ساغلاملىق

ئاياللاردىكى قان يېتىشمەسلىككە نېمە يېسە ئەڭ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ؟

تۇنجى ھەيز كەلگەندىن باشلاپ، نۇرغۇن خانىم-قىزلاردا ئاستا-ئاستا قان يېتىشمەي، دائىم بېشى قېيىش، ھەيز نورمالسىزلىشىش، ھەتتا بەزىلىرىدە قان ئازلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللار سىزدە كۆرۈلۈپ باققانمۇ، دوستۇم؟ ئۇنداقتا سىزگە بىرقانچە خىل قان تولۇقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرىنى تەۋسىيە قىلاي.

1. ۋۇخوڭتاڭ شورپىسى (五红汤):

چىلان، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق يەرياڭىقى، ئالقاتلارنى پاكىز يۇيۇپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ، قارا شېكەر سېلىپ تەمىنى تەڭشىسىلا ۋۇخوڭتاڭ شورپىسى تەييار بولىدۇ. بۇ خىل شورپا بارلىق ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، يەنى قاننى قۇۋۋەتلەپ، قان توختىتىش رولى ئىگە. ئادەتتە قان يېتىشمەيدىغان، قان ئاز خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئېچىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئاياللاردىكى قان يېتىشمەسلىككە نېمە يېسە ئەڭ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ؟

2. ئاق مور چىلان شورپىسى(银耳红枣汤):

ئالدى بىلەن ئاق مورنى سۇغا چىلايمىز، ئاندىن ئاق موردىكى سۇلارنى قۇرۇتىۋېتىپ، لۇڭيەن، ئالقات، چىلان بىلەن بىللە قاينىتىمىز، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى ناۋات قوشساقلا ئاق مور چىلان شورپىسى تەييار بولىدۇ. بۇ شورپا قاننى قۇۋۋەتلەپ، ئىچى سىقىلىشنى تۈگىتىپلا قالماستىن، يەنە نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ دائىم ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ.

ئاياللاردىكى قان يېتىشمەسلىككە نېمە يېسە ئەڭ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ؟

3. چىلان ئۇمىچى:

ئاۋۋال گۈرۈچنى سۇغا يېرىم سائەت چىلاپ قويىمىز، ئاندىن چىلان بىلەن بىللە قاينىتىپ، تاكى ئۇماچ قويۇق ھالەت كەلگەندىن كېيىن ناۋات سېلىپ تەمىنى تەڭشىسەكلا چىلان ئۇمىچى تەييار بولىدۇ. بۇ ئۇماچ قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، بولۇپمۇ تېنى ئاجىز، تال ۋە ئاشقازىنىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ۋە ئوپېراتسىيە قىلغان بىمارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايىتى باب كېلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى