تەبىئەت

گۈل بولار، كەترەنچىلىك سەت بولار

گۈل بولار، كەترەنچىلىك سەت بولار

بۇ قېتىمقى بايقاشتا كەترەن گۈلىنىڭ سورتى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئۈچتىن بىر قىسىم يېڭى تۈر مۇشۇ جەمەتتىن بايقالغان بولۇپ، بۇ قېتىم جەمئىي 19 خىل كەترەن گۈلىنى بايقىدى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى قوڭۇر رەڭلىك كىچىك گۈل بولۇپ كەترەن گۈلىگە زادىلا ئوخشىمايتتى، لوندوندىكى بىيولوگلار ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ سەت كەترەن گۈلى» دەپ ئاتىدى، ئۇنىڭ شەكلىنىڭ بىز ئادەتتە كۆرۈپ ئادەتلەنگەن كەترەن گۈلى بىلەن قىلچە ئوخشاشلىقى يوق ئىدى، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى يوق، قوڭۇر رەڭلىك، ئەت (گۆش) سۈپىتى ياخشى، سايىنى ياخشى كۆرىدۇ، قارىماققا سەل قورقۇنچلۇق ۋە ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشتۇرىدۇ، لېكىن كىشىگە ئۆزىدە بىر خىل ئاپېلسىن ۋە ئەتىرگۈلنىڭ خۇش پۇرىقى باردەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

گۈل بولار، كەترەنچىلىك سەت بولار

لوندون ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ بىئولوگى مارتىن چىك (Martin Cheek) بىر باياناتىدا «كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەترەن گۈلىنى ئاجايىپ چىرايلىق دەپ قارايدۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلار بۇ يىل ماداغاسقار ئورمانلىقىدا بۇ خىل كەترەن گۈلىنىڭ بىزنىڭ ئويىمىز بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشىلىقى، ئۇنىڭ 11 مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى گۈلى بارلىقى ھەمدە ئىنتايىن كىچىك ۋە بەك سەتلېكىنى بايقىدى» دېدى. كەترەن گۈلىنىڭ بۇ تۈرى قوغدىلىدىغان تۈرلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالىملار يەنە باشقا ئاجايىپ يېڭى تۈرلەرنى، جۈملىدىن ئەنگلىيەدىكى ئالتە خىل يېڭى زەمبۇرۇغنى، پېرۇدىكى بەرەنگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنى بايقىدى، ئالىملار ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى يېمەكلىك مەنبەسى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. يەنە تېخى ئاز ئۇچرايدىغان، نامبىيەنىڭ قۇرغاق رايونلىرىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئاجايىپ چاتقالمۇ بار، بۇ خىل چاتقال ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى شالاڭ بولۇپ، قۇملۇقتا ئۆسىدۇ، ئۆسكەن رايونىنىڭ كىلىمات شارائىتى ناچار بولغاچقا، يوپۇرماقلىرىنىڭ سانى ئاران مىڭ تالغىمۇ يەتمەيدۇ. بىرازىلىيەدە يەنە ئاناناس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل ئۆسۈملۈك بايقالدى، ئۇنى ھەرە قۇش چاڭلاشتۇردى، بىيولوگلار چۈشەندۈرۈپ «ئۇ بىرازىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھاك تاش تىك قىيادا ئۆسىدۇ، لېكىن ئىنسانلار زور مىقداردا ھاك تاش قېزىپ سېمونت ياساشقا ئىشلەتكەچكە، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان» دېدى. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۇ بايقاش ھەققىدە، لوندون ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى بىيولوگىيە ئالىمى مارتىن چىك يەنە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «بىز دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ، ھەر بەش خىل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۆسۈملۈك ئىچىدە ئىككى خىلىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن بۇرۇن ئۇلارنى ئىزدەش، باھالاش، نام قويۇش ۋە قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيتىمىز، ھېسابتا بىز ۋاقىت بىلەن بەسلىشىۋاتىمىز» دېدى. بەلكىم 2020-يىلى بايقالغان بۇ يېڭى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىمۇ يېڭىچە ئۈمىد يۇلتۇزىغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ بىزنىڭ 2021-يىلىدىكى يېڭى تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
  • پېدىگەن
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى