ساغلاملىق

قان ئازلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى

بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن قان ئازلىقنىڭ دەردىنى تارتىدىغان كىشىلەر بىر قەدەر كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر تۇرمۇش ئەھۋالىمىز ياخشىلانغاندىن كېيىنمۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە قان ئازلىق ئالامىتى كۆرىلىدۇ، نېمىشقا؟

قان ئازلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى

  1. قان ئازلىقنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

قان ئازلىقنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى ماغدۇرسىزلىنىش، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى يۈرەك سېلىش، نەپەس قىسىلىش قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا قان ئاز كىشىلەردە باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، باش ئاغرىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆز ئالدىدا قارا چىكىتلەر پەيدا بولۇش، ئىنكاسى ئاستىلاش، ئىشتىھاسى ناچار بولۇش، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان بىئارام بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

يۇقاردا ئېيتىلگەن ئالامەتلەر كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇش، نۇرغۇنلىغان قان ئازلىق كېسىلى بىمارلىرى ئۆزىگە يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۈرەك كېىسلى ياكى باشقا نېرۋا سېستىمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ قارايدۇ، لېكىن يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان ھوشيار بولۇش، كېسەللىككە قاراپ دورا قىلىش كېرەك.

قان ئازلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى

2. قان ئازلىققا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

قان ئازلىقنى ئادەتتە قاننى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ، ئادەتتە قان تەكشۈرۈش قەغىزىدىكى قىزىل قان پىلازمىسىنىڭ قىممىتىدىن قان ئاز ياكى ئەمەسلېكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئادەتتە نورمال ئاياللارنىڭ قىزىل قان پىلازمىسىنىڭ قىممىتى 15-11 گىرام، ئەرلەرنىڭ 16-12 گىرام بولىدۇ، ئەگەر ئاياللارنىڭ قىزىل قان پىلازمىسى 11 گىرامدىن، ئەرلەرنىڭ 12 گىرامدىن تۆۋەن بولسا قان ئازلىق دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

قان ئازلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى

3. قان ئازلىق كېسەللىك ئەمەس

قان ئازلىق كېسەللىك ئەمەس، يەنى بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى، چۈنكى قان ئازلىقنىڭ كەينىگە باشقا كېسەللىكلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن سىز قىزىپ قالسىڭىز مەن قىزىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم دەمسىز؟ يۆتىلىپ قالسىڭىز يۆتىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم دەمسىز؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، قىزىش ۋە يۆتىلىش ھەممىسى زۇكام سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئالامەت ھېسابلىنىدۇ، قان ئازلىقمۇ دەل شۇنداق، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۆزىدە قان ئازلىقىنى بايقىغان ھامان ئالدى بىلەن قان ئازلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش، ئاندىن مۇنتىزىم داۋالىنىش كېرەك.

قان ئازلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى

4. قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر قايسى؟

قان ئازلىقنىڭ دائىم كۆرىلىدىغان سەۋەبى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئادەتتە بەدەندە تۆمۈر كەم بولۇش، ھۈجەيرىلەرنىڭ قان ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، ئاق قان كېىسلى، ئاستا خارەكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق، ئاستا خارەكتېرلىك جىگەر كېىسلى، ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا قان ئازلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندىلا سالامەتلىك تەكشۈرۈپ قان ئازلىقنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش، دوختۇرنىڭ مەسلەھەتى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.

قان ئازلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى

5. قان ئازلىقنى بايقىغاندىن كېيىن نېمىلەرنى تەكشۈرتۈش كېرەك؟

قان ئازلىقنى بايقىغاندىن كېيىن تۆمۈر ئاقسىل، يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىن B12 قاتارلىق ئۈچ تەكشۈرتۈشنى قىلدۇرۇش كېرەك، تەكشۈرتۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بولغان داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللىغلى بولىدۇ.

قان ئازلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى

6. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق قانداق بولىدۇ؟

ئادەتتە بەدەننىڭ قان ئىشلەپ چىقىرىشى ئۈچۈن تۆمۈر ئېلمىنىتى بولمىسا بولمايدۇ، بەدەندىكى تۆمۈر ئېلمىنىتى خوراپ كەتكەندىن كېيىن بەدەن قان ئىشلەپ چىقىرالمىغاچقا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بەزى كىشىلەر بىۋاستە تۆمۈر ئېلمىنىتى تولۇقلىسام، تەركىبىدە تۆمۈر ئېلمىنىتى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى يېسەم ئوڭشىلىپ كېتىمەن دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، ئاۋال بەدەندە نېمىشقا تۆمۈر ئېلمىنىتى كەملەپ كەتكەنلىك سەۋەبىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن ماس ھالدا داۋالاش قىلىش كېرەك.

قان ئازلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى

7. تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىقنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

بۇ خىلدىكى قان ئازلىقنى داۋالاشتا ئەھۋالغا قاراپ ئامال قوللىنىش كېرەك، مەسىلەن تاماق تاللايدىغانلار تاماق ئادىتىنى ياخشىلاش، ئاشقازان ئاغرىقى بارلار ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئاياللاردا ھەيز زىيادە كۆپ بولسا ئاياللار بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ داۋالىنىش دېگەندەك كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ داۋالىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر تولۇقلاشنى ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرۇش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا جىگەر، گۆش، تۇخۇم، پۇرچاق، چىلان، لامنارىيە، قارا قۇلاق، مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى