ساغلاملىق

باش قېيىش قان ئازلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، نۇرغۇن كېسەللەر ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

باش قېيىش دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئۆز بەدىنى ياكى باشقا شەيئىلەر مىدىرلاۋاتقاندەك، سىلكىنىۋاتقاندەك، ئايلىنىۋاتقاندەك ۋە لەيلەۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، ئۇ كىچىك مېڭىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ساقلاش ئەزالىرىدا كېسەللىك كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ياكى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

باش قېيىشنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، باش ئىچى ئۆسمىسى، باش ئىچىدە يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئاساسىي نېرۋا خاراكتېرلىك باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ مېڭە ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، مېڭە سىلكىنىش قاتارلىقلار ئەتراپ خاراكتېرلىك باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ كۆز مۇسكۇلى پالچى، نۇر يىغىشى نورمال بولماسلىق قاتارلىقلار كۆز مەنبەلىك باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلە، مەسىلەن، ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، ئۆسمىلىك نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەردىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەرمۇ دائىم باشقا قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇ سەۋەبلەرگمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

باش قېيىش قان ئازلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، نۇرغۇن كېسەللەر ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

1. بەدەن ئورنى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى: نۇرغۇن كىشىلەر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرغاندا، بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى كىشىلەر قان ئازلىقتىن بولغان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل باش قېيىشنى بەدەن ئورنى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بەدەن ئورنى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك چوڭ مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقداردا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن، چوڭ مېڭىگە تۇيۇقسىز قان يېتىشمەي، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بىردەم ئارام ئالسا، باش قېيىش ئەھۋالى ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

2. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى: باش قېيىش بىلەن بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئوتتۇرىسىدا قارىماققا باغلىنىش يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. ناچار ئۇخلاش ھالىتى، توغرا بولمىغان خىزمەت ھالىتى قاتارلىق بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى، بويۇن ئومۇرتقىسىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىپ (بويۇن ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىق)، بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭ بېسېلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ سەۋەبلىك مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. يۇقىرى قان بېسىم: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى كۆپ ئۇچرايدۇ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ مېڭە ئارتېرىيە قىل قان تومۇرلىرىدا قېتىشىش ۋە توسۇلۇش قاتارلىق بىر قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، مېڭە ئارتېرىيە تومۇردىكى قاننىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك، باش قېيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قان بېسىمىنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك.

4. قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىش: قاندىكى ماي ماددىسى ئۆرلەپ كەتكەندە، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىپ، قاننىڭ تومۇردىكى ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ، بۇ سەۋەبلىك پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قاندىكى ماي مىقدارى ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

باش قېيىش قان ئازلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، نۇرغۇن كېسەللەر ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

5.تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى يۈرەك ئارتېرىيەسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، ئارتېرىيە تومۇرىدا بوتقىسىمان قېتىشىش پەيدا بولغاندا، بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزا ۋە توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان قاننىڭ مىقداردا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا كۆكرەك سانجىلىپ ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن باش قېيىش ئالامىتى دائىم كۆرۈلىدۇ،بۇ ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش سەۋەبلىك چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان.

ئەگەر سىزدە تۇرۇپ-تۇرۇپ باش قايىدىغان ئەھۋالى كۆرۈلسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ، تەپسىلىي تەكشۈرتۈپ، باش قېيىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا داۋالاش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى