ساغلاملىق

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل تۇرمۇش ئادىتى

ھەقىقەتەن ئورۇقلاش پىلانى بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، نېمە ئۈچۈن يەنىلا ئورۇقلىيالمايسىز؟

كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى سىزدىكى ھەر كۈنلۈك ئېنېرگىيەنىڭ ھالىتىنى بەلگىلەيدۇ، قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە مىقدارى سەرپ بولغان ئېنېرگىيە مىقداردىن كۆپ بولغاندا، بەدىنىڭىز ئاستا-ئاستا سەمرىشكە باشلايدۇ، بىر قىسىم ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرگەندىلا، بەدەننىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل تۇرمۇش ئادىتى

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل تۇرمۇش ئادىتى تۆۋەندىكىچە، ئەگەر سىزدە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەت بار بولسا ئورۇقلىشىڭىز ناھايىتى تەس.

بىرىنچى، ئۇششاق يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرۈش.

نۆۋەتتە چوڭ كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىنى قاپلىغان مەززىلىك يېمەكلىكلەر ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ. ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن بودەكرەك كېلىدۇ،ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ناھايىتى قىيىن. چۈنكى ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ ئېنېرگىيەسى ناھايىتى يۇقىرى، بىر خالتا بەرەنگى ياپراقچىسىنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارى 500 كىلوكالورىيە بولۇپ، ئۈچ قاچا گۈرۈچ ئاشنىڭ ئېنېرگىيەسىگە توغرا كېلىدۇ، بىر ئىستاكان قەنت قوشۇلغان ئەتكەن چاينىڭ ئېنېرگىيەسىنى خورىتىش ئۈچۈن سىزنىڭ بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت يۈگۈرۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. سىز تېخى ئازراق ئۇششاق يېمەكلىك يېگەننىڭ ئورۇقلاشقا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ دەپ قارامسىز؟ ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ كىچىككىنە يېمەكلىك سىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇششاق يېمەكلىك يېيىش، ھەرخىل ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، پەقەت ئۈچ ۋاق غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئىلمىي ھالدا ئورۇقلاپ سەمرىپ كېتىشتىن ساقلىنالايسىز. ئەگەر ئورۇقلىغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقىڭىز قايتىدىن ئۆز ئەسلىگە قايتسا، ئۇنداقتا چوقۇم ئۇششاق يېمەكلىك يېيىش ئادىتىنى قەتئىي ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بەدەندىكى ئارتۇق يۈك ئازلاپ، ئېنېرگىيە توپلىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل تۇرمۇش ئادىتى

ئىككىنچى، ئۇزۇن ئولتۇرۇش، كۆپ ھەرىكەت قىلماسلىق.

ئۇزۇن ئولتۇرۇش ئاللىقاچان ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ قاتىلغا ئايلاندى. ئۇزۇن ۋاقىت جىمجىت ئولتۇرغاندا يوتا ۋە قورساق يوغىناش، بوغۇملار قېرىش، بەل ئومۇرتقىسى تومپىيىپ چىقىش، مۇسكۇل زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، بەدەننىڭ مېتابولىزىمى ئاجىزلاپ، قېرىشنى تېزلىتىدۇ.

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل تۇرمۇش ئادىتى

سىز چوقۇم ئولتۇرۇش ۋاقتىڭىزنى ئازايتىشىڭىز كېرەك. بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن 10 مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىش بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، 10 مىنۇت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بەدەن سوزۇش، ئولتۇرۇپ قوپۇش ياكى سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، پۈتۈن بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغاندا، بەدەندە ھەر خىل كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل تۇرمۇش ئادىتى

 

ئۈچىنچى، دائىم كېچىدە تۈنەش، تۇرمۇشى قانۇنىيەتلىك بولماسلىق.

نۆۋەتتە كېچىدە تۈنەش نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانماقتا، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت كېچىدە تۈنەپ ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىق ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنى ناھايىتى تېزلىتىدۇ. سىز ئۆزىڭىزچە كەچ ئۇخلاش بەدەندىكى ئېنېرگىيەنى خورىتىشقا پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالماڭ، كەچ ئۇخلاش ئورۇقلاش ماددىسىنىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كەچ ئۇخلىغاندا قورساق ئېچىپ، ئۇنى بۇنى يېيىشتىن ساقلىنالمايسىز، نەتىجىدە كېچىدە يېيىلگەن ئاشۇ نەرسىلەر بەدەندە ماي پەيدا قىلىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئىككىنچى كۈنىدىكى روھىي ھالەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

قانۇنىيەتلىك ھالدا بالدۇر ئۇخلايدىغان ئادەم ئىككىنچى كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندا روھلۇق قوپىدۇ، خىزمەت ھالىتى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. ئىلمىي بولغان ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 23:00 تە ئۇخلاپ يەتتە سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، بۇ خىل ئادەت بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مايلارنىڭ پارچىلىنىشىغا پايدىلىق.

 

سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل تۇرمۇش ئادىتى

 

تۆتىنچى، كەچلىك تاماقنى بەك مول يېيىش.

ساغلام بولغان كەچلىك غىزالىنىش ئادىتىدە كەچتە ئاز يېيىش كېرەك، ئەگەر كەچتە گۆش قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئارتۇق ئېنېرگىيە مايغا ئايلىنىپ بەدەنگە توپلىنىدۇ، كەچتە ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئېنېرگىيىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش كېرەك. ئادەتتە كەچلىك تاماققا كۆپرەك سەي-كۆكتات يەپ بەرسە مۇۋاپىق، ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق. كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى ئۈچ سائەت ئىچىدە قايتا نەرسە يېيىشتىن ساقلىنىپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىش لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەدەندىكى ماي پارچىلىنىپ، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى