشقا شۇنچە تەس؟

بىرىنچىدىن، ئىچكى زىددىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىشلار ئىنسانلارنىڭ تۇغما ئىقتىدارىغا زىت؛ ئىككىنچىدىن، تاشقى زىددىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى زامان تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەممىلا يەردە ئېزىقتۇرۇشقا تولغان.

مۇنداق ئادەملەر بار، تۇغۇلۇشىدىنلا«تەييارغا ھەييار» بولىدۇ، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يوق دېيەرلىك، ئۇلار ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭسىڭىز ئورۇقلاش ئۇلۇغۋار پىلانىڭىز ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەك پىلانىڭىز يوققا چىقىدۇ.

شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، بۇ ئىرادە-پەزىلەت مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغانلىق ئەمەس، جىسمانىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلغانلىق ياكى ئادىمىيلىكنى كەمسىتكەنلىك ئەمەس.

بۇ يەردە تېجەشلىك گېن بىلەن دوپامىننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئاۋۋال تېجەشلىك گېن توغىرسىدا توختىلايلى، بۇ نەرسە راستتىنلا مەۋجۇتمۇ؟

ئەلۋەتتە، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشىتاتى باش دوختۇرخانىسىنىڭ «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە بۇ نۇقتىنى شەرھىيلىگەن. بۇ گېن mir-128-1 گېنى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالاقىدار تەجرىبىلەردە بۇ گېننى بۇزۇپ تاشلىغان چاشقان ماي تەركىبى يۇقىرى قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەن تەقدىردىمۇ، سېمىزلىك، دىيابېت قاتارلىق مېتابولىزم كېسەللىكلىرىنىڭ تەھدىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تاقابىل تۇرالىغان.

ئورۇقلاڭ، ھەرىكەت قىلىڭ، ساغلام غىزالىنىڭ

دوپامىنغا كەلسەك، بىز ھەممىمىز بۇنىڭ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ۋە ھاياجانلاندۇرىدىغان چوڭ مېڭە ئاجراتمىسى، چوڭ مېڭە مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، چوڭ مېڭە دوپامىن ئارقىلىق سىزگە كېلەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشنى كۆپرەك قىلىشنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

لېكىن مۇكاپاتلاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى پەقەت دوپامىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارىلا ئەمەس، يەنە دوپامىن D2 قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىمۇ بار.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر چوڭ مېڭىدىكى دوپامىن D2 قوبۇل قىلغۇچى تەنچە يېتەرلىك بولسا، ئۇنداقتا ئازراق دوپامىن ئاجرىتىپ چىقارغان تەقدىردىمۇ قانائەت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. ئەكسىچە، بىر ئادەمنىڭ دوپامىن D2 قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى يېتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇكاپاتلاشقا سەزگۈر بولمايدۇ، يەنى ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ.

مەززىلىك تەمگە خۇمار بولۇش بۇنىڭ تىپىك مىسالى، دوپامىن D2 قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى ئاز كىشىلەر يېمەكلىكلەردىن قانائەت ھاسىل قىلالمايدۇ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئېغىر تەمدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىزدەيدۇ، بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن يۇقىرى تۇزلۇق، يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق بولىدۇ. بۇ خىل ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەر بەدەننى بىئارام قىلىدۇ، بەدەننىڭ بىئارام بولۇشى دوپامىن D2 قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى يەنىمۇ ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا پېتىپ قالىدۇ، قانچە كۆپ يېگەنسېرى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ جەرياندا ئادەم بارغانسېرى سەمرىپ كېتىدۇ، ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭ ۋە سەپەرۋەرلىككە تايىنىپ ھەل قىلىش ناھايىتى تەس.

ئورۇقلاڭ، ھەرىكەت قىلىڭ، ساغلام غىزالىنىڭ

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلەرنىڭ دوپامىن D2 قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسىنىڭ ئازىيىش دەرىجىسى ئۆزىنىڭ BMI قىممىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن.

ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا تۇغما «تەييارتاپ»، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان سېمىز كىشىلەر بولسا، ئۇنداقتا ئىجتىمائىي تور ئىلمىدىكى داڭلىق «ئۈچ دەرىجىلىك تەسىر كۈچى» نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، سىزنىڭ سەمرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىڭىز زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەسىر كۈچى نەزەرىيەسى: ئەگەر دوستىڭىز سەمرىپ كەتسە، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %45 بولىدۇ؛ ئەگەر دوستىڭىزنىڭ دوستى سەمىرىپ كەتسە، سىزنىڭ سەمرىپ كېتىش نىسبىتىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر دوستىڭىزنىڭ دوستىنىڭ دوستى سەمىرىپ كەتسە، سىزنىڭ سەمىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىڭىزمۇ %10 بولىدۇ.

ئەگەر سىز تۇغما «تەييارتاپ»، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناچار بىر ئادەم بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز تېخىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايسىز، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، بارغانسېرى سەمىرىپ كېتىسىز. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالى بار.

ۋىلكاننېل تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى پىروفېسسورى رىچارد فرېدمان (Rid Friedman) «پېچىنە بىلەن روھلاندۇرۇش دورىسىنىڭ ئورتاقلىقى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى، بۇ خىل خۇمار قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرغاندا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

ئورۇقلاڭ، ھەرىكەت قىلىڭ، ساغلام غىزالىنىڭ

يېمەكلىكنى مىسالغا ئالساق، تاللا بازىرىغا بارماسلىق، كەچلىك بازار ئايلانماسلىق، مەززىلىك يېمەكلىك ئېلانى كۆرمەسلىك، ئوپچە تاماق يېمەسلىكنىڭ ھەممىسى ئۈنۈملۈك ئايرىۋېتىش ئۇسۇلىدۇر.

تېخىمۇ ئاقىلانە چارە سىزنى نازارەت قىلالايدىغان ياكى ئۆزئارا نازارەت قىلالايدىغان «ساغلام» ھەمراھ تېپىشتىن ئىبارەت. شۇ چاغدا، سىز ئەھۋالنىڭ زور دەرىجىدە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايسىز.

ئورۇقلاڭ، ھەرىكەت قىلىڭ، ساغلام غىزالىنىڭ

ساغلام يېمەك-ئىچمەك، چېنىقىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشتەك بۇنداق ساغلاملىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى جەھەتتە، 1 + 1 نىڭ 2 دىن چوڭ ئۈنۈمى بار. ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چېنىقىش سارىيىنىڭ ئەر-ئايال ئەزالىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، دائىم يالغۇز چېنىقىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى چېنىقىشقا چىقماسلىق نىسبىتى %43 كە يەتكەن، ئەمما دائىم ھەمراھ بولۇپ چېنىقىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ چېنىقىشقا چىقماسلىق نىسبىتى ئاران %6.3 بولغان.

ھېچكىم سەمىرىپ كېتىشنى خالىمايدۇ، ھېچكىم كېسەل بولۇشنى خالىمايدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن «بودەك» دەپ قارىلىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىق شېرىكىمىزنى تېپىشىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى