ساغلاملىق

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن دوختۇر ئۇرۇپ يىغلاتتى

ھامىلىدار ئايال يەڭگىگەندە، تۇغۇت ئۆيىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئائىلە كىشىلىرى تەشۋىش ۋە ئەنسىزلىك كەيپىياتىغا تولغان بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇنجى يىغا ئاۋازى بۇ كەيپىياتنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، خۇشاللىق ۋە بەخت ئاتا قىلىدۇ.

ھامىلدار بولغان مەزگىلدە، شياۋلياڭ نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ، ئاخىرى يەڭگىگەن. ئۆزى تۇغۇشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتكۈل جەريان ناھايىتى ئۇزۇن ھەم ئازابلىق ئىدى، ئەمما بوۋاق ئوڭۇشلۇق تۇغۇلغان شۇ پەيتتە، شياۋلياڭ بارلىق جاپا ۋە ئازابلارنىڭ ھېچقانچە ئىش ئەمەسلېكىنى ھېس قىلدى.

ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بالا يىغلىمىدى، پۈتكۈل ئوپېراتسىيەخانا جىمجىت بولۇپ كەتتى. دوختۇر بۇ چاغدا بالىنى كۈچەپ بىرنەچچە قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن، ئۆي ئىچىنى يىغا ئاۋازى قاپلىدى.

ئەمما، شياۋلياڭ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا دوختۇردىن: ـــ بالام شۇنچە كىچىك تۇرسا، ئۇنى ئۇرساڭ قانداق بولىدۇ؟ دوختۇر بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، ئاندىن سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ: «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى بەك مۇھىم، يىغلىماسلىق نورمال ئەمەس» دېدى.

ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر خىجىل بولۇپ، دوختۇرغا دەرھال رەھمەت ئېيتتى.

ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ يىغا ئاۋازى بالىنىڭ دۇنياغا كەلگەندىكى سىگنالى بولۇپ، ئاۋازى قانچە يۇقىرى بولسا ئۇنىڭ شۇنچە ساغلام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن دوختۇر ئۇرۇپ يىغلاتتى

تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىنىڭ قاتتىق يىغلىشى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبتىن بولىدۇ.

1. مۇھىت ئۆزگىرىشى

تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، بالا تۇرۇۋاتقان مۇھىت ئانىنىڭ بالىياتقۇسى بولۇپ، ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى ئانىنىڭ تېنىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ، ئاساسلىقى بالا ھەمراھى ۋە كىندىك ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار پەقەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ ھەمدە نەپەسلىنىش جەھەتتە، بالىلارنىڭ ئۆپكىسى ئايلىنىشقا باشلايدۇ، ئۇلار ئۆزلۈكىدىن نەپەسلىنىشكە موھتاج بولىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن دوختۇر ئۇرۇپ يىغلاتتى

ئۇنىڭدىن باشقا، بالىياتقۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 37 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما تۇغۇت ئۆيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 22 گرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، سۇيۇق ھالەتتىكى مۇھىتتىن قاتتىق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.

بۇنداق مۇھىت ئۆزگىرىشىگە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىردىنلا ماسلىشالمايدۇ، تەبىئىي ھالدا يىغا ئاۋازى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، تەدرىجىي ماسلاشقاندىن كېيىن، يىغلاشتىن توختايدۇ.

2. ساختا يىغلاش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن نەپەسلىنىشكە موھتاج بولىدۇ، نەپەس ئېلىش ۋە نەپەس چىقىرىش جەريانىدا بىر خىل بېسىم پەيدا بولىدۇ، ئۆزى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمىغاچقا، كېكىردەك مۇسكۇللىرى بۇ خىل بېسىمنى ھېس قىلغان ھامان قىسقىرايدۇ، ئاۋاز پەردىسىدە بۇنىڭدىن تەۋرىنىش پەيدا بولۇپ، يىغلىغان ئاۋاز چىقىدۇ.

3. تۇغۇلۇش بەلگىسى

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇستەقىل يەككە جانلىق بولۇپ قالىدۇ، ئانا تېنىغا بېقىنمايدۇ، يېڭى دۇنياغا يۈزلەنگەندە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقمۇ ھاياجانلىنىش ۋە بەختكە تولغان بولىدۇ، شۇڭا يىغا ئاۋازى بىلەن كىشىلەرگە ئۇنىڭ كەلگەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن دوختۇر ئۇرۇپ يىغلاتتى

تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن يىغلىماسلىقى مۇمكىن.

1. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب نەپەس يولىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ئىكەن.

تۇغۇت جەريانىدا بوۋاق باش سۈيى ياكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قاتارلىق ماددىلارنى كانايغا سۈمۈرۈۋالسا، نەپەس يولى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، نەپەس سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قىيىنلىشىپ، بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2. تۇغۇلغاندا ئۇزۇن ۋاقىت ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق بولغاندا نەپەس نېرۋا مەركىزى پالەچلىنىپ، بالا نەپەس ئېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ.

3. قورساقنى يېرىپ ئوپراتسىيە بولغاندا دائىم ناركوز قىلىش ۋە ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى تەركىبلەر نەپەس مەركىزى سېستىمىسنى تورمۇزلاپ قويۇشى مۇمكىن.

ئادەتتە بۇ ئەھۋاللار بوۋاقتا مەسىلە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەلۋەتتە دوختۇرلار ئەھۋالغا قاراپ داۋالاپ، تېخىمۇ زور خەۋپنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، بالىنىڭ كىندىكىنى كەسسە ئاغرىمدۇ؟

بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىندىكى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ھەر خىل ئوزۇقلۇق، ئوكسىگېن، ھەتتا چىقىرىش يوللىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە نېرۋا بىلەن تۇتىشىدۇ. ئەمما بوۋاقنىڭ كىندىكنى كەسكەندە ئانچە چوڭ سېزىم بولمايدۇ.

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن دوختۇر ئۇرۇپ يىغلاتتى

بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ___ گەرچە بۇ نېرۋا بىلەن تۇتاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نېرۋا پەقەت قان تومۇرلارنىڭ قىسقىراش قىسمىغا تەۋە بولۇپ، چوڭ مېڭىدىكى ئاغرىق سىستېمىسى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا ئاغرىق سېزىمى پەيدا قىلمايدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەزالىرى ۋە بەدەن ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئاغرىق سېزىمىمۇ تەبىئىي ئېغىر بولمايدۇ . شۇڭا، ئازراق ئاغرىق سېزىمى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز چوڭلارنىڭ تىرنىقىنى ئالغانغا ئوخشاش بولۇپ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى