ساغلاملىق

ئورۇقلاشتىكى 10 كىچىك ساۋات

  1. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلىغاندا چوقۇم قايتا سەمرىپ كېتىدۇ.

تاماقتىن پەرھىز تۇتقاندا ھەقىقەتەن ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، لېكىن نورمال يېمەك-ئىچمەكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن چوقۇم ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ. ھەقىقىي ئورۇقلاش چوقۇم تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاش بولماستىن، بەلكى يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بەزىلەر: ئەگەر تاماقنى ئازلاتماي، بۇرۇنقىدەك كۆپ يېسە، قانداقمۇ ئورۇقلىغىلى بولسۇن؟ دەيدۇ.

ئالدى بىلەن، ئورۇقلاشتا چوقۇم ئېغىزنى باشقۇرۇش كېرەك، ئەمما «ئېغىزنى باشقۇرۇش» نوقۇل ھالدا تاماقنى ئاز يېيىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى توغرا، ساغلام يېمەكلىكلەرنى يېيىش دېگەنلىك. ئورۇقلاشتا چوقۇم تويغۇچە يېيىش كېرەك، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ «ئەخلەت يېمەكلىكلەر»نى تويغۇچە يېيىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى «ئوزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام يېمەكلىكلەر»نى تويغۇچە يېيىش دېگەنلىكتۇر.

ئورۇقلاشتىكى 10 كىچىك ساۋات

2.دورا بىلەن ئورۇقلىغاندا، سالامەتلىككە چوقۇم زىيان يېتىدۇ. كونىلاردا دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا دورىنى قالايمىقان يېيىشكە بولمايدۇ.

ئۇزاق مۇددەت ناشتا قىلمىسا ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ، يەنە ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە، گەرچە چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمەت ۋە تۇرمۇشنى يېتەرلىك ئېنىرگىيە بىلەن قامداپ، ئاسانلا ماددا ئالمىشىشنى تۆۋەنلىتىپ، سەرپىياتنى ئازايتسىمۇ، لېكىن قورساق بەك ئېچىپ كەتكەنلىكتىن، چۈشلۈك تاماقنى بەك تېز ياكى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېگەندە، قوبۇل قىلغان ئارتۇق ئىسسىقلىق مىقدارى ياغقا ئايلىنىپ يىغىلىپ قالىدۇ.

دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئۆتكە تاش چۈشۈش ئۇزاق مۇددەت ناشتا قىلماسلىق، ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئادەم ئاسان كېسەل بولىدىكەن.

ئورۇقلاشتىكى 10 كىچىك ساۋات

3. ئۇزاق مۇددەت ئاساسلىق تاماقلارنى يېمىگەندە، ئاسانلا دانىخورەك، قەۋزىيەت، چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئاساسلىق تاماق تۈرلىرى بەدەننى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن B بىلەن تەمىنلەيدۇ.

4. ئۇزاق مۇددەت ئاساسلىق تاماق تۈرلىرىنى يېمىگەندە، ۋىتامىن B كەمچىل بولۇپ ئاسانلا چېچەك چىقىش، چاچ چۈشۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنى ماسلاشتۇرغاندا، قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق ھەم تەڭپۇڭ بولۇپ، بەدەن تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، قەۋزىيەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ئورۇقلاشتىكى 10 كىچىك ساۋات

5.سۇ ئىچىش يېتەرلىك بولمىسا، ئورۇقلاشقا پايدىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا ئىششىپ قالىدۇ.

ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى تەخمىنەن ئىككى لىتىر سۇ تولۇقلايدۇ، شۇڭا بەك ئۇسساپ كەتكەندە ئاندىن سۇ ئىچىشنى ئويلىماڭ.

بەدەندە سۇ كەمچىل بولغاندا ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت سۇ ئىچىش يېتەرلىك بولمىسا، تېرە قۇرغاقلىشىش، ئېغىز پۇراش، قان قويۇقلىشىش، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

6.كىراخمالنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاسانلا ماي يىغىلىپ قالىدۇ.

كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئادەتتە ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ، قارىماققا زىيانسىز كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئەقلىي قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەزى تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ قېرىغاندىن كېيىن ئاسانلا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

ھەر ۋاقلىق تاماقنىڭ كىراخمال تۈرى ئەڭ كۆپ بولغاندا تاماقنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولۇپمۇ ئىشخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئاساسلىق تاماقلارنى نورمال يېسە بولىدۇ.

ئورۇقلاشتىكى 10 كىچىك ساۋات

7.شېكەر مايغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سەمرىتىدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى گۆشنى كۆپ يېسە سەمرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن شېكەرگە بولغان تونۇشى ئۇنچە ئېنىق ئەمەس. تاتلىق يېمەكلىكلەر كىشىگە ناھايىتى گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر بىلىپ-بىلمەيلا نۇرغۇن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يەۋېتىدۇ. تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر قورساق تويغاندەك ھېس قىلمايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا سەل قاراپ، يەنە تېخىمۇ كۆپ تاماق يەۋالىدۇ.

8. بىرلا خىل يېمەكلىك بىلەن ئورۇقلىغاندا، ناھايىتى ئاسانلا ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى، بەدەننىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بەدەن ساغلام بولمىغان ھالەتتە تۇرىدۇ، ساغلاملىق بولسا بەدەننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر خىل يېمەكلىك بىلەن ئورۇقلىغاندا، بەدەننى ناھايىتى ئاز ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننى زەخىملەندۈرىدۇ.

9.ھازىر شېكەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن يېمەكلىكلەر ناھايىتى مودا بولۇپ، ئۇنى «نۆل كالورىيەلىك ئىسسىقلىق» دەپ جاكارلايدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كىشىلەردە تايىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، «تاتلىق تەمگە خۇمار بولۇش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزىلەرگە مەلۇم خىل شېكەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن يېمەكلىكلەر ماس كەلمەيدۇ ، يېگەندىن كېيىن قورسىقى كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، شۇنداقلا ئۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

10.ئادەم بەك كەچ ئۇخلىسا ياكى تۈنىسە بەزى ئورۇقلىتىش ھورمۇنلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ. ئورۇقلىتىش ھورمۇنى بىلەن ئاچلىق ھورمۇنى ئىشتىھانى تەڭشەيدىغان ئىككى خىل ھورمۇن بولۇپ، ئورۇقلىتىش ھورمۇنى ئىشتىھانى تۇتۇپ، ئاچلىق ھورمۇنى ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا، ئورۇقلىتىش ھورمۇنى تۆۋەنلەپ، ئاچلىق ھورمۇنى ئۆرلەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچ سائەت 10 بولسا ئورۇقلىتىش ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت، شۇڭا بالدۇر ئۇخلاپ ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى