ساغلاملىق

ھامىلدارلاردا نېمە ئۈچۈن ئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ؟

ھامىلدارلاردا نېمە ئۈچۈن ئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ؟

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان سىغىمى ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا % 45-40 ئەتراپىدا ئاشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدەن ئىككى جەھەتتىن تۆمۈرنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ:

ھامىلدار ئانىلار تېخىمۇ كۆپ تۆمۈرنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئارتۇقچە ئاشقان قان مىقدارىنى گېموگلوبىنغا بىرىكتۈرىدۇ.

قىسمەن تۆمۈر ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بوۋاق ۋە بالا ھەمراھىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللاردا ئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى يەنىلا تۆمۈر كەملىكتىن پەيدا بولغان قان ئازلىقتۇر.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان ئازلىقنىڭ تەسىرى كۆپ

1. ھامىلدار ئانىغا بولغان تەسىرى

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان ئازلىق بەدەندىكى بىئاراملىق ئالامىتى (باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھا ناچارلاش) پەيدا قىلىشتىن سىرت، يەنە تۇغۇتقا تەسىر قىلىدۇ، تۇغۇت جەريانىنى ئۇزارتىدۇ ھەتتا يۈرەك كېسىلى، تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ كېلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ھامىلىگە بولغان تەسىرى

ناھىيەسىگەرچە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يىنىك دەرىجىدىكى قان ئازلىق ھامىلىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، بىراق ئەگەر ئېغىر بولسا، ھامىلىگە يەتكۈزىلىدىغان ئوكسېگىنغا تەسىر قىلىپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىپ، ھامىلىنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشى ۋە بالدۇر تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان ئازلىق ئالامەتلىرى

1. چىرايى تاتىرىپ، كالپۇكىدا قان قالمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، تىرناقنىڭ ئاقىرىشىمۇ قان ئازلىقنىڭ بىر قەدەر روشەن ئالامەتلىرىنىڭ بىرى.

2. كۆكرەك سىقىلىپ، نەپەس يېتىشمەيدۇ. نەپەس راۋانسىزلىشىپ ھەتتا يۈرەك سېلىشى تېزلىشىدۇ.

3. ئىشتىھا ناچارلاپ، سېزىك ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا تۇراقسىزلاشسا قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسدۇر.

4. تەن ئاجىزلاپ، دىققىتىنى تەستە مەركەزلىشىدۇ، ئەگەر تەن قۇۋىتى بۇرۇنقىدىن ئاجىزدەك ھېس قىلسا دائىم بەدىنى ماغدۇرسىزلاشسا، ئاسانلا مۈگدىسە، دىققىتى تەستە مەركەزلەشسە بۇمۇ قان ئازلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ھامىلدارلاردا نېمە ئۈچۈن ئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ؟

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قاننى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

1. يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاش

تەركىبىدە تۆمۈر بولغان يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن: لوق گۆش، قارا قېرىنقۇلاق، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك. تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن: كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك، چۈنكى ئۇلاردىكى ۋىتامىن C تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2. دورا ئارقىلىق تولۇقلاش

ئەگەر قان ئازلىق ئەھۋالى بېكىتىلگەن بولسا، يالغۇز يېمەكلىك بىلەن تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەگەر تۆمۈر كەملىك سەۋەبىدىن پەيدا بولغان قان ئازلىق بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر رىئاكتىۋى ئىچىش كېرەك. باشقا ئەھۋاللاردىن پەيدا بولغان قان ئازلىقنىمۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە، ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتماسلىق كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى