ساغلاملىق

ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشنى «چەكلەڭ»، ئۈنۈمىنى كۆرىسىز

1. ئىچىملىك چەكلەڭ

نۇرغۇن كىشىلەر ئىچىملىك ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن بىر قۇتا كولانىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قاچا گۈرۈچ تامىقىغا باراۋەر، بىر ئىستاكان ئەتكەن چاينىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىككى قاچا گۈرۈچ تامىقىغا باراۋەر. ئىچىملىك گەرچە تەملىك بولسىمۇ، لېكىن قەنت مىقدارى كۆپ، يەنە بەدەننىڭ قېرىشى ۋە سېمىزلېكىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشنى «چەكلەڭ»، ئۈنۈمىنى كۆرىسىز

بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتپ، ياخشى بولغان بەدەن قىياپىتىڭىزنى ساقلاي دېسىڭىز ئىچىملىكنى چەكلەڭ، كۆپرەك سۇ ئىچىڭ، بۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلاپ، ئارتۇقچە ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشنى «چەكلەڭ»، ئۈنۈمىنى كۆرىسىز

 

2. سىرتتىن تاماق بۇيرۇتماڭ

سىرتتىن سېتىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مايدا پىشۇرۇلغان، ئىسسىقلىق ۋە ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەكشى ئەمەس، سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن يەنە سەمرىپ كېتىشنى تېزلىتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مايدا پىشۇرۇلغان توخو، ھامبۇرگ، پىسا قاتارلىقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، بىر ھامبۇرگ + بىر ئىستاكان كولا + بىر پارچە بەرەنگى قەلەمچىسىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 1000 كالورىيەدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك بەدەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى تەخمىنەن 1800-2000 كالورىيە ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۈچ ۋاق تاماقنى مۇشۇنداق يېگەندە، ئادەم ناھايىتى ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشنى «چەكلەڭ»، ئۈنۈمىنى كۆرىسىز

مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەر بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندە زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بىز ئىمكان بار ئۆزىمىز تاماق ئېتىپ ھەر خىل ساغلام بولمىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشتە چىڭ تۇرساقلا، ساغلام شۇنداقلا زىلۋا بەدەنگە ئېرىشىسىز.

3. كېچىلىك تاماق يېمەسلىك

كەچ ئۇخلايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر كېچىلىك تاماق يېيىشنى تاللايدۇ. كېچىلىك تاماقلارنىڭ كۆپىنچىسى قاقلاپ پىشۇرۇلغان، قورۇلغان يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەر بولۇپ، بىر ۋاق كاۋاپ يېگەندە، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارى سىزنىڭ كەچلىك تامىقىڭىزدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشنى «چەكلەڭ»، ئۈنۈمىنى كۆرىسىز

كېچىلىك تاماق يېگەندە يەنە ئۇخلاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەي ھەزىم قىلغاندا ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىدۇ، ئەتىسى روھىي ھالىتى ياخشى بولمايدۇ، كېچىلىك تاماق يېگەندە، ئەتى ئەتىگەندە ئاچلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز، چۈنكى ئۈچەي، ئاشقازان بىر ئاخشام يېمەكلىك ھەزىم قىلىدۇ، ئەتىگەندە ئاشقازان، ئۈچەي قۇرۇقدالسىلا ئاچارچىلىق ئۇچۇرى تارقىتىدۇ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا سىز ئاسانلا زىيادە كۆپ يەۋالىسىز، بۇنداق ئەھۋالدا ئورۇقلىشىڭىز ناھايىتى تەس بولىدۇ.

ئورۇقلايدىغان كىشىلەر قانۇنىيەتلىك ھالدا ئۈچ ۋاق تاماق يەپ، كېچىلىك تاماقنى تاشلىغاندىلا، ئاندىن ساغلام ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشنى «چەكلەڭ»، ئۈنۈمىنى كۆرىسىز

4. كېچىدە تۈنىمەسلىك ۋە بەك كەچ ئۇخلىماسلىق

تۈنەش بولسا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىشى، ئەگەر سىزنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىڭىز سائەت 24تىن كېيىن بولسا، بەدەن ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ، ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىمۇ ئاسانلا قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، بەدەن مېتابولىزم سەۋىيەسىمۇ بالدۇر قانۇنىيەتلىك ئۇخلىغان كىشىلەرگە يەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئاسانلا سەمرىپ كېتىسىز.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشنى «چەكلەڭ»، ئۈنۈمىنى كۆرىسىز

پەقەت قانۇنىيەتلىك بالدۇر ئۇخلاش ئادىتىنى ساقلىغاندىلا، بەدەننىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، قىنىپ ئۇخلىغاندا ئورۇقلىتىش ماددىسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياغنىڭ بىرىكىشىنى تىزگىنلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئىككىنچى كۈنى سىزنىڭ روھىڭىز ھەسسىلەپ ئېشىپ، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ!

ئىلمىي ئۇخلاش ۋاقتى تەكلىپى سائەت 23:00تىن تىن 7:00گىچە، سىز قىلالامسىز؟

5. ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش

ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ پۇت ۋە قورسىقى ئاسانلا يوغىناپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇزۇن ئولتۇرۇش پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىنى تورمۇزلايدۇ، يەنە ئۇزۇن ئولتۇرۇش كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، بەل ئومۇرتقىسى زورۇقۇش، ئومۇرتقا شەكلى ئۆزگىرىش، بوغۇم قېتىۋېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئىككىلەمچى ساغلاملىق كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشنى «چەكلەڭ»، ئۈنۈمىنى كۆرىسىز

 

ھەمىشە ھەرىكەت قىلىشقا ۋاقتىم يوق دېمەڭ، ئادەتتە بىر سائەت ئولتۇرۇپ، 10 مىنۇت ھەرىكەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك، چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، يەر بېغىرلاش ياكى سوزۇش مەشىقى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئۆيدىكى ۋاقىتتا ئارغامچا سەكرەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ۋاقتىڭىز بولسا سىرتقا چىقىپ يۈگۈرۈڭ، ھەر ھەپتىدە تۆت يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، شۇندىلا سىزنىڭ بەدەن ساپايىڭىز بارغانسېرى كۆتۈرۈلۈپ، بارا-بارا ئورۇقلايسىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى