ساغلاملىق

چىش كۆچۈرۈشتە نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىمىز؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىش كۆچۈرۈش كەم چىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئالدىن تاللاش بولۇپ قالدى. تۆۋەندە كەم چىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

«4 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېغىز بوشلۇقى تارقىلىشچان كېسەللىكلىرى ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈشى»كە ئاساسلانغاندا، 44-35ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلار توپى ئىچىدە، كوماك چىش كىشىلەرنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %36.4 بولۇپ، ئوتتۇرىچە چىش مىقدارى ھەر بىر ئادەمگە 29 تالدىن توغرا كەلگەن؛ 65-74ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ %86 ئىچىدە چىشى كوماك بولۇش، ئېغىزىدا چىشى قالماسلىق نىسبىتى % 4.5 بولۇپ، ئوتتۇرىچە چىش مىقدارى 22 تالدىن توغرا كېلىدىكەن.

بەزى كىشىلەر چىش كۆچۈرۈش ئارقىلىق چىش كۆچۈرۈش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بالدۇرلا بەھرىمەن بولدى. يەنە بەزى كىشىلەر چىش كۆچۈرۈشنىڭ داۋالاش جەريانىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، چىش سېلىش تىلغا ئېلىنسىلا مۇرەككەپ، سىرلىق ۋە ئاغرىقى ئازابىغا تولغان داۋالاش مەنزىرىسى كۆز ئالدىغا كېلىدۇ (ئۆزىنى ئۆزى قورقۇتۇپ نېمە جاپا؟)

چىش كۆچۈرۈشتە نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىمىز؟

ئادەتتىكى چىش كۆچۈرۈش تەرتىپىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:

1. ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش

2. كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

3. كۆچۈرگەندىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

تۆۋەندە بىز بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز:

1-باسقۇچ: ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش پۈتكۈل داۋالاشتىكى ئەڭ يېنىك ھالقا بولۇپ، ئادەتتە پەقەت بىر قېتىملا تەكشۈرسە بولىدۇ.

دوختۇرغا كۆرۈنگەندە دوختۇر ئېغىز بوشلۇقىڭىزدىكى چىشنىڭ كەم بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ؛ ئېغىز بوشلۇقىنى CTغا تارتىدۇ؛ بەزىدە يەنە چىش قېلىپى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوختۇر يەنە سىز بىلەن پاراڭلىشىپ، كۆچۈرۈپ داۋالاش تەرتىپى، كۆچۈرىدىغان چىشنىڭ تۈرى ۋە باھاسى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق سىزنىڭ چىش كۆچۈرۈش ئارقىلىق داۋالاشقا بولغان تونۇشىڭىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز چۈشەنمەكچى بولغان، دوختۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشتۇرمىغان ھەرقانداق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يۈرەكلىك ھالدا دوختۇردىن سورىسىڭىز بولىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى يۈز تۇرانە دىياگنوز قويۇشتىن بۇرۇن كىچىك دەپتەرگە ئۆزىنىڭ گۇمانىنى، سورىماقچى بولغان سوئاللىرىنى خاتىرىلىۋېلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا نەق مەيداندا سوئال سوراش تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولىدۇ. ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتىكى مەقسەت، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنىڭ چىش كۆچۈرۈش مەشغۇلاتىغا ماس كېلىدىغان ـ كەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر.

ئەگەر دوختۇر مۇۋاپىق دەپ قارىسا، سىزمۇ مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا 2ـ باسقۇچقا كىرىدۇ.

2-باسقۇچ: كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

بۇنى كۆچۈرۈش، داۋالاشتىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر قەدەم دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ھالقىدا كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە: ئاغرىمدۇ؟

ناركوز ئوكۇلى ئېلىپ كەلگەن ئاغرىقنى پەسەيتىش: بىرىنچى بولۇپ بىئارام قىلىدىغىنى ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇش. گەرچە دوختۇرلار ئادەتتە ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇشتىن بۇرۇن، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىگە ئازراق ئاغرىق توختىتىش مەلھىمى سۈرۈپ، ئوكۇل ئۇرغاندىكى ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. لېكىن ناركوز ئوكۇلىنىڭ ئاغرىقى ئوكۇل يىڭنىسى شىللىق پەردىنى تەشكەن دەقىقىدە مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، ناركوز ئوكۇلى شىللىق پەردىنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئۇرۇلۇپ كۆپۈش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ، كۆپ ھاللاردا ناركوز ئوكۇلى ئاغرىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى بولىدۇ. تەجرىبىسى مول دوختۇرلار ئوكۇل سېلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ خىل چىڭقىلىپ ئاغرىشنى ئىمكانقەدەر پەسەيتسە بولىدۇ.

ئالماس يىڭنە ئېلىپ كەلگەن تەۋرىنىش تۇيغۇسى: كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى جەريانىدا دوختۇرلار ئوخشىمىغان ئالماس يىڭنە بىلەن چىش كەم بولغان ئورۇندىكى سۆڭەككە بىر تۆشۈك تېشىپ چىقىدۇ (كۆچۈرۈش گەۋدىسىنى قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ). بۇ ئاڭلىماققا ئادەمنى قورقۇتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇلغاچقا سىز ھېچقانداق ئاغرىق ھېس قىلمايسىز، پەقەت بۇ بىر قەدەر كۈچلۈك تەۋرىنىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆشۈك تېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن ئورۇننىڭ بەك قىزىپ كېتىپ سۆڭەكنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ماشىنا كۆپ مىقداردا سۇ پۈركۈپ سوۋۇتىدۇ.

ئاغزىنى يوغان ئاچقاندىكى ئاغرىق: ئوپېراتسىيە ۋاقتىدا ئېغىزىڭىزنى بەك چوڭ ئېچىشىڭىز كېرەك. بەزى ئەھۋاللاردا، بىمار ئېنىقلا تىرىشىپ ئاغزىنى يوغان ئاچقان بولسىمۇ، دوختۇر يەنىلا رازى بولماي توختىماي، يەنىمۇ چوڭراق ئېچىڭ، يەنىمۇ چوڭراق ئېچىڭ دەيدۇ. بۇ چاغدا سىزنىڭ بىئاراملىق تۇيغۇڭىز، بىر تەرەپتىن ئېغىز ئېچىشتىن كەلگەن ھارغىنلىقتىن، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلىڭىزدە ئېنىقلا ئامالنىڭ بارىچە ماسلاشقان بولسىڭىزمۇ، لېكىن يەنىلا دوختۇرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇۋالچىلىقتىن كېلىدۇ.

لىپوزوما ئېلىپ كەلگەن ئاغرىق سېزىمى: كۆچۈرگەندە بەزىلەر سۆڭەكنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىن كەلگەن بىر خىل كېڭىيىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئازابى تۈرلۈك مەشغۇلاتلار ئىچىدە ئوتتۇرىدىكى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئاغرىق دەرىجىسى بىر ئەقىل چىشىنى يۇلۇۋەتكەنگە باراۋەر، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئاغرىق، ئىششىق ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر يېنىك بولىدۇ. ئوپېراتسىيەنى تاماملاپ 10-7 كۈندىن كېيىن، قايتا تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىپنى ئېلىۋېتىش كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆچۈرۈش گەۋدىسىنىڭ تۇتىشىش مەزگىلىگە كىرىدۇ.

3-باسقۇچ: كۆچۈرگەندىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

يۇقىرى تەرتىپ-باسقۇچلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن، چىش قېلىپىنى ئېلىۋېتىشتىن بۇرۇن، يەنە بىر قېتىملىق «ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئوپېراتسىيە» جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: چىش مىلىكىدىن بىر كىچىك ئېغىز ئېچىپ، چىش گەۋدىسىنى چىقىرىش ئارقىلىق چىش مىلېكىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش. كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئادەتتە ئىككى قېتىم تەكشۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

1ـ قېتىمدا: كۆچۈرۈلىدىغان چىشقا «تەبىئىي چىش»تىن قېلىپ ئېلىش ئارقىلىق چىشىڭىزنىڭ چىشلىشىش ئەھۋالىنى نۇسخىلاش. بۇنىڭدىكى مەقسەت چىشنىڭ ئورۇن ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش بولۇپ، بۇ چىش كۆچۈرۈشنىڭ سۆڭەك ئىچىدىكى ئورنى، چىش كۆچۈرۈش ۋە تەبىئىي چىشنىڭ نىسپىي ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2ـ قېتىمدا: چىش قاپچۇقىنى كۆچۈرۈپ چىش گەۋدىسىگە ئورنىتىش. كۆچۈرۈش جەريانىدا قېلىپ ئېلىش ۋە ياساش جەريانىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان خاتالىقلار تۈپەيلىدىن، دوختۇر چىش قاپچۇقىنى قايتا ـ قايتا تەڭشەپ، ئېغىز بوشلۇقى ھالىتىڭىز بىلەن پۈتۈنلەي ماسلاشقاندىلا، ئاندىن ئۇنى كۆچۈرۈش گەۋدىسىگە مۇقىملاشتۇرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى