ساغلاملىق

ناشتىدا بۇلارنى يېيىش بىر سائەت ئاستا يۈگۈرگەنگە تەڭ!

ناشتىدا بۇلارنى يېيىش بىر سائەت ئاستا يۈگۈرگەنگە تەڭ!

مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ناشتىدا ئاچ قورساققا بۇلارنى يەپ بەرسە، بىر سائەت ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر كېلىدۇ، يوغان قورساق ئاستا-ئاستا كىچىكلەپ يوقاپ كېتىدۇ.

1. سۇلۇ

سۇلۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىك بولۇپ، قەۋزىيەت بولۇپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر سۇلۇ ئۇمىچى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، سۇلۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سېللۇلوزا بار بولۇپ، دائىم سۇلۇ ئۇمىچى ئىستېمال قىلىش ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. سۇلۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، ئورۇقلىماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا سۇلۇنى كۆپرەك يېسىمۇ سەمرىمەيدۇ. يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئورۇقلىماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر ئىشتىھاسىنى كونترول قىلالماي، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە سۇلۇ يەپ بەرسە بولىدۇ، چۈنكى سۇلۇ ھەم قورساق تويغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ ھەم ئورۇقلاشقا پايدىسى بولىدۇ.

ناشتىدا بۇلارنى يېيىش بىر سائەت ئاستا يۈگۈرگەنگە تەڭ!

ناشتىدا بۇلارنى يېيىش بىر سائەت ئاستا يۈگۈرگەنگە تەڭ!

2. ساپ بۇغداي بولكىسى

ئەتىگەندە بولكا يېيىش ناھايىتى ياخشى تاللاش، لېكىن ئورۇقلايدىغانلار ئۈچۈن ھەر قانداق بولكىنىڭ ھەممىسى يېيىشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. بۇنداقلار ساپ بۇغداي بولكىسىنى تاللاپ يېيىشى كېرەك. ساپ بۇغداي بولكىسى باشقا بولكىلاردەك يېيىشلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى باشقا بولكىلارغا قارىغاندا خېلى تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساپ بۇغداي بولكىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قارا ئاشلىقتىن ياسىلىدۇ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ناشتىدا بۇلارنى يېيىش بىر سائەت ئاستا يۈگۈرگەنگە تەڭ!

3. تۇخۇم

تۇخۇم بىر خىل ئورۇقلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان يېمەكلىك بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم يېسە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش خاتا، تۇخۇم بىر خىل يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىك بولۇپ، ماي تەركىبى يوق دېيەرلىك، شۇڭا ناشتىدا تۇخۇم يېسە ئادەم تويغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئاسانلىقچە سەمرىپ كەتمەيدۇ. كۈندۈزى قورساق ئاچقاندەك ھېس قىلغاندا، ئازراق سۇ ئىچسە بولىدۇ، ناشتىدا تۇخۇم يەپ، كۈندۈزى ئۇششاق يېمەكلىك يېمىسىڭىز ياكى ئاز يېسىڭىز، ئاسان سەمرىپ كەتمەيسىز، بىخەتەر ئورۇقلىيالايسىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى