ساغلاملىق

قان ئازلىققا شىپا رېتسىپلار

قان ئازلىققا شىپا رېتسىپلار

قان ئازلىققا شىپالىق رېتسىپلار
قان ئازلىق كېسەللىكىدە چىراي، كالپۇك ۋە تىرناقلار تاتىرىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، كۆپ چۈش كۆرۈش، ھەيز ئاز كېلىش ياكى ھەيز كېسىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
تۆۋەندە بۇنى داۋالاشنىڭ ئاددىي رېتسېپىنى تونۇشتۇرىمىز.
بىرىنچى رېتسېپ:
ئىككى يۈز ئەللىك گىرام پالەكنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، ئىككى دانە تۇخۇمنى چېقىپ ئوبدان چېلىپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئاندىن قاسرىقى ئېلىۋېتىلگەن قۇرۇتۇلغان كىچىك راكنى سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىغاندىن كېيىن پالەكنى سېلىپ چېلىپ قويغان تۇخۇمنى قۇيۇپ، تۇز ۋە تېتىتقۇ سېلىنىپ، بىر ئىككى ئۆرلىتىپ، ئاندىن سالات مېيىدىن تېمىتىپ تەييارلاپ يېيىلىدۇ.
شىپالىق رولى: قان تولۇقلايدۇ.
ئىككىنچى رېتسېپ:
يۈز گرام دۇفۇنى پاكىز يۇيۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم ئېقى بىلەن سۇدا پىشۇرۇپ، تەييارلىنىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىپالىق رولى: قان ئازلىققا پايدا قىلىدۇ.
ئۈچىنچى رېتسېپ:
يۈز گرام بېدىنى پاكىز يۇيۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ سۈزۈپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، دائىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ساپ قان پەيدا قىلىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
تۆتىنچى رېتسېپ:
يۈز گىرام يېڭى پالەكنى پاكىز يۇيۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا ئون مىنۇت قاينىتىپ، پىسەپلىرى سۈزۈۋېلىپ تەييارلىنىدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىلىدۇ.
شىپالىق رولى: قان ئازلىققا، قوشۇمچە نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش