ساغلاملىق

بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلىسىڭىز ئاستا-ئاستا ئورۇقلىيالايسىز

نېمە ئۈچۈن ھەممىسىلا ئوخشاش ئورۇقلاش ئۇسۇلى تۇرۇپ، بەزىلەر تېز ئورۇقلايدۇ، يەنە بەزىلەر ئورۇقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئورۇقلاشقا تىرىشقانچە سەمرىپ كېتىدۇ.

سىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، ھەممىسى ئوخشاش ئۇسۇل، باشقىلار ئورۇقلىسا، سىز نېمىشقا ئورۇقلىيالمايسىز. بۇ بەلكىم سىزگە ئۇسۇلنىڭ ماس كەلمىگەنلىكى ياكى سىزنىڭ ھۇرۇنلۇق قىلغانلىقىڭىز بولماستىن، بەلكى سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك تەپسىلاتلارغا سەل قارىشىڭىزدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار سىزنى سەمرىتىۋېتىدىغان ئاساسلىق ئامىل، شۇڭا بۇ ئامىللاردىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلغاندىلا، ئاندىن بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تۆۋەنلەيدۇ.

تۆۋەندىكى بەش خىل سەمرىپ كېتىش ئادىتىنى تاشلىسىڭىز، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئورۇقلاپ، زىلۋا بەدىنىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز.

بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلىسىڭىز ئاستا-ئاستا ئورۇقلىيالايسىز

1. ناشتا قىلماسلىق

نۇرغۇن كىشىلەر ناشتىغا سەل قاراپ، ناشتىلىق قىلمىسا پۇل تېجىگىلى ھەم ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى خوراتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ناشتىلىق ئورۇقلىماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، پەقەت ناشتا قىلغاندىلا بەدەن ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مېتابولىزمنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆرلەتكىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمىنى تېزلىتىپ، كۆپرەك ئىسسىقلىق سەرپ قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەمما، ئەتىگەندە ناشتا قىلمايدىغانلار ئىزچىل ھالدا قورساق ئاچ ھالەتتە تۇرۇپ، چۈشتىن بۇرۇن ماينى يېقىلغۇ قىلىدىغان پۇرسەتنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ، يەنە تېخى قورساق ئاچ بولغاچقا، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا تېخىمۇ كۆپ يەۋالىدۇ.

بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلىسىڭىز ئاستا-ئاستا ئورۇقلىيالايسىز

2.ئىچىملىكلا ئىچىپ سۇ ئىچمەسلىك

تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرى بىر ئىستاكان سوغۇق ئىچىملىك ئىچسىڭىز ئادەمنى سالقىن ھېس قىلدۇرىدۇ، لېكىن ئۇ كۆپ مىقداردىكى قەنت ماددىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن، سىزنى يەنە ئارتۇق بىرنەچچە ئىستاكان ئىچكۈزۈپ سەمرىتىدۇ. ئىچىملىك ئېغىرلىق ئازايتىش يولىدىكى توسالغۇ، پەقەت ئۇلارنى تاشلىۋەتكەندىلا ئاندىن ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇسساپ كەتكەندە سىز سۇ ئىچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، سۇنىڭ ئازراقمۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بولمايدۇ، سىزنى سەمرىتمەيدۇ، پەقەت سۇ تولۇقلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېتابولىزم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېغىرلىقىنى ئازايتىش جەريانىنى قىسقارتىدۇ.

بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلىسىڭىز ئاستا-ئاستا ئورۇقلىيالايسىز

3. ھەر خىل ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىش

نۇرغۇن كىشىلەر پېچىنە، بولكا، بەرەڭگە ياپراقچىسى، قەنت-گېزەك قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى زاپاس ساقلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ مىقدارى ئاز بولسىمۇ، لېكىن تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىدىن يۇقىرى بولىدۇ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا، ھەر كۈندىكى ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە ماي يىغىلىپ قالىدۇ. ئورۇقلاش ئۈچۈن، ئىمكان بار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېمەسلىك كېرەك.

بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلىسىڭىز ئاستا-ئاستا ئورۇقلىيالايسىز

4. ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش

بىز دائىم ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، بىر كۈن ئۇخلاشتىن باشقا ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ۋاقىتنى ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىمىز. ئۇزۇن ئولتۇرۇش قاننىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تىزنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر سائەت ئولتۇرۇپ ئون مىنۇت ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.

بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلىسىڭىز ئاستا-ئاستا ئورۇقلىيالايسىز

5. تاماقنى بەك تېز يېيىش

كۆپرەك ۋاقىت ئارام ئېلىش ياكى خىزمەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تاماق يېيىش سۈرئىتىنى تېزلەتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلىش ماينى ئازايتىشقا پايدىسىز. چۈنكى تاماقنى بەك تېز يەۋەتسىڭىز، ئاسانلا تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىكنى چاينىماي ھەزىم قىلىشىڭىز تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ، ئاخىرىغا بارغاندا ئېرىشكىنىڭىز پەقەت سېمىزلىك بولىدۇ. پەقەت سۈرئەتنى ئاستىلاتقاندىلا، ئاندىن بۇنداق يېمەكلىكلەرنى يېتەرلىك چاينىغىلى بولىدۇ، بۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق، ھەتتا ئاستا بولغانلىقتىن، ئاسانلا قورساق تويغاندەك ھېس قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلىسىڭىز ئاستا-ئاستا ئورۇقلىيالايسىز

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى