يېمەك-ئىچمەك

قان ئاز ئاياللار بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئادەت قىلىڭ

ئاياللار مەلۇم ياشقا بارغاندىن كېيىن قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرىلىدۇ، قان ئازلىق كۆرۈلگەندە روھسىز بولۇش، پۈتۈن بەدەن ئاجىز بولۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، بەدىنىدە قان ئاز ئادەملەر ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى ئادەملەردىن قېرى كۆرىنىدۇ، بەدىنى بۇرۇن قېرىپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئۇيقۇسى قاچىدۇ، كۆپ چۈش كۆرىدۇ، نەپەس يېتىشمەسلىك، بەدەن ئاجىز بولۇش، سوغۇقتىن قورقۇش، چىرايى سۇلغۇن بولۇش، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، تۆۋەندە ئاياللارنىڭ يېيىشىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان، قان تولۇقلايدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرماقچىمىز.

قان ئاز ئاياللار بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئادەت قىلىڭ

  1. بەش قىزىل شورپىسى

يەتتە تال چىلان، باش تال ئالىقات، 50 گىرام قىزىل پۇرچاق، 50 گىرام يەر ياڭىقى، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر تەييارلاش، ئۇلارنى پاكىزە يۇيۇپ تەييارلىۋالغاندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇش، ئاندىن ئوتتا بىر سائەت ئەتراپىدا قاينىتىش، ئاخىرىدا شورپىسى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش كېرەك.

بەش قىزىل شورپىسى تەركىبىدىكى ئالىقات بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، چىلان قان تولۇقلاپ، تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قىزىل پۇرچاق سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەندىكى ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، قان تولۇقلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، يەر ياڭىقى قان تولۇقلاپ، قان توختىتىدۇ، ئۆت، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، يەر ياڭىقى يېگەندە ھەرگىزمۇ قىزىل پوستىنى ئېلىۋەتمەسلىك كېرەك، قارا شېكەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، بەش قىزىل شورپىنى دائىم ئىچىپ بەرگەندە قاننى جانلاندۇرۇش، قان تولۇقلاش، ئۆت، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

قان ئاز ئاياللار بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئادەت قىلىڭ

2. پىچەكگۈل-قېرىنقۇلاق-قارا توخو شورپىسى

قارا توخونى پاكىزلاپ توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز، قېرىنقۇلاقنى سۇغا چىلاپ تەييارلايمىز، پىچەكگۈلنى پاكىزلاپ، ئالىقات بىلەن يۇيۇپ تەييارلىۋالىمىز، ھەممىسىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ بىللە قاينىتىمىز، كىچىك ئوتتا بىر سائەت ئەتراپىدا دۈملىگەندىن كېيىن باشقا دورا-دەرمەكلەرنى سېلىپ بىردەم قايناتقاندىن كېيىن ئېلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

قارا توخو ئاياللارنىڭ بەدەن قۇۋۋەتلەشتىكى ئالدىنقى تاللىشى بولالايدۇ، پىچەكگۈلنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولى بار، قىش پەسلىدىكى ياخشى بولغان بەدەن قۇۋۋەتلەش دورىسى، قېرىنقۇلاقنىڭ قان تولۇقلاش، ئۆپكىنى ياشارتىش، بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاش ئۈنۈمى بار.

قان ئاز ئاياللار بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئادەت قىلىڭ

3. ئۆردەك-تۇرۇپ شورپىسى

ئۆردەك گۆشىنى پاكىزە يۇيۇپ، تۇرۇپنىمۇ پاكىزە يۇيۇپ تەييارلىۋالىمىز، ئۆردەك گۆشىنى پاكىزلاپ قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز، ئۇنىڭغا زەنجىۋىل قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەرنى سالساق بولىدۇ، ئۆردەك گۆشىنى 40 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن تۇرۇپ، چىلان، ئالىقات قاتارلىقلارنى سېلىپ بىللە 20 مىنۇت قاينىتىمىز، پىشقاندىن كېيىن ئېلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئۆردەك گۆشى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان تولۇقلاپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، ئاياللارغا بەكلا پايدىلىق، تۇرۇپ بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بۇلارنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

قان ئاز ئاياللار بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئادەت قىلىڭ

4. پەمىدۇر-كالا گۆشى شورپىسى

پەمىدۇرنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ تەييارلىۋالىمىز، كالا گۆشىنى قازانغا سېلىپ سامساق، زەنجىۋىل قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەرنى سالىمىز، ئۇنىڭدىن كېىيىن پەمىدۇرنى سېلىپ يۇقىرى بېسىملىق قازاندا قاينىتىمىز.

كالا گۆشى تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، كالا گۆشى ۋە پەمىدۇرنى بىللە يېگەندە قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى، قان تولۇقلاپ بەدەن قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ.

يۇقىرىدا دېيىلگەن يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇلاردىن باشقا يەنە كۈندىلىك دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش، بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم، قان ئاياللارنىڭ جان تومۇرى، لېكىن نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلاردا قان ئازلىق ئالامىتى بار، شۇڭلاشقا قان ئاز كىشىلەر يۇقاردا دېيىلگەن ئۇسۇللار بويىچە قان تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى