ساغلاملىق

قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

بەدەندىكى بۇ ئالتە خىل ئۆزگىرىش قۇۋۋەت ۋە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر تەڭشەش كېرەك.

قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەردە قۇۋۋەت ۋە قان يېتىشمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قۇۋۋەت ۋە قان يېتىشمەسلىك ئاساسلىقى بەدەندىكى قاننىڭ كۆپ بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەزا توقۇلمىلىرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى راۋان بولمايدۇ، شۇڭا قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە قان يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، بەدەندە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئۇنداقتا قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

1. چىش يىگىلەشكە باشلايدۇ.

قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

قۇۋۋەت ۋە قان يېتەرسىز كىشىلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى چىش يىگىلەش بولۇپ، ئەگەر ئادەتتە چىش چوتكىلىغاندا چىش يىگىلەش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتتا كۆرۈنۈپ قالغان چىش يىلتىزى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. چىش بوشاپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بۇ بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قۇۋۋەت ۋە قان يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا چوقۇم ۋاقتىدا تەڭشەپ، قۇۋۋەت تولۇقلاپ، قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا داۋالاش كېرەك.

2. كۆز قارىماققا نۇرسىز كۆرۈنىدۇ

قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەدەندە قۇۋۋەت ۋە قان يېتىشمىگەندە كۆزگە تەسىر قىلىپ، كۆز نۇرسىز كۆرۈنىدۇ. كۆزىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىتىش، كىچىك كېسەلنى سۆرەپ ئېغىر كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.

3. چاچ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىش پەرقى

قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

چاچ سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ئارقىلىق ئورگانىزم ئىچىدە قان ۋە قۇۋەتنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر قان يېتەرلىك بولمىسا چاچ ناھايىتى ناچار بولۇپ، ئاسان قۇرۇپ، سارغىيىپ كېتىدۇ، يەنە چاچ مايلىشىپ كېتىش ئېغىر بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە چاچ تارىغاندا چاچتا ئۆزگىرىش بايقالسا، قۇۋۋەت ۋە قان يېتىشمەسلىكتىن ھوشيار بولۇپ، ۋاقتىدا قان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بالدۇر داۋالىغاندا كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

4. ئۇيقۇسىزلىق

قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

بەدەندە قۇۋۋەت ۋە قان يېتەرلىك بولمىغاندا، ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كېچىدە ئۇخلىغاندا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلىگەندە، يەنە بەدەندىكى باشقا ئەزالار ۋە توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىدۇ. قان ۋە قۇۋۋەت يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ كېچىسى ئۇخلىغاندا نەپەسلەنگەن ئاۋازى باشقىلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بەدەندىكى قۇۋۋەت ۋە قاننى تولۇقلاش كېرەك.

5. پۇت-قولى مۇزلاش

قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

ئادەم بەدىنىدە قۇۋۋەت ۋە قان يېتەرلىك بولمىغاندا، پۇت-قولنىڭ تېمپېراتۇرىسى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، بولۇپمۇ سوغۇق ھاۋادا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسلىقى ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ، پۇت-قول مۇزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، چوقۇم ۋاقتىدا قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلاپ بەدەننى تەڭشەش كېرەك.

6. تېرە يىرىكلىشىش

قان يېتىشمىگەندە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

تېرە ھالىتىمۇ بەدەندىكى قۇۋۋەت ۋە قاننىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلېكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئادەم قۇۋۋەت ۋە قان يېتەرلىك بولمىغاندا تېرە ئاستا-ئاستا يىرىكلىشىدۇ، ئاساسلىقى قان كەمچىل بولغاندىن كېيىن، تېرىدە ئوزۇقلۇق ئېقىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا چىراينىڭ تاتىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەندە يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەش، قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك. ھەرىكەت جەريانىدا قان ئايلىنىش، مېتابولىزم تېزلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندە قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنە ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تۈنەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى