ساغلاملىق

قان ئازلىق كېسىلى بارلار تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى لازىم

قان ئاز كىشىلەر تۇغما قان ئازلىق ۋە كېيىن شەكىللەنگەن قان ئازلىق بولۇپ ئىككى خىل بولىدۇ. تۇغما قان ئازلىقتا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، مەسىلەن ئوتتۇرا دېڭىز قان ئازلىق كېسىلى ئېرسىيەتتىكى گېن كەمتۈكلىكىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.

تۇغما قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالاشتا ئوزۇقلۇققىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى نورمالسىزلىقتىن بولۇپ، بەدەندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ، بۇ چاغدا پەقەت تېببىي ۋاسىتە ئارقىلىق، قان ئازلىق كېسىلىدىكى ئالامەتلەرنى ئازايتىپ، ھاياتلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

قان ئازلىق كېسىلى بارلار تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى لازىم

كېيىن شەكىللەنگەن قان ئازلىق كېسىلى بولسا مەلۇم مىكرو ئېلېمېنتنىڭ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئوزۇقلۇق خاراكتېرلىك قان ئازلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇنى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، ئارام ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، كېيىن شەكىللەنگەن قان ئازلىق كېسىلى بولغان كىشىلەردە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

پۇت-قولى ئىسسىماسلىق، چىرايى تاتىرىش، بەدەن سوۋۇش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىقلار بولسا قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

قان ئازلىق كېسىلى بارلار تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى لازىم

قان ئازلىق كېسىلى كۆرۈلسە كۆپچىلىكنىڭ زىيادە ئەنسىرەپ كېتىشى ھاجەتسىز، ئەگەر بۇ كېسەللىك ئېغىرراق بولسا، دوختۇرغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. يېنىكرەك بولسا، ئوزۇقلۇق ئارقىلىقلا تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئوزۇقلانغاندا تېز سۈرئەتتە قان تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە قان تولۇقلاشقا كەلسەك، كىشىلەر بەلكىم گالدىن ئۆتكەن يېمەكلىكلەر يېڭى قان ھاسىل قىلىدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۇ يەردە ئېيتىلغان قان تولۇقلاش دېگىنىمىز قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىش بولۇپ، مەسىلىنى تۈپ مەنبەسىدىن ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن قان تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

قان ئازلىق كېسىلى بارلار تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى لازىم

قانداق نەرسىلەرنى يېسە قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇنى يەنە ئادەمگە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك، بەدىنى ھەدىدىن زىيادە ئاجىز ئادەملەر زىيادە قۇۋۋەتلىك يېسە بولمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا يۇمشاق ۋاستە ئارقىلىق كېسەلنى ئالدىرماي داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا قۇۋۋەتنى كۈچەيتىپ قان تولۇقلايدىغان ئۇماچلارنى ئىستىمال قىلىش كېرەك، ئۇماچ ئاسان ھەزىم بولىدۇ، تەركىبىدە يەنە يېتەرلىك سۇ بولۇپ، بەدەن تەرىپىدىن ئاسانلا سۈمۈرۈلىدۇ، لۇڭيەن چىلان ئۇمىچى، چىلان ئاق قېرىنقۇلاق ئۇمىچى قاتارلىقلارنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، بۇلارنىڭ تەركىبىدە چوقۇم چىلان بولۇشى كېرەك، چۈنكى چىلان قان تولۇقلاپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە مول مىقداردا تۆمۈر بار، لۇڭيەن ۋە ئاق قېرىنقۇلاق قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ، يەنە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، تالنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق شىپالىق ئۈنۈمگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.

بۇلاردىن باشقا يەنە قانداق يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قان تولۇقلاشقا بولىدۇ؟

1. تۇخۇم. تۇخۇمنى مۇۋاپىق ھالدا كۆپ يەپ بېرىش كېرەك، بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە مول مىقداردا تۆمۈر بولۇپ، قان ئازلىق كېسىلى بار بىمارلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

2. جىگەر. ھايۋانات جىگىرى بەدىنى بىرقەدەر ساغلام بولغان كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورۇق گۆش قاتارلىقلارنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا كۆپ يەپ بېرىش كېرەك. لېكىن بۇلار بەدىنىدە خولېستېرىن يۇقىرى بولغان ياكى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

قان ئازلىق كېسىلى بارلار تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى لازىم

3. يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر. پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى قان تولۇقلاشتىكى ياخشى تاللاشتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ئاقسىل بار.

4. ۋىتامىن C تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر. تەركىبىدە تۆمۈر ۋە ئاقسىل ككپ بولغان يېمەكلىكلەردىن باشقا، تېز سۈرئەتتە قان تولۇقلاش ئۈچۈن يەنە ۋىتامىن C تولۇقلاشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، چۈنكى، ۋىتامىن C بەدەننىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا قان ئازلىق كېسىلى بارلار مۇۋاپىق مىقداردا كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى يەپ، ۋىتامىن Cنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

ئومۇمەن، قان ئازلىق مەسىلىسى بارلار ئوزۇقلۇق جەزەتتە ككپرەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، زىيادە كۆپ يەۋالسىمۇ بولمايدۇ، مايلىق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرمۇ سالامەتلىككە پايدىسىز. تەكشى بولغان ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ،مۇۋاپىق مىقداردا قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى