ساغلاملىق

ھامىلىدارلار شۇنچە ياخشى يېسىمۇ نېمىشقا يەنە كەم قان بولۇپ قالىدۇ؟

ھامىلىدارلار شۇنچە ياخشى يېسىمۇ نېمىشقا يەنە كەم قان بولۇپ قالىدۇ؟

  كەم قانلىق ئوزۇقلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر خىل كېسەللىك. كەم قانلىق ئانىنى ماغدۇرسىز، يۈرىكى سالىدىغان، بېشى قايىدىغان قىلىپ قويغاندىن باشقا، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھامىلىدارلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. لېكىن تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە ھامىلىدارلارنىڭ كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30 ~ %10كىچە بولغان. نۇرغۇن ھامىلىدارلاردا يېنىك دەرىجىدە ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدە كەم قانلىق كۆرۈلسە، ئۆزى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا، كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا قاننى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

  ھامىلىدار مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كەم قانلىق _ تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، يەنە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان كەم قانلىقنى كۆرسىتىدۇ. تۆمۈر، كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىغىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ھامىلىگىمۇ يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئانا بەدىنىدىكى قان ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى مەزگىلدىكىدىن %50 ~ %30كىچە كۆپىيىدۇ. گېموگلوبىننىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېھتىياجغا قاراپ قانمۇ تولۇقلىنىدۇ.

  ھازىر ھامىلىدارلارنىڭ ئوزۇقى شۇنچە ياخشى تۇرسا يەنە نېمە ئۈچۈن كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ؟ چۈنكى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئىلمىي ئوزۇقلۇق تولۇقلاش لازىم. مەسىلەن: شورپىنىلا ئىچىپ گۆش يېمىسە، قوبۇل قىلىدىغان مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ. ياخشى بولغان غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت كەمچىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بىرىكمە ۋىتامىننى ئىزچىل يەپ بەرگەندە، ئاز مىقداردىكى تۆمۈر ئېلېمىنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈردىكى ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاسان كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ: ئەسلىدىنلا كەم قانلىق كېسىلى بار ئاياللار؛ كۆپ قېتىم ھامىلىدار بولغانلار؛ بىر يىل ئىچىدە ئۇدا ھامىلىدار بولغان ئاياللار؛ گۆشسىز تاماق يەيدىغان ئاياللار.

  تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش كېرەك. ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىك قېنىق رەڭلىك كۆكتات، بېلىق تۈرىدىكى، قۇش تۈرىدىكى ھەمدە قىزىل گۆشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كەم قانلىق ئېغىر بولغانلار يېمەكلىككە تايىنىپلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش كېرەك.

  يېمەكلىكنىڭ تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تورمۇزلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەكلىك يېيىشتىن بىر سائەت بۇرۇن تۆمۈر خۇرۇجىنى يېيىش ھەمدە ۋىتامىن Cنى قوشۇپ يېيىش كېرەك.

  ئومۇمەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، مۇۋاپىق يەپ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تۆمۈر كەملىك تۈرىدىكى كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ياخشى ئېلىش كېرەك. كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تەقدىردىمۇ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر ماددىسىنى يېگەندە مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى