ساغلاملىق

قان ئازلىق كېسىلىگە قايسى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

قان ئازلىق كېسىلىگە قايسى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

 

ئورنىدىن تۇرغاندا باش قېيىش پەقەت قان ئازلىقلا ئەمەس!

كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن باش قېيىش قان ئازلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراش شەكىللەنگەن، كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرمىغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا چىلان، قىزىل پۇرچاق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلسىلا ھېچ ئىش بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، كېسەل داۋالاشتا كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش كېرەك، ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بېشى قېيىش قان ئازلىق بولماستىن، بەلكى قان بېسىمى تۆۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، قان بېسىمى تۆۋەن بولۇشنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ھەرگىز باش قېيىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇلاق غوڭۇلداش، باش ئاغرىش، پۇت-قوللار مۇزلاش، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى چېكىنىش، ھەيز توختاش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قان بېسىمى تۆۋەن بولۇشنى يۈرەك فۇنكسىيەسى مۇكەممەل بولماسلىق، قان بېسىمى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ قان ئازلىق قان سۇيۇقلۇقىدىكى قىزىل قان شارچىسى ياكى ئاق قان شارچىسى ئازلاپ، ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن كېسەللىك. ئادەتتە تۆۋەن قان بېسىمىغا قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق باھا بەرگىلى بولىدۇ، قان ئازلىقنى قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ تەكشۈرگەندىلا ئېنىقلاشقا بولىدۇ.

قان ئازلىق كېسەللىكىگە قانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

2001-يىلىدىكى WHO ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادىكى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى ئىككى مىلياردتىن ئاشىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ %30نى ئىگىلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېرىمى تۆمۈر كەملىك سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، تۆمۈر ئازلىق سەۋەبىدىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنچى، قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەر

1.قارا توخو

قارا توخو شورپىسى ئىسسىق، زەئىپلىكنى داۋالايدۇ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قاننى تولۇقلاپ قاننى جانلاندۇرىدۇ، مۇزەككەر ۋە قان زەئىپلىككە ئوخشاشلا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە تۆمۈر ئېلېمېنتى مول بولۇپ مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بولۇپ، ئاياللاردىكى ھەيز رېتىمسىز بولۇش، تۆمۈر سەۋەبلىك قان ئازلىق قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ.

2.سەۋزە

تال-ئاشقازان يولى ۋە ئۆپكە يولىغا كىرىدۇ، قان تولۇقلاش، بۆرەكتىكى زەئىپلىك ھالىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارغا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدىغان ياخشى يېمەكلىك. ئۇنىڭ يەنە قان تولۇقلاپ جىگەرنى راۋانلاشتۇرۇش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش، قۇۋۋەت تولۇقلاش، جىگەردىكى قان بۇزۇلۇش سەۋەبلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، كۆزى كۆرمەسلىك قاتارلىقلارغا نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.

3.نېلۇپەر غولى

نېلۇپەر غولىنى خام يىگەندە ئىسسىق ھەيدەپ قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش، چۆكۈندىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق ئۈنۈمى بولىدۇ، پىششىق يىگەندە تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ قاننى جانلاندۇرۇش رولى ھاسىل قىلىدۇ. ئېغىز ۋە بۇرۇنلىرى قانايدىغان بىمارلار يېڭى نېلۇپەر غولى شىرنىسىنى ئىستېمال قىلسا تېز سۈرئەتتە قان توختىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

4.قارا مور

قاننى جانلاندۇرۇش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، نۇرلاندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە، ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر ئازلىق سەۋەبىدىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن سوغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان قارا مور، قورۇلغان قارا مور، قارا مور شورپىسى قاتارلىقلار قان تولۇقلاشتىكى ياخشى يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى، قان تولۇقلايدىغان مېۋىلەر

تۆمۈر سەۋەبلىك قان ئازلىق كېسەللىكىگە ۋىتامىن C تەركىبى بولغان مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. چۈنكى ئادەم بەدىنى ۋىتامىن Cنى سۈمۈرگەندىن كېيىن، ئۈچ ۋالېنتلىق تۆمۈر ماددىسى ئوكسىدسىزلىنىپ ئىككى ۋالېتنلىق تۆمۈرگە ئايلىنىدۇ، بۇ خىل تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر تەركىبىنى سۈمۈرۈشكە ياردەم بېرىش رولى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جىگەرنىڭ تۆمۈر ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، يەنە تېخى تۆمۈر سەۋەبلىك قان ئازلىقنى داۋالاشقا بولىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن C بولغان مېۋىلەر مايمۇن شاپتۇلى، چىلان، ئانار، ئاپېلسىن، بۆلجۈرگەن، مانگو، گىلاس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۈچىنچى، قان تولۇقلاش رولىغا ئىگە باشقا يېمەكلىكلەر

1.قارا كۈنجۈت

ئادەتتە بىز قىزىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ قان تولۇقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت دەپ قارايمىز، ئەمەلىيەتتە قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ قان تولۇقلاش ئىقتىدارىمۇ قىزىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ قان تولۇقلاش ئىقتىدارىدىن قېلىشمايدۇ. جۇڭيىدا قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر بۆرەككە بارىدۇ، بۆرەككە نىسبەتەن قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. قارا كۈنجۈت دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قان تولۇقلاش ئىقتىدارىنى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. قارا كۈنجۈت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بۆرەككە قان يەتكۈزۈش، جىگەرنىڭ قان ساقلىشى ۋە تالنىڭ قان تازىلاش ئىقتىدارىغا ياردەم بېرىدۇ.

2.چىلان

چىلان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، يەنە تېخى قان تولۇقلاپ روھنى تىنچلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆپكە ۋە يۈرەكنى نەملەش، خىلىتلىق تەڭشىلىش، توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرۇش، 12 جىڭلۇ يولى قاتارلىقلارغا پايدىلىق ئۈنۈم شەكىللەندۈرىدۇ. قان ئازلىق، چىرايى تاتىرىش، قاننى جانلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى تەڭشەش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ.

3.قارا پۇرچاق

پىرىنسىپى قارا كۈنجۈت بىلەن ئوخشاش، قارا پۇرچاق بۆرەككە كىرگەندىن كېيىن بۆرەكنى ياخشىلاپ، يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. دائىم قارا پۇرچاق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قېرىشقا قارشى تۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.

4.قارا شېكەر

قارا شېكەرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، مىجەزنى تەڭشەپ قان تولۇقلاش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى ئىللىتىش، ئاغرىق توختىتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ چۆكۈندىلەرنى تازىلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلىدۇ.

قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار قانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك؟

1.قېنىق دەملەنگەن چاي: چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى ناھايىتى ئاسانلا تۆۋەن ۋالېنتلىق تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ سۇدا ئېرىمەيدىغان تاننىن كىسلاتاسى شەكىللەندۈرىدۇ، نەتىجىدە تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

2.ماي قوبۇل قىلىش مىقدارىغا چوك قويۇش: زىيادە كۆپ مىقداردا ماي قوبۇل قىلغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زىيادە كۆپ مىقداردىكى ماي قان ئازلىق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى سۈمۈرۈشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ماي مىقدارى 70 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئادەتتە 50 گرام ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆسۈملۈك مېيى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

3.سامساق ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ: سامساق تەركىبىدە پارلىنىشچان ماددىلار كۆپ بولۇپ، سامساقنى زىيادە كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى چەكلەپ، قىزىل قان ئاقسىلى، قىزىل ھۈجەيرە قاتارلىقلارنىڭ سانىنى ئازلىتىدۇ، نەتىجىدە قان ئازلىق ھالىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

4.سۈتنى ئاز ئىستېمال قىلىش: سۈت تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن، بىراق كالتسىي، فوسفور تەركىبلىرى مول، بەدەندىكى تۆمۈر ناھايىتى ئاسانلا سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي، فوسفور بىلەن بىرىكىپ سۇدا ئېرىمەيدىغان تۆمۈر بېرىكمىلىرىگە ئايلىنىدۇ، نەتىجىدە بەدەندىكى تۆمۈر ماددا تەركىبى كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ.

5.ئىشقارلىق يېمەكلىلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش: ئىشقارلىق مۇھىت تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ ئىئونلىنىشى ۋە ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك، مەسىلەن مانتا، قارا بۇغداي ئۇنى قاتارلىقلار.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى